ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ماگىللا

ماگىللانىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرى

 

     1519-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىسپانىيىنىڭ سېۋىليە شەھىرى سىرتىدىكى پورتتىن بەش كېمە، 234 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان يىراققا سەپەر قىلىش كارۋىنى يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى. بۇ كىمە كارۋاندىكى ھەر بىر ئادەم قوللىرىغا شەمشەر ۋە خەنجەر ئىلىۋالغاچقا، بەئەينى ئىستىچىلار پىلوتىغا ئوخشاپ كىتىۋاتسىمۇ، ئەمما كېمىلەرگە قاچىلانغان خىلمۇ خىل توۋارلارىن قارىغاندا، يەنە يىراق ئوكيانلار تەرەپكە بارىدىغان سودا كارۋىنىغىمۇ ئوخشاپ كىتەتتى.  ئۇنى پىلوت دىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى . ئۇلار يىراق ئوكيانلارغا ئېكىسپىدىتسىيىگە باراتتى:سودا كارۋىنى دىسىمۇ ئەقلىغە سىغىدۇ، چۈنكى ئۇلار يېڭى سودا يولى ئاچماقچى ئىدى. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ، ئۇلار مۇستەملىكە دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى ئىدى. ئەسلىدە، بۇ قىتىمقى سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى، ئىسپانىيە پادىشاسى ئۇلارغا:ئەگەر يېڭى يەر تىپىلسا پىلوتىنىڭ قوماندانى ئۇ يەرنىڭ باش ۋالىسى بولىدۇ، ھەر يىلى ئۇ يەرلەردىن كېلىدىغان بايلىقنىڭ 20دىن بىر قىسمى ئۇنىڭغا ئىنئام قىلىندۇ، ئەگەر تېپىلغان ئارال ئالتىدىن ئېشىپ كەتسە، قوماندان بۇ ئاراللاردىن ئىككىنى ئۆز تەسەررودىغا ئېلىپ، ئۇ يەردىكى بارلىق بايلىقلارنىڭ 15تىن بىر قىسمىغا ئىگە بولىدۇ، دەپ تىلخەت يېزىپ بەرگەن ھەمدە بۇ ھوقوقلارغا ۋارىسلىق قىلىشنى زاتى ئەۋلادىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىمۇ بەلگىلگەن ئىدى.  بۇ پىلوتنىڭ قوماندانى پورتۇگالىيىلىك ماگېللان ئىدى.
    ئىسپانىيە پىلوتىغا قانداق ئادەم بولۇپ پورتۇگالىيىلىك بىر ئادەم قوماندان بولۇپ قالدى؟ بۇ يەردە مۇرەككەپ بىر جەريان بار.  ماگىللان، دېڭىزچىلىقتا ناھايىتى تەجىربىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ئىدى، ئۇ 1480-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر سۇنغان پومشىىشىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئون يىشىدا ئوردىغا كىرىپ خىزمەت ئۆتەپ، خانىشنىڭ نەۋكىرى بولغان‪. ‬16يىشىدا مەملىكەتلىك دېڭىز ئىشلىرى نازارىتىگە كىرگەن. ئۇ چاغدا، كولومبو، ئامېرىكا يېڭى قۇرۇقلىغىنى تېپىڭ بولغان، گاما ، ھىندىستانغا بارىدىغان يېڭى دېڭىز يولىنى ئىچىپ بولغان ئىدى. ياش ماگىللان بۇ كەشپىياتلارغا ناھايىتى مەپتۇن بولدى‪. ‬25ياشقا كىرگەندە ، ماگىللان، ھىندىستانغا سەپەر قىلدى ھەمدە ئافرىقىنى مۇستەملىكە قىلىش ئۇرىشىغا قاتناشتى. كىيىنكى كۈنلەردە يەنە شۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى مالاككاغا باردى ۋە ئۇ يەردە سودا بازارلىرىنى تالىشىش ئۈچۈن ئەرەپ سودىگەرلىرى بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق جەڭگە قاتناشى. ماگېللان ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ ئۈچ قىتىم يارىدار بولدى. شۇڭا، ئۇ ھىندىستاندىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىشكە بەل باغلىدى. بۇ چاغدا، ئۇ 30ياشقا كىرگەن ئىدى.  ئىش تەتۈرىدىن چىقتى، ۋەتىنىگە قايتش سەپىرىدە كېمە خادا تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتتى، كېمىدىكىلەر كىچىككىنە بىر قاقاس ئارالغا قاپسىلىپ قالدى. بۇ يەردە يا يىمەكلىك، يا تاتلىق سۇ يوق ئىدى. ھىندى ئوكياننىڭ سەرتان ئىسسىغى تېخىمۇ چىدىغۇسىز ئىدى. كېمىچىلەر دات-پەريارت كۆتىرىپ، پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. ماگىللان قەتئىي ھەم ئېغىر-بىسىقلىق بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلىپ، ئاخىرى قۇتقۇزۇش كېمىسى كەلگىچە ساقلاپ تۇردى. يۇقۇرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ماگىللان قەتئىي ھەم كېمىسى كەلگىچە ساقلاپ تۇردى. يۇقۇرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ماگىللانى كاپىتانلىققا ئۆستۈردى. ماگىللان كاپىتان بولغاندىن كىيىن ۋەتىنگە قايتماي، ئارمىيىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە توغرا كەلدى ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا كۆپ قىتىملىق مۇستەملىكچىلىك ئۇرۇشىغا قاتناشتى. ئەمما بۇ باسقۇچتىكى كەچۇرمىشلەر ئۇنىڭ كىيىنچە يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. چۈنكى ئۇ دورا-دەرمەك تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىي تەرىپى يەنىلا تۇتاش كەتكەن دىڭىز ئىكەنلىگىنى ئەمەلىيەتتە بىلىۋالدى. ئۇ، بۇ دىڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپى دەل يىڭىدىن تېپىلغان ئامېرىكا قىتئەسى ئىكەنلىكىگىنى ئىشەنچ بىلەن پەرەز قىلدى. كەڭ زىمىننىڭ يۇمۇلاقلىقىغا قەتئىي ئىشىنىپ، يەر شارىنى بىر قىتىم ئايلىنىپ چىقىشقا-ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىجادىيەت يارىتىشقا ئىنتىزار بولدى.  ماگىلللان 33ياشقا كىرگەندە پورتۇگالىيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ بىر كىمە كارۋىنى تەشكىللەپ ئېكىسپىدىتسىيىگە چىقىشنى، يەر شارىنى ئايلىندىغان دېڭىز سەپىرى قىلىشنى پادىشاغا تەكرار ئىلتىماس قىلدى. لېكىن، پورتۇگالىيە شەرىقنىڭ سودىسىنى ئاللىقاچان تىزگىنلىۋالغاچقا، يېڭىدىن دېڭىز يولى ئىچىشقا پۇل خەجلەشنى خالىمايتتى. ماگىللان، دېڭىز سەپىرىدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كىيىن، 1517-يىلى 10-ئايدا، غەزەپ بىلەن پورتۇگالىيىدىن ئايرىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ سېۋلىيە شەھىرىگە باردى ۋە يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىش ئىلتىماسىنى ئۇ يەردىمۇ يەنە بىر قىتىم ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى. سېۋىلىيە قورول قوماندانى ئۇنىڭ قابىلىيىتى ۋە جاسارىتىگە ئىنتايىن قايىل بولۇپ، ئۇنىڭ تەلىۋىنى قوللاپلا قالماستىن ، بەلكى ئۆزىنىڭ قىزىنىمۇ ئۇنىڭ نىكايىغا بەردى.
     1518-يىلى 3-ئايدا، ئىسپانىيە پادىشاسى كارىل، ماگىللانى قۇبۇل قىلدى. ماگىللان ئىنتايىن تەپسىلىي ئىشلەنگەن بىر گۇلبۇسنى پادىشاغا ھەدىيە قىلدى ھەمدە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سەپەر پىلانىنى چۈشەندۈردى. پادىشا ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى شۇ ھامانلا تەستىقلىدى ۋە ئۇنىڭغا بىر كېمە كارۋىنىنى تەشكىللەپ يولغا چىقىشقا پەرمان بەردى.  بۇنچىۋالا چوڭ ئىشنى پورتۇگالىيە پادىشاسىدىن قانداقمۇ يۇشۇرىلى بولسۇن؟ ئۇ ئىسپانىيە تەسىر دائىرىسىنىڭ پورتۇگالىيىدىن ئۆتۈپ كىتىشىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلاتتى. شۇڭا، ئۇ ماگىللانىڭ كارۋىنىغا جاسۇسلارنى ئەۋەتىپ، پۇرسەت كەلتۈرۈپ بۇزۇنچىلىق قىلىشقا، كېمىچىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا، ھەتتا ماگىللانى مەخپىي ئۆلتۈرۈشكە تەييارلاندى. ئىسپانىيە ھۆكۈمران گوروھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ مەزھەپچىلىك كۈرىشى جىددىي بولغاچقا، ئۇلارمۇ ئۆز ئالدىغا بەزى مۇرىتلىرىنى قىستۇردى. شۇڭا كىمە كارۋىنى يولغا چىققاندا، تاشقىي جەھەتتىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا ھەرخىل خەۋىپ يۇشۇرۇنغان ئىدى.  كارۋان چەكسىز دولقۇنلار ئۆركەشلەپ تۇرىدىغان ئاتلانتىك ئوكياندا غەرىپكە قاراپ توپ-توغرا 70كۈن يول يۈرۈپ 11- ئاينىڭ 29-كۈنى بىرازىلىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يىتىپ باردى.
    ماگىللاننىڭ كېمە ئەترىتى 1519-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۆز يەتمەس دېڭىز بوغۇزى(ھازىرقى ئۇراگۋي پايتەختىنىڭ يېنىدىكى لا-پلاتا دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزى)غا يېتىپ باردى.  «دېڭىز بوغۇزى تېپىلدى!دېڭىز بوغۇى تىپىلدى!» كېمىچىلەرنىڭ خۇشاللىغىدىن تەنتەنە قىلىشىپ، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ چېكىگە چىقىپتۇق، ئەمدى يېڭى ئوكيانغا ئوڭايلا كىرىپ كىتىمىز، دەپ قاراشتى. ئەمما ئەمىلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ يەرنىڭ بىر دەريا ئېغىزى ئىكەنلىگى ئېنىقلاندى.  كارۋان داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ئىلگىرلىدى. غۇيۇلداپ چىقىۋاتقان ئىزغىن شاماللار كېمىچىلەرگە مۇزدىن ياسالغان شەمشەر كەبى ئۇرۇلۇپ، ھەممەيلەننى لاغ-لاغ تىتىرتەتتى. ئىغىن شاماللارغا جۆر بولۇپ پاختەكتەك چۈشىۋاتقان قارلار تۈپۈيلى، كېمىلەرنىڭ سىرتى پۈتۈنلەي مۇزلاپ كەتكەن ئىدى.  3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، كارۋان، سان-خۇلىئان پورتى(ھازىرقى ئارگىنتىنانىڭ جەنۇبى)غا يىتىپ كەلدى، ماگىللان، قىشنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈشكە قارارلاندى.  ئىللىق ئىسپانىيىدىن ئايرىلغانغا يېرىم يىلدىن ئىشىپ كەتكەچكە، كېمىچىلەر ناھىيىتى چارچاپ كەتكەن ئىدى. ھازىر ئادەمزات ئاياق باسمىغان بۇ يېڭى ھاۋانىڭ سوغاقلىقى، ئۇزۇق-تۈلۈكنىڭ يېتىشمەسلىگى كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ چۈشۈرۋەتتى.
    مۇشۇ ھالقىلىق پەيىتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە توپىلاڭ كۆتىرىلدى:ئۈچ كاپىتان بىرلىشىپ ماگىللانغا قارشى چىقىپ، قوراللانغان ئادەملەر ئارقىلىق ئۈچ كىمىنى قامال قىلىۋىلىپ ماگىللانىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بوي سۇنمىدى ھەمدە ماگىللانى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى.  ماگىللان كۆڭلىدە خەپ دەپ قويۇپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بۇلۇپ خەت ئەۋەتتى. بىر كاپىتان ئۇ خەتنى ئۇقۇۋاتقاندا ، خەت ئىلىپ كەلگۈچى ئۇنىڭ كانىيىغا پىچاق تىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، 15ئادەمدىن تەركىپ تاپقان. قوراللىق گۇرۇپپا دەرھال بۇ ئۈچ كىمىنى ئىگەللىدى-دە، بىر مەيدان توپىلاڭ ئىنتايىن تېزلىكتە تېچلاندۇرۇلدى.
    سان -خۇلىئان پورتىدا خىلمۇ -خىل دېڭىز قۇشلىرى ۋە بىلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ قالماي، تاتلىق سۇمۇ بولغاچقا، يىمەك ئىچمەكتىن قايغۇرۇش يوق ئىدى. كېمىچىلەر بۇ يەردە ئۇزاق قىشنى ئۆتكۈزدى. بۇ يەردە ئۇزاق تۇرغاچقا، تەدرىجىي ھالدا يىقىن ئارىلىقتا تۇرۇشلۇق خەلق بارلىغى بايقالدى، ماگىللان بۇلارنى«يوغان پۇتلۇقلار»دەپ ئاتىدى. ئەسلىدە بۇ يەردىكىلەر ناھايىتى گىروي بۇلۇپ، ئۇچىسىغا ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنى يىپىنچاقلاپ يۈرىدىكەن:ئۇلارنىڭ ئاياق كىيمى تېخىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، ھۆل تېرىنى تىزىغىچە يۆگەيدىكەن -دە، بۇ تېرە قۇرىغاندىن كىيىن، پۇت ۋە پاقالچىقىنى ئوراپ تۇرىدىغان چورۇق شەكلىگە كىلىدىكەن. يامغۇر ۋە قار يەغقان كۈنلەردە ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ يۇغان چورۇقنى كىيىۋالىدىكەن:شۇنىڭ بىلەن يول يۈرسە ئاياق ئىزى پەۋقۇلاددە يوغان چۈشىدىكەن.
ماگىللانلار بۇ يەرلىك ئادەملەرنى ئىسپانىيە پادىشاسىغا «نەمۇنە»قىلىپ ئېلىپ بارماقچى بولدى. ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى بىلەن «يوغان پۇتلۇقلار»دىن ئىككىنى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قول ۋە پۇتلىرىغا كويزا-كىشەن سېلىپ كېمە بۈلۈمچىسىگە قاماپ قويدى.  جەنۇبىي يېرىم شارنىڭ ھاۋا كىلماتى شىمالىي يېرىم شارغا ئوخشىمىغاچقا، 8-ئايغا بارغاندا، باھار كېلىپ گۈل-چىچەكلەر ئېچىلدى، ماگىللانىڭ كارۋانى يەنە يولغا چىقتى. ئەمما بۇ چاغدا تۆت كېمە قالغان ئىدى.  ئىككى ئايلىق سەپىرىدىن كېيىن، كارۋان ناھايىتى يوغان بىر دېڭىز ئاغزىغا يېتىپ كەلدى. بۇ زادى دەريا ئېغىزىمىدۇياكى دېڭىز بوغۇزىمىدۇ؟ماگىللان چوڭقۇر خىيال سۈردى. ئۆتكەن قىتىمقى خاتا ھالدا دەريا ئېغىزىنى دېڭىز بوغۇزى دەپ قالغان مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى-دە، ئىككى كېمىنى كۈزىتىشكە ئەۋەتتى.  4-كۈنى كەچقۇرۇنلىغى، توساتتىن«گۇمباڭ!»، «گۇمباڭ!»قىلغان توپ ئاۋازى ئاڭلاندى. ماگىللان ئىتتىك قاراپ، كۈزىتىشكە كەتكەن ئىككى كېمىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار خۇش خەېەر يەتكۈزۈپ:
   - ئالدىمىز تەرەپتىكى سۇ يولىنىڭ سۈيى تاتلىق ئەمەس، تۇزلۇق سۇ ئىكەن. بۇ يەرنىڭ دېڭىز بوغۇزى ئىكەنلىگىدە گەپ يوق!شۇڭا ، بىز تەبرىكلەش ئۈچۈن توپ ئاتقان، -دىدى.  ماگىللان ھاياجانلانغان ھالدا كارۋانغا دېڭىز بوغۇزىغا قاراپ ئىلگىرلەشكە بۇيرۇق بەردى. بوغۇز ناھايىتى تار ھەم ئەگرى-بۈگرى ئىدى. ئۇلار كېتىۋىتىپ توساتتىنلا كەڭرى، ئەمما ئەتراپى پۈتۈنلەي دەريا شا خاپچىسى بىلەن قاپلانغان جايلارغا بېرىپ قالاتتى. زادى قانداق مېڭىش كېرەك؟يەنە بىر كېمە ئەۋەتىپ ئىزدەشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. ئەمما، بۇ قىتىم كۈزىتىشكە كەتكەن كىمە خەۋەرسىز يوق بۇلۇپ كەتتى. بۇ كىمىنىڭ ئاساسلىق رولچىسى كارۋانغا يۇشۇرۇنۋالغان بىر بۇزۇق بۇلۇپ، بۇ كىمىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئىلىپ، كېمە بىلەن قۇشۇپ ئارقىغا يېنىپ ئىسپانىيەگە ئېلىپ قاچقان ئىدى. ئۇ ئىسپانيىگە يېتىپ بېرىپلا ماگىللانغا تۆھمەت قىلدى ۋە پادىشاغا:
   - ماگىللان، ۋەتەنگە ئاساسىلىق قىلماقچى بولدى، دەپ ئەرىز قىلدى. نەتىجىدە ماگىللانىڭ قېيناتىسى نەزەربەنىت قىلىندى، خۇتۇنى قېيىن-قىستاق قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقەلەردىن ماگىللان ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار بولالمايتتى.  كۈزەتكۈچى كېمە ئۈن-تىنسىز يوق بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن، ماگىللان ئۈچ كېمىگە باش بولۇپ دېڭىز بوغۇزىدا بىر تەرەپتىن كۈزىتىپ، بىر تەرەپتىن ئىلگىرىلىدى. توپ-توغرا 28كۈن سەپەر قىلىپ، 11-ئاينىڭ 28-كۈنىگە بارغاندا، دېڭىز بوغىزىنىڭ غەربىي ئېغىزىغا يېتىپ كەلدى.
     ـ پاھ!نىمىدىگەن بىپايان دېڭىز -ھە!ساڭىمۇ يېتىپ كەلدۇققۇ، ئاخىر! كېمىچىلەر ئاشۇنداق تەنتەنە قىلىشاتتى.
     ئەزەلدىن تەمكىن، قەتئىيلىگى بىلەن ئاتالغان ماگىللانچۇ؟ ئۇ شۇ كىشىلەرگە يەر شارىنى ئايلىندىغان دېڭىز يولىنى ئېچىپ بەردى. كىشىلەر ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، بۇ دېڭىز بوغۇزىغا«ماگىللان بوغۇزى»دەپ نام بەردى. بۇ بوغۇز ھازىر جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى جەنۇبىي 52 گىرادوسقا جايلاشقان.  كېمىچىلەرنىڭ بۇ بوغۇزدىن ئۆتۈپ، ئوكياندا 110كۈن ھېچقانداق بورن-چاپقۇنغا يولۇقماي ئامان-ئىسەن يول يۈرگەچكە، بۇ ئوكياننى«تېنىچ ئوكيان»دەپ ئاتىدى.
    1521-يىل 3-ئاينىڭ6-كۈنى، كارۋان، ئادەم زىچ، مال بايلىغى مول بىر تاقىم ئاراللىرى(ھازىرقى تېنىچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىدىكى مارئان تاقىم ئاراللىرى)غا يېتىپ باردى شۇئان كېمىچىلەر تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىققا چۆمدى. چۈنكى ئۇلار تېنىچ ئوكياندىكى ئۈچ ئايدىن ئارتۇقراق سەپىرىدە، ئاشلىق ۋە تاتلىق سۇلىرىنى قۇرۇقداپ بولۇپ، ھەممىىسى بىردەك ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەكلىرىمىز ئەمدى ھەل بولىدىغان بولدى-دە!دەپ ئويلاتتى كىمىچىلەر. دڭگەندەك بۇ يەردە قىزىق ئىشلار يۈز بەردى. بۇ يەرلىكلەر، يېتىپ كەلگەچ ئۈچ كېمىنى كۆرۈپلا كېمىچىلەرنىڭ ئوزۇق-تۈلۈگى يوقلۇغىنى بىىلدى-دە، شۇ ھامان ئاشلىق مىۋە-چېۋە، ئوتياش قاتارلىق نەرسىلەرنى كەڭ قوللۇق بىلەن ئەپكىلىپ بەردى. ئۇ يەردىكى بانانلار بىر يېرىم غېرىچ كېلەتتى ۋە تىلنى يارغۇدەك تاتلىق ئىدى.  كېمىچىلەر بۇ نىمەتلەرنى تازا ئىشتىھا بىلەن يەۋەتقاندا، كىشىنى چۆچىتىدىغان بىر ۋەقە يۈز بەردى:يەرلىك ئادەملەر كېمىلەرگە چىقىپ، ئۆزلىرى لازىملىق دەپ قارىغان يېڭى نەرسىلەرنى قىلچە تارتىنماستىن قويماي ئېلىپ ماڭدى.
     «قاراقچىلار!»ماگىللان ۋە دېڭىزچىلار ۋارقىرىشىپ كەتتى ۋە شۇ ھامانلا مىلتىق-زەمبىرەكلىرىنى بەتلەپ، يەرلىكلەردىن بىر مۇنچە ئادەمنى ئېتىپ تاشلىدى.  بۇ نىمە دىگەن ئىچىنىشلىق«. ۇقۇشماسلىق»ھە!ئەسلىدە، بۇ يەردىكىلەر ئىپتىدائىي ئۇمۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزىمىدە بولۇپ، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك دىگەننىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيتتى. شۇڭا، ئۇلار كېمىچىلەرنىڭ ئاچ قالغانلىغىنى كۆرۈپلا يىمەكلىك ئەپكىلىپ بەرگەن، شۇنىڭغا ئوخشاشلا كېمىدىكى نەرسىلەرنىمۇ ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق دەپ قاراپ ئېلىپ ماڭغان ئىدى. بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۈتۈنلەي نورمال ئىش ئىدى. ئەمما، ماگىللانلار خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمدىكى جەمىيەتتە چوڭ بولغاچقا، يەرلىك كىشىلەرنى «قاراقچىلار»دەپ قارىدى ۋە ئۇلارغا مىلتىق-زەمبىرەكلەر بىلەن تاقابىل تۇردى. خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك، يەرلىك كىشىلەرگە ئىستىلا ۋە قىرغىنىچىلىق ئېلىپ كەلدى، ھەتتا تېخى بۇ تاقم ئاراللىرىغا «قاراقچىلار ئارىلى»دىگەن نامنى بەردى!
   كارۋان داۋاملىق غەرىپكە قاراپ سەپەر قىلىپ، ھازىرقى فىللىپىن تاقىم ئاراللىرىغا يېنىپ باردى. ماگىللان، يەرلىكتىكى ئىككى قەبىلىنىڭ زىدىيىتىگە قول تىقىىش ئارقىلىق بۇ گۈزەل ھەم باياشات ماكاننى تىزگىنلىمەكچى بولدى. ئەمما، ماگىللان، بىر قەبىلىنىڭ ئىككىنچى قەبىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا مەدەت بېرىۋاتقاندا، چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ماگىللان ئېغىر يارلاندى ۋە شۇ يەردىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئى. كانو ئامان قالغان ئىككى كىمىنى ئېلىپ بۇ تاقىم ئاراللىرىدىن قېچىپ چىقىۋالدى. ئۇلار شەرقىي جەنۇپقا قاراپ يۈرۈش قىلدى‪. ‬ۋە ئۆزلىرى ئوڭىدىمۇ-چۈشىدىمۇ بېرىشنى ئارزۇ قىلپ يۈرگەن جايغا -دورا-دەرمەكلەرنى تۆۋان باھادا ئېلىپ، كېمىلىرىنى تولدۇرغاندىن كىيىن، مولۇككا دېڭىز بوغۇزىنى بېسىپ ئۈتۈپ، ھىندى ئوكيان ئارقىلىق غەرىپكە قاراپ مېڭىپ ۋەتىنىگە قايتتى.  ۋەتىنىگە قايتىش سەپىرىدە، كانو باشچىلىغىدىكى بۇ كارۋان، پورتۇگالىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتىۋىلىندى ۋە بىر كېمە ئەسىرگە چۈشتى. شۇڭا، 1522-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىسپانىيىگە كەلگەندە، پەقەت بىر كېمە ۋە كېمىچى ھايات قايتىپ كەلدى.  ماگىللانلارنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ چىققان بۇ سەپىرى يەر شارىنىڭ يۇمۇلاق شەكىلدە ئىكەنلىگىنى ھەقىقىي پاكىت بىلەن ئىسپاتلاپ، ئىلىم-پەن تارىخىدا، دېڭىز قاتناش تارىخىدامەڭگۈ ئۆچمەس خىزمەت كۆرسەتتى. ئەمما، يېڭى دىڭىز يولىنىڭ تېپىلىشى، مۇستەملىكچىلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغىنىمۇ پەيدا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 582 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-03