ئېغىر مېتال كۈيى=重金属=Heavy Metal

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  ئېغىر مېتال كۈيى=重金属=Heavy Metal

     ئېغىر مېتال كۈيى1960-يىللاردىن 1970-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدا تەرەققى قىلغان  روك كۈيلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، توك گىتار، باس گىتار دۇمباق ۋە ئېلېكتىرونلۇق چالغۇئاساسى چالغۇ قىلىنىدۇ.  ئېغىر مېتال كۈيلىرىدە چوڭ ، كەڭ،  چوڭقۇر بولغان ئاۋاز، گىتتارنىڭ ئۆزگەرگەن شاۋقۇن ئاۋازلىرى، قۇيۇق بولغان دۇمباق رېتىمى بىلەن تۆۋەن ئاۋاز قىسمىنى تۇلۇقلاپ كەلگەن باس گىتتار ئاۋازىنىڭ ئاڭلاش سېزىمىدا ھاسىل قىلغان بوشلۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈيلەردە يوقۇرى بىسىملىق پارتىلاش ، تېز سۈرەت، ئېغىر دەرىجىلىك ۋە بۇسۈش خارەكتىرلىق ئىلمىنتلار بىلەن تۈزەلگەن روك كۈيلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

ۋەكىل خارەكتىرلىق ئەترەت ۋە ناخشىچىلاردىن:  Led Zeppelin II، AC\DC، ACCEPT، JUDAS PRIEST، IRON MAIDEN، W. A. S. P. Van Halen، Marilyn Manson ، AEROSMITH قاتارلىقلار بار.

  ئاددى قىلىپ ئيتساق ، ئېغىر مېتال ئەمەلىيەتتە ھەدىدىن ئاشقان كۈچ بىلەن روك كۈيىنى تەلۋىلەرچە چېلىش ھىساپلىنىدۇ. گىتتار بۇنداق كۈيلەردە ئاساسلىق رول ئويناپ، ئىپادىلەش قىسمىدا ئادەتتىكى ۋاقىتىن قارىغاندا ئاۋازى يوقۇرى تەڭكەش قىلىندۇ، تاماشىبىنلارغا بۇ چاغدىكى كەيپىياتى قىساس ئىلىش تۇيغۇسىغا كەلتۈرىدۇ. باس گىتتارنىڭ كۈچىمۇ ئالدىغا تارتىلىدۇ، خۇددى كىم(THE WHO) ئەترتىنىڭ جون ئىنتىۋىستلى(JOHN ENTWISTLE) تەڭكەش قىلغان سېھىرلىك ماشىنا(MAGIC BMS) ناملىق كۈيىگە ئوخشاش. بۇرۇن جازدىلا باس گىتتار ئاساسلىق ئورۇندا دەپ قارىلىپ كەلگەن ، لېكىن ھازىر ئۇ ناخشىغا ئوخشاش مۇھىم بۇلۇپ قالىدۇ. ئادەتتىكى ئاممىباپ كۈيلەرگە سىلىشتۇرغاندا دۇمباق تېخىمۇ ئېغىر ، تېخىمۇ تېز تەڭكەش قىلىنىپ، ئاڭلىغۇچىلارغا نىسبەتەن بىرخىل يوقۇرى بىسىملىق ئۇرۇلۇش تۇيغۇسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا ناخشىچى-ئۇ ئۈلۈم، جىنسىيەت، زەھەرلىك چىكىملىك ياكى ئىسپىرىت بىلەن باشقا يېڭى مەۋجۈداتلارنى ئاڭلىغۇچىلار قەلبىگە ئۇرۇلۇش تۇيغۇسىغا كەلتۈرىدۇ. ئاممىباپ كۈيلەرگە سىلىشتۇرغاندا ئاساسلىق تىمىلار تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ياكى تېخىمۇ جەلىپكار تۇيۇلىدۇ. ئېغىر مېتال كۈيلىرى باشقا مېتال كۈيلىرىگە ئوخشاشلا ئەسەبىلىككە تويۇنغان بولۇپ، ۋاقىراش ، ئالۋاستىلارغا ئوخشاش غەلىتە گىرىم ۋە ھەتتا سەھنىگە يېرىم يالىڭاچ چىقىۋېلىپ ، ئوت قويۇش، سۇ چېچىش ، ئىس تارقىتىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن تېخىمۇ رەڭگا-رەڭ تۈسكە كىرىپ كىشىگە تېخىمۇ جەڭگىۋار، روھلۇق تەسىر بېرىدۇ.

    70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى پانك كۈيلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا غەلىبە قازانغان كۈي ھىسابىدا دەۋر سۈرگەن مەزگىل بولۇپ ، بۇ چاغلاردا  ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كىشىلەر  ئىدىيىسىنىڭ ئازاد بولۇشىغا ئەگىشىپ كىلاسسىك مۇزىكىلاردىن، بىر خللىقتىن زېرىككەن،  يەنە بىر قىسىم كىشىلەر لازىر نۇر ئاستىدا دىسكو ئۇسۇل ئويناش ياكى، يەر ئاستىدا كۈي چىلىشتىن زېرىكىش ھىس قىلغان ، ئەنگىلىيەدە نۇرغۇنلىغان كۈي ئەترەتلىرى يېڭىلىق ئىزدەپ بۇرۇختۇم بولۇپ كەتكەن بولۇپ قىزىلىپ چىقىلىشقا تەشنا ئىدى. بۇ سەۋەپ دەل ئېغىر مېتال كۈيلىرىنىڭ ئەنگىلىيە ئامېرىكىدا ئەتىۋارلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.  يېڭىلىق ئىزدەۋاتقان بازار، بۇرۇختۇم كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە جەڭگىۋارلىققا بولغان تەلپۈنۈشى ئەنگىلىيەدىكى يېڭى ئېقىم ئېغىر مېتال كۈيلىرى(NEW WAVE OF BRITISH HEAVY METAL) گە بىر كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ھازىرلاپ بەردى.  ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى ئامرېكىدا لىد زاپلىن(LED ZEPPELIN)، ئايىرسېمىس(AEROSMITH)، دىپ پورپلى((DEEP PURPLE)ۋە يېس(YES)قاتارلىق كۈي ئەتىرەتلىرى ئارقا ئارقىدىن پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىپ، ئېغىر مېتال كۈي ئېقىمى ئەنگىلىيە بىلەن ئامرىكىدىلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقالغان مۇزىكا ئېقىمى بولۇپ قالدى، ئاۋستىرالىيە بىلەن گىرمانىيەدە  ئەڭ ئىلغار ئېغىر مېتال كۈي ئەتىرەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇ ئېقىمنى خەلقارادىكى باي دۆلەتلەرنىڭ غەلىبە قازانغان ياۋا مۇزىكا ئېقىمى دەرىجىسىگە كۆتىرىپ زور ئىقتىسادى ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى.
   1990-يىللاردىن كېيىن ئېغىر مېتال مۇزىكىلىرى دۇنيادا كەڭ تارقىلىش بىلەن بىرگە بىلۇز ۋە پاڭك ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزىگە  يەنىمۇ كۆپ مۇجەسسەم قىلدى، ھەتتا پوپ ۋە جاز مۇزىكىلىرى ۋە كىلاسسىك مۇزىكىلارنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچراپ نۇرغۇنلىغان تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى، ھەتتا بەزى تۈرلىرى رېتىمدىن ھالقىغان، ھەممىلا مۇزىكا ئېقىملىرىنىڭ ئىلمىنتلىرىنى تاپقىلى بولىدىغان ئەبجەش مۇزىكا ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 511 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01