ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ماتەم سېگنالى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ماتەم سىگنالى
    ئوتتۇرا ئەسىر -مۇتەئەسسىپلىكىنىڭ سىموۋۇلى.  ئوتتۇرا ئەسىرنى تىلغا ئالغان ھامان، كىشىلەر ئۇ زاماننىڭ سۈرلۈك قەلئەلىرىنى، دىنى جەمىيەت ۋە خۇراپاتلىقنىڭ قاباھەتلىك ھۆكۈمرانلىقلىرىنى ئېسىگە ئالىدۇ.
    بولۇپمۇ ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىر ئاجايىپ قاباھەتلىك ئۆتكەن بولۇپ جايلاردىكى خىرىستان دىنى جەمىيەتلىرى توختىماستىن ئىلىم-پەنگە قارشى تۇراتتى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى كىرىستقا مىخلاپ، ئوتقا تاشلاپ ئۆلتۈرەتتى. ئۇ زاماندىكى ياۋروپادا، ئاقسۆڭەكلەر ئىگىز ھەم قىلىن سوقۇلغان ئاشۇ سېپىللار ئىچىدە، ساۋۇتلارغا ئورىنىۋالغان چەۋەندازلارنىڭ ھىمايىسىدە كەيىپ -ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇلار كونا قائىدىلەرگە يىپىشىۋىلىپ، كىچىككنە ئىسلاھاتلارغىمۇ قارشى تۇراتتى. چۈنكى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ساقلاپ قالماقچى بولغىنى-ۋارىسلىق قىلىش ئىمتىيازى ئىدى. 
    «گۈمبۇر-گۈمباڭ!»توپ ئاۋازى ياڭرىدى. قەلئەلەر بىر -بىرلەپ تارمار كەلتۈرۈلدى. ئىگىز ھەم قېلىن تاش سېپىللار كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىنى ئەمدى توساپ قالالمىدى.  «پاڭ-پۇڭ»قارا مىلتىقنىڭ ئوقلىرى چەۋەندازلارنىڭ ساۋۇتلىرىنى ئۆتمە-تۆشۇك قىلىۋەتتى. بۇرۇن قوراللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ھەيۋە قىلىپ، ھەممىلا يەردە زوراۋانلىق قىلىپ يۇرگەن چەۋەندازلار، پالۋانلار ئەمدىلىكتە كىزىلەرنىڭ ھەزىل ئوبىكتىغا ئايلاندى.  ئوتتۇرا ئەسىر-نادانلىقىنڭ سىموۋۇلى.  ئوتتۇرا ئەسىرنى تىلغا ئالغان ھامان، كىشىلەر ئۇ زاماننىڭ ئاللىقانداق جىمجىتلىق بېسىپ تۇرغان چىركاۋلىرىدىن ئۇزۇن - ئۇزۇن تون كىيىۋالغان راھىپلار«ئىنجىل»نى كۆتۈرۋىلىپ، سۈرە-تىلاۋەت قىلاتتى. «ئىنجىل»نىڭ ئۆشكە تېرىسىگە كۆچۈرۈلگەن قوليازمىسى بارلىق مەدىنى ئىدىيىلەرنىڭ «باش ئامبىرى»دەپ رىۋايەت قىلىناتتى. كىمدە كىم ئۇنىڭغا ئاز-پاز شەك كەلتۇرسە ياكى ئو توغىرلىق غىڭ-پىڭ قىلىپ قويسا، شۇ ھامانلا دىنىي سوت تەرىپىدىن ئەڭ دەھشەتلىك جازا-كۆيدۇرۇش جازاسىغا تارتىلاتتى.
     «تاقىراق!تاقىراق!»باسما ماشىنلىرى ئايلىنىشقا باشلىدى. مىڭلاپ-مىڭلاپ، تۈمەنلەپ ئاق ۋاراقلارغا دەرمەھەلدىلا تۈپ-تۇز قۇرلارغا ئايرىلغان خەتلەر بىسىلدىغان بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، كىتاپلار ئاز سانلىق دىندارلارنىڭ مونوپولىىيىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئىتايىن ئۇمۇملاشقان نەرسىگە ئايلاندى. پەن ۋە مەدەنىيەتنىڭ كەڭ تۈردە تارقىلىشى «ئىنجىل»نىلا بىلىدىغان راھىپلارنى كىشىلەرنىڭ پىكىر يوللىرىنى رامكىلاپ تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى.  ئوتتۇرا ئەسىر-قالاقلىقىنىڭ سىموۋۇلى.  ئوتتۇرا ئەسىرنى تىلغا ئالغان ھامان، كىشىلەر نۇرغۇن قۇللارنىڭ پالاق بىلەن كىمە ھەيدەپ يۇرگەنلىكلىرىنى، ياغاچ كىمىلەرنىڭ ئوتتۇرا دىڭىزدىكى دولقۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇياقتىن بۇياققا قاڭقىپ يۇرگەنلىكلىرىنى ئىسىگە ئالىدۇ. ئۇ چاغدا، ياۋرۇپالىقلار كېچە-كۈندۇز تەلپۈندىغان يىراق شەرققە بارالمايتتى، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىغا تېخىمۇ بارالمايتتى.  يەلكەن شارىلداپ كۆتىرىلدى. كاپىتانلار تۇمانلىق كۈنلەردىمۇ كومپاسقا قاراپ تۇرۇپ يۆلۈنۈشىنى توغرا ئىگەللەپ ماڭىدىغان بولدى. كېمە كارۋانلىرى ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ، ئەزەلدىن نامى چىقمىغان «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق»نى تاپتى.  يېڭى دىڭىز يولىنىڭ ئىچىلىشى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيىگە زور پايدا يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، چەتئەللەر ئوتتۇرسىدىكى سودا ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، يېڭى توۋارلار ياۋرۇپا بازارلىرىغا كۆپلەپ تۆكۈلدى، غەربىي ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى دىخانلار، قول سانائەتچىلەر كۈندىن-كۈنگە نامراتلىشىپ ۋەيران بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر غەربىي ياۋرۇپا فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ زەئىپلىشىشنى ۋە كاپىتالىزىمنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.
    14-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەرەپلەر ۋە مۇڭغۇللار ئايرم-ئايرىم ھالدا ياۋروپاغا بېسىپ كىردى. 16، 15-ئەسىرلەردە ياۋروپادا كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىخ سۈرگەچكە، يېڭى سىنىپتا يەنە فېئوداللارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى ئىدىيە ھاسىل بولدى. ئۇلار ئىلغار تېخنىكىنى ئىگەللىشى بىلەنلا جەمىيەتتە يېڭى ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى.  يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كونا تەرتىپلىرىگە شىددەت بىلەن زەربە بەردى، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كونا تەرتىپلىرىگە شىددەت بىلەن زەربە بەردى، ئوتتۇرا ئەسىر ئاقىۋەت ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.  تەبىئىكى، بۇ «ئاخىرقى باسقۇچ»مۇ خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان بولدى، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىردىن 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تەخمىنەن 200يىلغا يىقىن ۋاقىت داۋام قىلدى، ھالبۇكى، بۇ ئاخىرقى باسقۇچنىڭ باشلىنىشى -غەرىپ تارىخچىلىرى دەپ يۇرگەن «جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات»بولدى.
     1492-يىلى ئىتالىيىلىك كولومبونىڭ ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ ئامىېركا قىتئەسىگە بېرىشى، 1497يىلى پورتۇگالىيىلىك ۋاسكو قىتئەسىگە بېرىشى، 1497-يىلى پورتۇگالىيىلىك ۋاسكو داگامانىڭ ئۈمىت تۇمشۇغى ئارقىلىق ھىندىستانغا يېتىپ بېرىشى، 1519-يىلى پورتۇگالىيىلىك ماگىللانىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىشى، ئەنە شۇ «جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات»نىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرى.  جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى يېڭىدىن تېپىلغان رايونلاردىن غالجىرلىق بىلەن مال -بايلىق بۇلاشنىمۇ باشلىۋەتتى، ئاسىيا، ئامېرىكا قىتئەلىرىدىن زور مىقداردىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى غەربىي ياۋروپاغا يۆتكەپ كېتىپ، ئۇ يەردىكى خەلىقلەرگە ئېغىر ئاپەت كەلتۈردى.  جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات بىلەن بىرلىكتە، فىئوداللىق كىشەنلەرنى پاچاقلاپ تاشلاش يولىدىكى كۈرەشلەر بىرسى پەسەيسە، يەنە بىرسى ئۆرلەپ كەتتى. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا قاينام تاشقىنلىق ئىقىلاۋىي قوزغىلاڭلار كۆتىرىلدى . فىئودال كۈچلەرنىڭ دەھشەتلىك باستۇرىشى تېخىمۇ زور قارشىلىقلارنى كەلتۈرۇپ چىقىرىۋەردى.  جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات بىلەن بىرلىكتە، پەن-تېىنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى ، يېڭى كەشپىيات سانائەت، ھەربىي ئىشلار ۋە قاتناش قاتارلىق ساھالەردە قوللىنىپ ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.  جۇغراپىيىلىك زور كەشپىيات بىلەن بىرلىكتە، پەن-مەدىنىيەت مىسلى كۆرىلمىگەن دەرىجىدە گۈللەپ ياشناپ تەرەققى تاپتى. ئەدەبىيات، رەسساملىق، بىناكارلىق، تىياتىر ساھەلىرىدە غۇنچىلار ھۈپپىدە ئىچىلىپ، گۈللۈپ ياشنىدى:ھەتتا خىيالىي سوتسىيالىزىم-ئوتۇپىيەمۇ مەيدانغا كەلدى.  پۈتكۈل دۇنيا توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرغان ۋەزىيەتتە ئالغا باستى. ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ماتەم سىگنالى چىلىندى! ئەمدى، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى تارىخنى كونكىرىت تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.  يېڭى چوڭ قۇرۇقلىقنىڭ تېپىلىشى «يېڭى چوڭ قۇرۇقلىقنىڭ تېپىلىشى»دىگەن بۇ سۆز، بارلىق يېڭى كەشپىياتلار ئۈچۈن ئالماش ئىسىم بولۇپ قالدى. ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن كولومبۇنىڭ دېڭىز قاتناش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۇرگەن بۈيۈك نەتىجىسىنى كۆرسىتەتتى.
       مىلادى 1492-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتەگەندە، ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى باردىس پورتىدا كىشىلەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى ۋە داقا-دۇمباق سادالىرى كۆككە كۆتىرىلەتتى. سان-ساناقسىز كىشىلەر بۇ يەرگە كېلىپ يىراققا سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرغان كىچىك بىر كېمە كارۋىنىنى ئۇزىتىۋاتاتتى.  كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن قىزغىن ئەمما ئىنتايىن ھەيران قالارلىق ئىدى:غەرىپكە قاراپ مېڭىپ شەرىققە بارغىلى بولارمۇ؟ھەي، كولومبو دىگەن بۇ ئادەم قۇرۇق خىيالغا بېرىلىپتۇ، جۇمۇ! پورتتا ئۈچ يەلكەنلىك كېمە تۇراتتى، كېمىلەر دالچىن دەرىخىنىڭ رەڭگىدە ناھايىتى شوخ سىرلانغان ئىدى. بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى«سان مارىيە»ناملىق كېمە بولۇپ ئۇنىڭ مومىسىدا دېڭىز ئارمىيىسى گېنرالنىڭ بايرىغى لەپىلدەپ تۇراتتى:كېمىنىڭ سۇغا خېلى بەكلا چۆكۈپ تۇرۇشى، ئۇنىڭغا قاچىلانغان نەرسىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىگىدىن خەۋەر بېرەتتى. 87دېڭىزچى تەييارلىقلارنى تەخ قىلىپ بولغاندىن كىيىىن، ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ رۇسلاندى. ئۇلار يەلكەنلەرنى چىقاردى، لەڭگەر ۋە روللارنى تۇتقان ھالدا يولغا چىقىش بۇيرۇغىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى! شۇئان «سان-مارىيە»ناملىق پاراخوتنىڭ سەھنىسىگە 40ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم چىقىپ كەلدى. ئۇ دومىلاق يۈز، دوقا پىشانە، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرۇدىغان بۇ ئادەمگە بىر قاراش بىلەنلا، ئۇنىڭ سۇباتلىق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم ئىكەنلىگىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئۇ ئاشۇ كېمە كارۋىنىنىڭ قوماندانى كىرىستوپ كولومبو ئىدى.  كولومبو، بارلىق دېڭىزچىلارغا قول ئىشارىسى بىلەن ئىما قىلغاندىن كىيىن:-لەڭگەرنى تارتىڭلار !-دەپ بۇيرۇق قىلدى.  تۇتاش تەنتەنە ۋە داقا-دۇمباق سادالىرى ئىچىدە يەلكەنلىك ئۈچ كېمە پورتتىن ئاستا-ئاستا چىقىپ كەتتى.  ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى، تىپ-تىنىچ تۇرغان ئاتلانتىك ئوكياندا زۇمرەت ئۈنچىلەر جىمىرلايتتى. كولومبو، «سان مارىيە»ناملىق كېمىنىڭ ئۈستىدە ئوكيان سۈيى ئاسمان بىلەن تۇتىشىپ كەتكەندەك كۆرىنىۋاتقان ئۇپۇق مەنزىرسىگە زوقلىنىپ قارايتتى. «ئېخ، ئاقىۋەت غەرىپكە قاراپ يول ئالدىم، -دەپ پىچىرلايتتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە، -شىۇنىڭغا لايىق ئالتۇن ۋا دورا-دەرمەكلەرگە ئىگە بولارمەن-ھە!» دەر ۋەقە، غەرىپكە سەپەر قىلىش ئۈچۈن ئىسپانىيە پادىشاسىنىڭ ماددىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش، كولومبونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى. بۇ ئىشقا ئۇ ناھايىتى زور كۈچ سەرىپ قىلغان ئىدى. ئۇ ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى گىنۇيىلىك بىر باپكارنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دېڭىز قاتنىشىغا كىچىگىدىنلا ناھايىتى قىزىقاتتى. ئۆسمۇر چاغلىرىدا ، ئۇ ئەنگىلىيە، گۋنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان. 20نەچچە يىشىدا ناھايىتى تەجىربىلىك دېڭىزچى بولۇپ يېتىشكەن. توساتتىن كەلگەن بىر پۇرسەت ئۇنى ماركو پولونىڭ «شەرىققە ساياھەت»خاتىرسىنى ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ھەمىشە شەرىققە بېرىپ بايلىق ئىزلەش كويىدىلا بولۇپ يۇرگەن.
    1484-يىلى ، كولومبو 33ياشقا كىردى. شۇنىڭدىن باشلاپ كولومبو ئۆزىنىڭ غەرىپ تەرەپتىكى سۇ يولى بىلەن ھىندىستانغا بېرىش پىلانىنى ئىىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ياردەم سوراپ ھەممىسىدە رەددىيەگە ئۇچرىدى. 1492-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە، ئىسپانىيە ئايل پادىشاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پادىشا ئۇنىڭغا كېمە ۋە يول راسخودىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېرىدىغان ۋە كولومبوغا دېڭىز ئارمىيىسى گېنرالى دىگەن ئۇنۋاننى بېرىدىغان، شۇنىڭدەك ئۇنى يېڭى تېپىلغان يەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىدىغان باش ۋالى قىلىپ ئالدىنئالا تەيىنلەيدىغان، ئۇ يەرلەردىن كېلىدىغان كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بېرىدىغان بولدى.  كولومبو، بۇ كىچىك كارۋانغا يەنە بىر قىتىم نەزەر تاشلىدى. ئۈچ يەلكەنلىك كېمە ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. «سان-مارىيە»ناملىق كېمىنىڭ ئېغىرلىقىمۇ 100توننىدىن ئاشمايتتى. ئۇ قۇشۇمىسىنى تۇردى -يۇ، ئەمما شۇ ھامانلا ئەسلىدىكى ئتەمكىن ھالىغا كەلدى. ئۇ كوڭلىدە ئۆز ئۆزىگە«دېڭىزچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويسام ھەرگىز بولمايدۇ!»دەپ ئاگاھلاندۇرۇش قىلدى.  كارۋان ئۇدۇل غەرىپكە قاراپ يول ئالدى. دېڭىزچىلار كېمە ئۈستىدە تۇرۇپ، دېڭىز شامىلىغا يۇزلىنىپ بىپايان ئوكيانغا، دەم كۆتىرلىپ. دەم پەسىيىپ كېتىۋاتقان دولقۇنلارغا شۇنداقلا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان بېلىقچى قۇشلارغا قارىغانسىرى ھاياجانلىنىپ كېتىپ باراتتى. ئەمما ئۇلار يەنە:بۇ ئىتالىيىلىك يەھۇدى بىزنى شەرىقتىكى ھىندىستانغا راستىنلا ئېلىپ بارالارمۇ؟ دەپ گۇمانلىناتتى.  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۇپ كەتتى، ئۇلار دېڭىزدىن باشقا ھېچنىمە چىلىقتۇرمىدى. دېڭىزچىلارنىڭ ھەممىسى كولومبو، ئىسپانىيىدىكى پورتلاردىن قىممەت باھادا ياللىۋىلىنغان مۇنەۋۋەر دېڭىزچىلار بۇلۇپ، دېڭىز قاتنىشىدا ناھايىتى تەجىربىلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ چاغقا كەلگەندە ئىختىيارسىز ھالدا ئۈمىتسىزلىنىشكە باشلىدى، بەزىلىرى ۋەھىمە چىكىپ، غەرپكە قاراپ ماڭغانسىرى يۇرت ماكانىمىزدىن شۇنچە يىراقلاپ كېتىپ، چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كىلەلمەي قالارمىزمۇ دەپ قورقۇشقا باشلىدى.
    بىر كۈنى كەچقۇرۇنلىغى، بەزىلەر كېمە ئۈستىدە سوزۇلۇپ يىتىشاتتى، بەزىلەر كېمە بۆلۈمچىلىرىدە ئارام ئىلىىۋاتاتتى. توساتتىن بىراۋنىڭ: -ئەنە قاراڭلار، قۇرۇقلۇق كۆرۈندى!-دىگەن ھاياجان ئاۋازى ئاڭلاندى.  شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ھەننىۋاسى كېمىنىڭ ئالدى تەرىپىگە بېرىپ، كۆزلىرىنى قىسىشىپ قاراشتى ۋە راست دىگەندەك ئالدى تەرەپتىكى كۆكۈل مەيداندەك بىر كۆلەڭگىنى كۆرۇپ ، ئىختىيارسىز تەنتەنە قىلىپ كېتىشتى.  - قۇرۇقلۇق ئەمەس، يايلاق !-دېدى قايسىبىرى تۈزىتىش بېرىپ .  كولومبو ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى. ئۇ دۇربۇننى ئېلىپ ئىنچىكلىك بىلەن كۈزەتتى-يۇ، ئەمما ئۇ كۆلەڭگىنىڭ زادى نېمىىلىگىنى بايقىىۋالالماي، كېمىلەرنى شۇ ياققا تېز ھەيدەشكە بۇيرۇق بەردى.  ئەمما، ئۇ يەر ئاللىقانداق قۇرۇقلۇق ياكى يايلاق ئەمەس، بەلكى قىلسىمان يۈسۈنلەر ئۆسۇپ كەتكەن دېڭىز يۈزى ئىكەن! بۇنى كۆرۇپ كۆپچىلىكنىڭ روھى ناھايىتى چۈشۈپ كەتتى. ئەمدى «قۇرۇقلۇققا چىقىش»مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك، قىلسىمان يۈسۈن بار يەردىن ئايلىنىپ ئۈتۈشكە توغرا كەلدى.  دېڭىزچىلار چىداپ تۇرالمىدى، نارازىلىق سادالىرى كۆتىرىلدى. ئۇلار كولومبونى ئورىۋىلىپ، چۇقان كۆتىرىشكە باشلىدى:
   -دېڭىز ئارمىيىسى گېنرالى ئەپەندى، سىز بىزنى زادى قەيەرگە ئېلىپ بارماقچى؟
  -بۇنداق لەنىتى دېڭىز ھاياتىدىن جاق تويدۇق!
   - قۇرۇقلۇق زادى قەيەردە ؟
   -ئۇنى جىن -شاياتۇنلاردىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ!
   -گېنرال ئەپەندى، مىنىڭ خوتۇن -بالا چاقام بار ئادەم ، دېڭىزدا ئۆلۇپ قىلىشقا رازى ئەمەسمەن، ئۆيۇمگە قايتىپ كەتكىلى قويۇڭ! ...
   كولومبونىڭ كۆڭلىمۇ تازا پاراكەندە بولدى. ئەمما ئۇنىڭ غەرىپكە قاراپ سەپەر قىلىش ئىرادىسى تەۋرەنمىدى. ئۇ كۆپچىلىككە:
   - مۇنداق چۇقان كۆتىرشىڭلار بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ!كۆپچىلىك ، ماڭا ئىشىنىڭلار، ئۈچ كۈن ئىچىدە جەزمەن قۇرۇقلۇققا يېتىپ بارىمىز. شۇ چاغدا مەن سىلەرنىڭ مائاشىڭلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىمەن ، -دەپ ۋەزمىن تۇرۇپ نەسىھەت قىلدى.  دېڭىزچىلار بۇ ھالغا يەتكەندە مىڭ كاپشىغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كۆپەيتىلىدىغان مائاشنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن ئاستا-ئاستا جىمىشقا باشلىدى.  2-كۈنى كەچقۇرۇنلىقى، كولومبو گاھ ئۆرلەپ، گاھ پەسىيۋاتقان كىچىككىنە بىر لىفىلدىما يورۇقلۇقنى يىراقتىن كۆردى-دە، دېڭىزچىلارغا دىققەت بىلەن قاراشقا بۇيرۇق بەردى ۋە :كىمكى قۇرۇقلىقنى ئاۋال تۇنۇۋالسا، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىپەك كۆينەك قۇشۇپ مۇكاپات بېرىمەن، دەپ جاكالىدى.  بۇ مۇكاپات ئۆز شارائىتى ئېتۋارى بىلەن ناھايىتى يۇقۇرى ھىسابلىناتتى.
   1492-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى تاڭ سەھەردە، تىرويانا ئىسىملىك بىر دېڭىزچى ئىگىز ماچتا ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ، قۇرۇقلىقنى ئاۋال تونۇۋالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ، «قۇرۇقلۇق !قۇرۇقلۇق !»دەپ ئالقىش ياڭراتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ، باشقا ئىككى كېمىگە بەلگە بەردى.  ئۈچ كېمە ئىنتايىن تېزلىكتە جەم بولدى. دېڭىزچىلار ئىچ-ئىچىدىن ئۆركەشلەۋاتقان خوشاللىقىنى باسالماي تەنتەنە قىلىپ سەكرىشىپ كەتتى. بەزىلەر ھاياجانلىنىپ قوللىرىنى ئېگىز كۆتىرىپ ئۈنلۈك ناخشا توۋلىدى ۋە كولومبونى كۆتىرىپ ئۇنى تەبرىكلىدى.  كولومبونىڭ كۆزلىرىدە ھاياجان ياشلىرى ئەگىدى . ئۇ كۆپچىلىككە تېچلىنىپ قۇرۇقلۇققا چىقىش تەييارلىغىنى تېزلىكتە پۈتتۈرۈشكە جېكىدى.  تاڭ يورىغاندا بۇ كېمە كارۋىنى بىر ئارالغا تاقالدى.  كولومبو،  بىر تۈركۈم دېڭىزچىلارنى باشلاپ، ئۈستىگە يېشىل رەڭلىك كىرىسىت بەلگىسى كەشتىلەنگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ئەترىتىنىڭ بايرىغىنى كۆتۈرگەن ھالدا 70كۈنلۈك يول ئاۋازىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇچرىغان قۇرۇقلۇققا تەنتەنىلىك قەدەم باستى.  توساتتىن، ئارالدىكى خەلق تۇشمۇ تۇشتىن يېتىپ كىلىشتى . ئۇلارنىڭ بەدىننىڭ يېرىمى يالىڭاچ ئىدى. بېشىدا ئوتۇغات، بەدىنى ۋە يۈزلىرىدە رەڭگا-رەڭ سىزىلغان سىزىقچىلار تۇراتتى، خوتۇن قىزلار بۇرۇنلىرىغا بېلىق سۆڭەكلىرى ۋە تاش-مېتال پارچىلىرىنى ئۆتكۈزۋالغان ئىدى. ئارال خەلقى كولومبولارنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىمىرلىماي تۇرغىنچە بۇ ئاق تەنلىىكلەرگە ئىنتايىن ھوشيارلىق بىلەن سەپسېلىشتى. دېڭىزچىلار بۇ ھالەتنى كۆرپ قانداق قىلىشنى بىلمەي، بىردەك كولومبوغا قاراشتى.  كولومبو ناھايىتى ئوقۇمۇشلۇق دېڭىز نەقىلياتچىسى بولغاچقا، ئارال خەلقىنىڭ يامان نىيىتى يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىپ، دېڭىزچىلارنى ئەينەك تەسۋىلەرنى خەلىقنىڭ بوينىغا ئىسىپ قويۇشقا بۇيرىدى. ئارال خەلقى بۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال-خورام ئۇسۇل ئويناپ قارشى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن جىددىي كەيپىيات بىردەمدىلا بېسىلىپ كەتتى.  ئۇسۇلدىن كىيىن ئىككى تەرەپ سوغا ئالماشتۇردى . ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق بولدى: ھەر ئىككى تەرەپتىكى جامائەت ئۆزلىرىنىڭ ھەدىيە قىلماقچى بولغان نەرسىلىرىنى يەنە بىر تەرەپنىڭ تاللىۋىلىشى ئۈچۈن يەردە قويدى. ئارال خەلقى شاتۇتى، يىپ ۋە ئاتار نەيزە قويدى:كولومبو ساپال قاچا، تەسۋى ۋە ئەينەك پارچىسى قويدى. يەرگە قويۇلغان نەرسىلەرنى ھەر ئىككى تەرەپ خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئېلىشتى. 
   كولومبو غەرىپكە قىلغان سەپىرىدە تۇنجى قىتىم ئۇچراتقان بۇ ئارال -ھازىرقى ئوتتۇرا ئامىركا قىتئەسگە قاراشلىق باھاما تاقىم ئاراللىرىغا تەۋە بىر كىچىك ئارال ئىدى. ئۇ بۇ ئارالغا «سان سالۋادور»(قۇتقازغۇچى خۇدا )دەپ خىرىستىيانچە نام بەردى.  2-كۈنى، كولومبو، كېمە كارۋىنىنى بۇ ئارالنى بىر قىتىم ئايلىنىپ چىقىپ ، بۇ يەرنىڭ شارائىتى ۋە ئەلمى-تەلمىنى تەكشۇرۇپ چىقىشقا بۇيرۇدى. بۇ يەردىن ئالتۇن چىقمىغاچقا، ئارال خەلقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەنە جەنۇپقا قاراپ يول ئالدى.  بىر نەچچە كۈن يول مېڭىپلا يەنە كۇبا ۋە ھايتى ئاراللىرىنى تاپتى. شۇ كەمگىچە بۇ ئاراللارغا ياۋروپالىقلار زادى كىلىپ باقمىغان ئىدى.  كولومبو، بۇ ئاراللاردىكى ھەممە نەرسىلەر ئۈستىدە غايەت زور ئىشتىياق بىلەن ئىزلەندى. ئۇنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۈلىدىغىنى، تەبىئىيكى ، ئالتۇن ئىدى. ئۇ كىچە-كۈندۇز ئالتۇن چىقىدىغان يەرلەرگە يېتىپ بېرىش كويدىلا يۈردى ھەمدە خاتىسىگە :«ئالتۇن ھەقىقىتەنمۇ ئاجايىپ نەرسە ئىكەن!كىمدە ئالتۇن بولسا، شۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلى تارتقان بارلىق نەرسىلەرنىڭ خوجايىنى بولالايدىكەن. ئالتۇنلا بولىدىكەن، ھەتتا ئۆزىنىڭ روھىنى جەننەتكە كىرگۈزگىلىمۇ بولىدىكەن»دەپ يازدى.  ئەمما، كولومبو، ئالتۇن چىقىدىغان يەرگە بارالماي، بالاغا يۇلۇقتى.  10-ئاينىڭ 25-كۈنى ، دىجورنى دېڭىزچىنىڭ بىخەستىلىك قىلىشى بىلەن «سان -مارىيە»ناملىق كېمە ھايتى ئارىلىدىكى بىر سايازلىقتا توختاپ قالغاچقا، تېگىدىن سۇ ئۈتۈپ كېتىپ داۋاملىق ئىلگىرلىيەلمىدى. كولومبو نائىلاجلىقتىن ئارقىسىغا يېنىش قارارىغا كەلدى. ئۇ 39نەپەر دېڭىزچىنى بۇ ئارالدا قالدۇرۇپ، ئۇلارغا كەپە-لاپاسلارنى سېلىپ بەردى ھەمدە بىر يىل يەتكۈدەك يىمەكلىك قالدۇردى:ئۆزى باشقا دېڭىزچىلار بىلەن «نىنىيە»ناملىق ئاڭ كىچىك كېمىنى ھەيدەپ ئىسپانىيەگە قايتتى.  «نىنىيە»ناملىق كېمە ئاتلانتىك ئوكياندا شەرققە قاراپ يول ئالدى. دەسلەپكى كۈنلەردە شاۋقۇنسىز تېچلىقتا ماڭغان بولسىمۇ، تۆت ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن توساتتىن چاپقۇن ئىچىدە قالدى.  چىلەكلەپ قۇيغاندەك چششىۋاتقان يامغۇر ئارلاش چىقىۋاتقان قارا بوران ھەدەپ ئۇشقۇرتۇپ تۇراتتى، ئوكيان يۈزىدە سانسىز ھەيۋەت دولقۇنلار ئۆركەشلەيتتى . شىددەتلىك دېڭىز ئۆركەشلەيتتى. شىددەتلىك دېڭىز ئۆركەشلىرى «نىنىيە»ناملىق كېمىنى گاھ چۆكۇرۋەتسە گاھ بوشلۇققا ئېتىۋىتەتتى.  يەلكەن، چاپقۇندا ئاللىقاچان جۇل-جۇل بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ماچتا توختىماسىن غىچىلداپ تۇرھتتى. يامغۇردا پۈتۈن ئەزايى چىلىق -چىلىق ھۆل بۇلۇپ كەتكەن دېڭىزچىلار كېمىنىڭ مۇستەھكەمرەك جايلىرىغا ئېسىۋىلىپ، «ئېھ پەرۋەردىگار، چاپقۇننى توختاتقايسەن!»دەپ كارنىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ نالە قىلىشاتتى.  «قاراس-قۇرۇس»قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، چاپقۇن ماچىتىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى، كېمە تېخىمۇ داۋالغۇپ يانتۇلاشتى. «نىنىيە»ناملىق كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى! كولومبو، تېزلىكتە ئۆز بۆلۈمچىسىگە كىردى-دە، ھالاك بۇلۇش ئالدىدا بۇ قىتىمقى دېڭىز سەپىرىنىڭ ماتىرياللىرىنى ساقلاپ قىلىش چارىسىنى ئويلىدى. بۆلۈمچە ئىچىدىكى بۇيۇملار پۈتۈنلەي چېچىلىپ كەتكەن ئىدى ھەمدە كېمىنىڭ چايقىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز دومىلاپ تۇراتتى. شۇ جىدىدىيچىلىكتە كولومبوغا بىر ئەقىل كىردى-دە، ئۆزىنى دەرھال مىدىرىماس قىلىپ بىكىتىلگەن ئۈستەلگە باغلىدى ۋە تىزىغا بىر تاختاينى باغلاپ قويۇپ، يېڭى قۇرۇقلىقنى تاپقان ۋە 39دېڭىزچىنى ھايت ئارىلىدا قالدۇرۇپ كەلگەن قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنتايىن چاققانلىق بىلەن تېرە قەغەزگە خاتىرلىدى. ئاندىن بۇ خاتىرىنى قاتلاپ موم بىلەن ئورىدى ۋە ئۇنى كوكىس قوۋزىقى ئىچىگە سىلىپ، قوۋزاقنىڭ چاكلىرىنى قارماي بىلەن ھىملاشتۇردى-دە، ئۆزىنى باغلاقتىن بوشىتىپ، دەلدەڭلىگەن ھالدا كېمە سەھنىسىگە چىقىپ ئۇنى دېڭىزغا تاشلىدى. بۇ ئىشنى قىلىپ بۇلۇپلا كۆزىنى يۇمدى-دە، ئۆزىنى دەھشەتلىك چاپقۇن دولقۇنلىرىنىڭ ھۇزىرىغا تاپشۇردى.  تەلەي ئوڭدىن كېلىپ«نىنىيە»بۇ چاپقۇننىڭ ھۇجىمىدىن ساق قۇتۇلدى ۋە ئون نەچچە كۈن يول يۇرگەندىن كىيىن ، پورتۇگالىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ قالدى.
     1943-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، كولومبولار ئىسپانىيەنىڭ باروس پورتىغا قايتىپ كىلىپ ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاتلانتىك ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۈتۈشتىن ئىبارەت دېڭىز سەپىرىنى بىرىنچى بولۇپ ئورۇنلىدى. شۇنىڭدىن كىيىنمۇ كولومبو يەنە ئۈچ قېتىم غەرىپكە قاراپ سەپەر قىلىپ كارايىپ دېڭىزىدىكى بارلىق مۇھىم ئاراللارنى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئامېركا بۇيۇنلىرى بىلەن جەنۇبىي ئامېركا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلىقىنى تاپتى.  كولومبو زادى مەن ھىندىستانغا يېتىپ باردىمغۇ دەپ قاراپ، ئۆزى تاپقان ئاشۇ ئاراللارنى «غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى»ۋە ئۇ يەردىكى مىللەتلەرنى «ھىىندىئانلار»دەپ ئاتىدى. بۇ خاتا ناملار تاكى ھازىرغىچە قوللۇنۇپ كەلمەكتە.
     كولومبودىن كىيىن، ئامىركا ۋېسپوچ ئاتلىق بىر ئىتالىيىلىك ئالىم جەنۇبىي ئامىركا دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كولومبو بارغان يەرنىڭ ياۋروپالىقلار ئاللىقاچان بىلىپ بولغان شەرق ئەمەس، بەلكى بىر يىڭى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇڭا، بۇ قۇرۇقلۇق كىيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئامىركا قىتئەسى دەپ ئاتالدى. 
   كولومبونىڭ دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدىكى بۇ مۇۋەپپىقىيىتى، كىيىنكى كۈنلەردە پۈتكۈل ئامىركا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ تېپىلىشىغا ئاساس سىلىپ بەردى، ماگىللانىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ماتىريال يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۇلۇغ بولدى. ئەمما ئۇنىڭ شەخسىيەت ئاقىۋىتى بەختسىز بولدى. كولومبو، ئىسپانىيە پادىشاسىغا ئالتۇن ئىلىپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشا ئۇنىڭ يېڭى تېپىلغان يەرلەرنىڭ باش ۋالىلىق ئورنىنى تارتىۋالدى، شۇنداقلا ئۇ يەرلەردىن كېلىدىغان كىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئەسلىدىكى بەلگىمىنىمۇ بىكار قىلدى. كولومبو، پۈتكۈل مال-مۈلكى بىلەن قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى‪. 1506-يىل دۇنياغا داڭقى چىققان، ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ قاباھەتلىك كۈنلىرىگە سەۋەپ بولغان بۇ دېڭىزچى دۇنيادىن ئۈن-تىنسىز ئايرىلدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 523 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01