جىگەر ياللۇغىنىڭ تېرىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىك ئالامەتلىرى:
1-قايتا قايتا قوزغۇلۇپ تۇردىغان يەل تاشما ،بۇ C تىپلىق جىگەر كېسىلىنىڭ ئالاھىدە بەدەن بەلگىسى بۇلۇپ ،ۋېروسنىڭ بەدەندە داۋاملىق كۆپۇيۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى.
2-پۇتۇن بەدەننىڭ قېچىشىپ توختىماسلىغى Cتىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئېغىرلاپ داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرجىسىنى بىلدۇردۇ.
3- شەكلى ياپىلاق، رەڭگى قېنىق قىزىل بەزىلىرى سوسۇن رەڭلىك ئەسۋىلەر تۈز سىزىق ياكى تور شەكىلدە تىزلىپ تۇردۇ . بۇ خىل ئەسۋە Cتىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلىنىڭ تۇراقسىز ھالىتىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بۇلۇپ ،كېسەل ئەھۋالى ياخشىلانسا ئۆزلىگىدىن يوقاپ كېتىدۇ، ناۋادا بۇ ئەسۋە ئېغىرلاشقان بولسا Cتىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلىنىڭ يامانلاشقانلىغىنى بىلدۇردۇ.
4-تېرىنىڭ زىيادە قورغاقلىشىپ كېتىشى يەنى قورغاقلىشىش خارەكتىردىكى تېرە ياللۇغى بىلەن بەدەن قىچىشىش بۇ كېسەلنىڭ قوزغۇلۇش ۋە يۇقۇم باسقۇچىدا تۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۇردۇ.