ئاسان سەمىرىپ كېتىدىغان كىشلەر

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىدا سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى يېمەك-ئىچمەكنىڭ زىيادە كوپ بولۇشىدىن دەپ قاراپ كەلمەكتە.
   تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە تۆۋەندىكى 5 تۈرلۈك سەۋەبتىنمۇ سەمىرىپ كېتىدىكەن.
1-كۈن نۇرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرمايدىغانلار:  ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىن Dنىڭ كەملىكىمۇ سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئادەتتە بۇ خىل ۋىتامىن كۈن نۇرى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان بولغاچقا كېچىسى خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن،  كۈن نۇرى ياخشى چۈشمەيدىغان خىزمەت مۇھىتىدا ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىدىغانلاردا  ۋىتامىن D نىڭ كەملىكى بەدەندە ياغنىڭ يىغىلىپ  قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ  ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن.
2-ئەتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى قىلمايدىغانلار: ئاسان سەمىرىپ كېتىدىكەن . ئەتىگەنلىك ناشتىنى تويۇنۇپ قىلغاندا كەچتە جىق يەۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.   بۇنىڭ بىلەن بىركۈندىكى تاماق مىقدارىنى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى پىسخىك تويۇنۇش تۇيغۇسى قانائەت تاپمىغانلىقتىن تاماقنى بىرلا قاتىمدا كۆپ يەۋېلىش كېلىپ چىقىپ ئاسانلا سامىرىپ كېتىدىكەن.
3- قەرزى كوپ ئادەملەرمۇ ئاسان سەمىرىپ كېتىدىكەن: بۇ خىل ئادەملەر دائىم ھېساب كىتاپ قىلىپ روھى ھالىتى جىددى تۇرغاچقا  ئىنىرگىيەگە بولغان ئىھتىياجىمۇ يوقىرى بۇلۇپ، چوڭ مېڭە بەدەندىكى ئارتۇق كالورىيە، ياغ ۋە خولىستىرىن، ياغ ماددىسىنى قويۇپ بەرمەي تۇتىۋالغانلىقتىن   ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن.
4- توي قىلغاندىن كىيىن سەمىرىپ كېتىدىغانلار : تەڭ ياشتىكى ياشلار تەڭتۈشلىرىگە قارىغاندا توي قىلغاندىن كىيىن 3-5كىلو گىرامغىچە سەمىرىپ كېتىدىكەن.
5- ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىدىغانلار: . ئادەتتە 5.0 لىتىر گازلىق ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقتارى 6قوشۇق ئاق شېكەرگە تەڭ بۇلۇپ،  بۇنداق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچكەندە ، كۈنىگە قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى1500-2000 كالورىيە گە يېتىدىكەن . شۇ سەۋەپتىن سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىدىغانلار، ئاسان سەمىرىپ كېتىدىكەن .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1803 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01