ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ھىندىستانغا بېرىش

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ھىندىستانغا بېرىش

   كولومبونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىن ئىبارەت يېڭى قۇرۇقلىقنى تاپقانلىق خەۋىرى پۈتكۈل ياۋروپادا زىلزىلە پەيدا قىلدى.  ئەمما، ئۇ چاغدىكى ياۋروپالىقلار كېچە-كۈندۈز شەرىقنىڭ دورا-دەرمەك، يىپەك ۋە ياقۇتلىرىنى ئارزۇ قىلاتتى. ھىندىستانغا بىۋاستە بارىدىغان يولنىڭ تىپىلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتىخۇسۇسەن پورتۇگالىيىلىكلەر شۇنداق ئىدى، ئۇلار خوشنىسى ئىسپانىيىنىڭ دىڭىزدىن كىلىدىغان مەنپەئەتنى يالغۇز ئىگەللەپ كىتىشىگە تەن بەرمەي، ھىندىستانغا بىۋاستە بارىدىغان يولنى تېپىپ، يېڭى بايلىق مەنبەسىنى ئېچىشنى مىڭبىر چارىلەر بىلەن ئويلىشاتتى.  پورتۇگالىيە پادىشاسىنىڭ ئوغلى شاھزادە ھېنرى بۇ ئۇلۇغ ئىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ پورتۇگالىيىنىڭ غەربىي جەنۇپ دېڭىز بويىدىكى تاش بۇرجەككە رەسەتخانا، پىرىستان ۋە دېڭىز نەقلىيات ، مەكتىۋى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئۇ يەردە كىمىلەرنى ياساپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ، دېڭىز خەرىتىسىنى سىزىپ، شەرىققە بېرىپ تەكشۈرۈشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزدى.  ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، پورتۇگالىيىنىڭ دېڭىز چارلاش پىلتونلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەۋەتىپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي قىرغاقلىرىغا قرپ ئىلگىرلەشك باشلىدى. ئۇلار قەيەرگە بارسا شۇ يەرگە بىردى تاش ئابىدە تۇرغۇزۇپ، پورتۇگالىيىنىڭ يېڭىدىن ئىشغال قىلغان زىمىنى ئىكەنلىگىنىڭ بەلگىسى قىلدى:شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ جايلارغا يېڭى نام بېرىپ ماڭدى:قارىمۇچ كۆپ جاي بولسا «قارىمۇچ قىرغىقى»:ئالتۇن كۆپ جاي بولسا «ئالتۇن قىرغاق»دىگەندەك ناملارنى بەردى، يەرلىك نېگىرلارنى تۇتۇپ قۇل قىلغان جايلارغا بولسا «قۇل قىرغاق»دەپ نام بەردى.  چارلاش يولى ئەنە شۇ تەرىقىدە جەنۇپقا قاراپ كېڭىىيىۋەردى...
    ‬1487-يىلغا كەلگەندە  دئاس باشلاپ بارغان پىلوت ئاخىرى ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى تۇمشۇققا يېتىپ باردى: بۇ يەرنى ئايلىنىپ ئۆتكەن ھامان ھىندى ئوكيانغا يېتىپ بارغىلى بولاتتى. ھىندىستانغا بېرىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇ ئىشقا ئېشىش ئالدىدا تۇراتتى. شۇڭا، ئۇلار ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بۇ تۇمشۇققا ئۈمىد تۇمشۇغى دىگەن چىرايلىق نامنى بەردى.
    1497-يىلى يازدا، پورتۇگالىيە پادىشاسى خۇش پۇراق ماتىريال ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلارنى تېپىش ئۈچۈن ، ھىندى ئوكيانغا تۆت يەلكەنلىك كېمىدىن تەركىپ تاپقان كارۋان ئەۋەتىشنى قاراق قىلدى. پادىشا ئوردا ياساۋۇللىرى باشلىغى ۋاسكوداگامانى بۇ كارۋانغا قوماندان قىلىپ بەلگىلىدى.  7-ئاينىڭ 8-كۈنى، بۇ كېمە كارۋىنى، لىسسابون شاھىرىنىڭ سىرتىدىكى پورتتىن يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى. ئۇلار دئاس تاپقان دېڭىز يولىنى بويلاپ توپ-توغرا تۆت ئاي يول يۈرۈپ ، ئۈمۈت تۇمشىقىغا يېتىپ باردى:شۇنىڭ بىلەن ياۋروپالىقلار ئايلىنىپ ئۆتۈپ. ھىندى ئوكيانغا كىردى ھەمدە ئىككىنچى يىلى 3-ئايدا، شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى باياشات شەھەر-مالىندىگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەرنىڭ سولتانى، پورتۇگالىيىلىكلەر بىلەن «ئىتتىپاق»تۈزدى ھەمدە بۇرۇن ھىندى ئوكياندا سەپەر قىلغان بىر رولچىنى ئۇلارغا يول باشلاشقا ئەۋەتتى.  4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، گامالار . ەرەپ دېڭىزىنى كىسىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. يەلكەنلىك كىمىلەر بۇ بىپايان دېڭىزدا توپ-توغرا 23كۈن سەپەر قىلىپ، ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى‪. ‬5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندى ئارىلىىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى سودا شەھىرى كالىكتۇتتاغا يېتپ كەلدى.  قىرغاققا چىقىپلا، گاما دەرھال شەھەرگە ئالاقىچىلىققا ئادەم كىرگۈزدى.
    -سىلەرنى بۇ يەرگە كىم باشلاپ كەلدى؟بۇ يەرگە نىمە ئىشقا كەلدىڭلار؟-شەھەردىكىلەر ھەيرانلىق بىلەن سورىشاتتى. چۈنكى ئۇ چاغدا، ھىندىستان بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرسىدىكى سودا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرەپلەر ئارقىلىق بولاتتى. شۇ چاغقىچە ياۋروپالىقتىن بىرەرسىمۇ دېڭىز يولى بىلەن ھىندىستانغا كېلىپ باقمىغان ئىدى.
   -خىرىستىيان مۇخلىسلىرى ۋە دورا-دەرمەك ئىزلەپ كەلدۇق ، -جاۋاپ بېرەتتى پورتۇگالىيىلىكلەر.
   -نىمە دىەن غەلىتىلىك بۇ-ھە! ئىسپانىيە، فىرانسىيە پادىشالىرى ۋە ۋىنىتسىىيە قوماندانى نىمىشكە ئادەم ئەۋەتمىدى؟
    -بىزنىڭ پورتۇگالىيىنىڭ پادىشاسى ئۇنىمىدى، -گامالار، پورتۇگالىيە پادىشاسىنىڭ خىيالىنى قىلچە پەدازلىماستىنلا ئېيتىۋەتتى.  كالىكۇتتىلىقلار توقاچ ۋە ھەسەللەر بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ئارقىدىنلا پورتۇگالىيىلىكلەرمۇ كالىكۇتتىلىقلارنى كېمىسىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلدى.  ھىندىئانلار كېمىگە چىققاندىن كىيىن، گاما ئۇلارنى قىزغىنلىق بىلەن مېھمان قىلدى ھەمدە سودىگەرلىك قىلىش نىيىتىدە كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرىشتى. ھىىندىستانلىقلار بۇنى ئاڭلاپ:- خوش كەپسىزلەر!خوش كەپسىزلەر!بىزنىڭ بۇ يەردە قىزىل، يىشىل ياقۇتلار دىگەن كۆپ نىمە ئۇ. سىلەر ھازىر تازا بىر باي مەملىكەتكە يىتىپ كەلدىڭلەر جۇمۇ!-دىيىشتى.  گاما بۇ يەرنىڭ سۇلتانىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ھىندىستانلىقلار بۇ تەلەپنى يەتكۈزمەكچى بولدى.  2-كۈنى، گاما بۇ يەرنىڭ سولتانىنى زىيارەت قىلدى. سۇلتان ئىنتايىن ياسىداق بىر كارىۋاتتا ياتاتتى. كارۋاتتا تولىمۇ نەپىس ئىشلەنگەن بىر مۇنچە ياستۇقلار تۇراتتى. كارۋاتنىڭ سول تەرىپىدە يوغان ھەم ۋەزىنلىك ئالتۇن كورا تۇراتتى. ھىندىستاننىڭ كىلىماتى بەك ئىسسىق بولغانلىقتىن بولسا كېرەك. سۇلتان توختىماسىن كاكاۋنىڭ يىلتىزىنى چايناپ شۈمۈپ ئۇسسۇزلىغىنى قاندۇرۋاتاتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن، يىلتىزىنى چاينىسا، بىر تەرەپتىن، يىلتىزنىڭ شامىسىنى ھەدەپ ئالتۇن كورىغا تۈكۈرەتتى.
  -شۇنچە يولنى يىراق كۆرمەي بۇ يەرەە نىمىشقا كەلدىڭلار؟-دەپ سورىدى سۇلتان.
 -خىرىستىيان مۇخلىسلىرىنى ئىزلىگىلى كەلدۇق. كەمىنە پورتۇگالىيىمىزنىڭ زىمىنى كەڭ، مال بايلىغى مول، ئالتۇن-كۈمۈشلىرى ناھايىتى نۇرغۇن. كەمىنە ئىلىمىزنىڭ پادىشاھى مىنى شەرىققە ئاساسلىغى قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورناتقىلى ئەۋەتتى، -گاما ئىززەت-ئىكرام بىلەن جاۋاپ بەردى ۋە پادىشاھىنىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇردى.
    -سىلەرنىڭ بۇ يەرەە كەلگەنلىگىڭلارنى ناھايىتى قارشى ئالىمىز، -دىدى سۇلتان خۇشاللىق بىلەن، -مەملىكىتىڭلارنىڭ پادىشا ئالىلىرى بىزنى قېرىنداش ئورنىدا كۆرگەن بولسا، بىز جەزمەن مەملىكىتىڭلارغا ئەلچى ئەۋەتىمىز.
  گاما خوشلىشىپ ئوردىدىن چىقتى. بىر كۈندىن كىيىن ئوردىغا يەنە بىر مۇنچە سوۋغا-سالام يوللىدى.  ھىندىستانلىقلار ناھايىتى مېھماندوست بولغاچقا ، پورتۇگالىيە دېڭىزچىلىرى قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا ئۇلارنى قوندۇرۇپ، يىمەكلىكلىرى بىلەن تەمىنلىدى. پورتۇگالىيىلىكلەرمۇ ھىندىئانلارنى ھەمىشا كېمىلەرگە تاماشىغا تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كېمىچىلەر، يەرلىكلەر بىلن تۇنۇشۇپ كەتتى ۋە قىرغاقتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قارىمۇچ قاتارلىق ھىندىستاننىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى :بەزىلىرى قىزىل، يىشىل ياقۇتلارغا ئوخشاش شەرىقنىڭ قىممەتلىك زىننەت بۇيۇملىرى: بەزىلىرى ھىندىستان ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن، جوڭگونىڭ يىپەكلىرى، خۇش پۇراق ماتىرياللار تاقىم ئاراللىرى (ھازىر مولوككا تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ھىندىنوزىيىنىڭ شەرقىدە)نىڭ قەلەمپۇر، دارچىن، قاقىلە قاتارلىق دورا-دەرمەك ماتىرياللىرى ئىدى. بۇ نەرسىلەرنىڭ شۇنچە ئەرزانلىغىنى كۆرۈپ گامالارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ كەتتى. 
   گاما ۋە كېمىچىلەر، ھىندىستاندا ئۈچ ئاي تۇرۇپ، 8-ئاينىڭ 29-كۈنى دۆلىتىگە قايتتى. ئۇ يەرنىڭ سۇلتانى تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن دوستلۇق مەكتۈبى يېزىپ، گامانىڭ پورتۇگالىيە پادىشاسىغا تاپشۇرىشىغا ھاۋالا قىلدى.  قايتىش سەپىرىدە، گامالار خىلمۇ خىل قىيىنچىلىقلارنى بىشىدىن كەچۈردى. يىمەكلىك، تاتلىق سۇ، بۇلۇپمۇ ئوتياش كەمچىل بولغانلىقتىن كىمىچىلەرنىڭ چىش مىلىكلىرى ئىششىپ كەتتى. بىر مۇنچىلىرى شۇ تۈپەيلىدىن ئۈلۈپ كەتتى‪.
    ‬1499-يىلى9-ئايدا ، گاما كېمە كارۋىنى لىسسابونغا يېتىپ كەلگەندە، يولغا چىققان چاغدىكى كېمىچىلەرنىڭ ئاران يېرىمى ھايات قايتىپ كەلدى.  لىسسابون شەھىرىنىڭ پۈتكۈل خەلقى خۇددى زەپەر قۇچۇپ قايتقان جەڭچىلەرنى كۈتىۋالغاندەك، قارشى ئىلىش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزدى. پورتۇگالىيە پادىشاسى گاماغا ناھايىتى يۇقۇرى مۇكاپات بەردى.  ياۋرۇپاغا ھايات قايتقان كېمىچىلەرنىڭ ھەممىسى بىيىپ كەتتى. ئۇلار شەرىقتىن سېتىۋىلىپ ئىلىپ كەلگەن دورا-دەرمەكلەر، يىپەك ۋە ياقۇتلارنى ئەسلىدىكى تەنەرقىدىن 60ھەسسە يۇقۇرى باھادا سېتىپ پايدا ئالدى.  يۇقۇرى دەرىجىلىك پايدا، يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئالاردا ئەسەبىي قىزغىنلىق قوزغىدى. ئۇلار شەرىقنىڭ بايلىق مەنبەسىنى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇندى. پورتۇگالىيە ئارمىيىسى ئارقا-ئارقىدىن شەرىققە يۈرۈش قىلىپ، ئىلگىر-كىيىن بولۇپ ھىندىستان ۋە شەرقىي، جەنۇبىي ئاسىيا تەرەپلەردىن بىر مۇنچە تايانچ پونكىتلارنى ئىگللىۋالدى. كىيىنچە ، گاما، پورتۇگالىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ئىشغالىيەت رايونلىرىنىڭ باش ۋالىيلىغىغا تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھىندى ئوكيان يولى پورتۇگالىيە شەرىق خەلىقلىرىنىڭ قېنىنى شورايدىغان، بايلىغىنى تالان-تاراچ قىلىدىغان نەيچىگە ئايلاندى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 348 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01