رادار
نەزەرىيە ۋە تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئىنسانلار 1880 ـ يىلىدىن كېيىن رادار ياساش تېخنىكىسىنى ئاساسەن ئىگىلىۋالغان. 1864 ـ يىلى ئەنگلىيە فزىكا ئالىمى ماكسىۋىل نۇر بىلەن رادىئو دولقۇنىنىڭ ئوخشاشلا ئېلېكتروماگنىت دولقۇنىدىن تەركىب تاپىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، رادىئو دولقۇنىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى بىلەن نۇر سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان. 1888 ـ يىلى گېرمانىيە ئالىمى گېرتىس ئېلېكترود ئۇچقۇنى بىلەن تەۋرتىپ زەرەتلەش ئارقىلىق رادىئو دولقۇنى ھاسلىل قىلىشنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ، ماكسىۋىلنىڭ نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلىغان. 1895 ـ يىلى روسىيىلىك بوبوف رادىئو دولقۇنىنى قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىسى كەشىپ قىلىپ، قايتما رادىئو دولقۇنى ھادىسىسىنى بايقىغان ۋە ئادەتتە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان يىراقتىكى نىشاننى رادىئو دولقۇنى ئارقىلىق بايقىغىلى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. 1904 ـ يىلى گېرمانىيىلىك كەشپىياتچى كرېستىئان خىللېسمايىل رادىئو دولقۇنىنىڭ قايتما سېگنالى نەزەرىيىسىىدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىسىنى كەشىپ قىلىپ، پاتېنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. راندار گەرچە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى ئەمەلىي قوللىنىلىش دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسىمۇ لېكىن، ئىنسانلار بۇ ئارىلىقتا رادارغا بولغان ئېھتىياج ۋە ئىلىم ـ پەن تەرەققىياتى ۋەجىدىن، ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە رادارنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ماھىيەتلىك قەدەملىرىنى بېسىپ بولغان.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر رادار تەتقىقاتىغا تۇشمۇ تۇشتىن كىرىشكەن. ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە ئالىملىرى ھەربىي رادار تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەشلەر بولغان.
1934 ـ يىلى 3 ـ ئايدا ئامېرىكىلىق يوۋنگ بىلەن پېگگى ئەڭ بۇرۇنقى رادارنى ياساپ چىقىپ، ئۇ ئارقىلىق بىر مىل يىراقلىقتىكى ياغاچ ئايروپىلاننى ئوشۇشلۇق كۆزىتەلىگەن، ئەنگلىيە فىزىكا ئالىمى ۋاتېرسون ۋات، 1935 ـ يىلى تىززارد كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دۇنيادىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان، شەپەرەڭنىڭ ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىپ، نىشاندىن قايتقان دولقۇنغا ئاساسەن نىشاننىڭ ئونى ۋە چوڭ كىچىكلىكىنى بايقاش ئىقتىدارىغا تەقلىد قىلىنغان تۇنجى رادارنى ياساپ چىققان.
ھازرقى رادارلار يەنە نۇرغۇن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، نۇقۇل فىزىكىلىك راداردىن، ئوپتىك رادار ۋە ئېلىكتىر چاستوتىلىق رادارغا تەرەققى قىلىپ ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇش ئىشلىرىدىلا ئەمەس، ئاسترونومىيە، ھاۋارايى، قاتناش ۋە يول باشلاش قاتارلىق باشقا ساھەلىرىدىمۇ ئىنتايىن كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
-«دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز كەشپىيات» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 8
>