ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ8 خىل يامان تەسىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئورۇقلىتىش دورىسىنىڭ 8خىل يامان تەسىرى

 

ئورۇقلاش مودا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر جاپا تارتمايلا دورا ئارقىلىق ئورۇقلاش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، چوڭ-كىچىك كارخانىلار بۇنى تېپىلغۇسىز سودا پۇرسىتى ھىساپلاپ ھەسسىلەپ پايدىسى قالىدىغان ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى بەس-بەستە بازارغا سالماقتا ۋە بەس-بەستە ئېلان بەرمەكتە...ئەمما ئىنسان ئۈچۈن گۈزەللىك مۇھىم بولغىنىدەك سالامەتلىكمۇ مۇھىم،  نۆۋەتتىكى ئۇيقۇ دورىلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەكس تەسىرى بار.


   1-كېچىدىكى ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئېغىرراق بولغاندا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش.بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دورىدا (Amphetamine)تەركىبى بولغانلىقىدا، بۇ خىل ئورۇقلىتىش دورىسىنى ئىشلەتكەندە، دەسلىۋىدە ئۇخلىيالماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقىت ئۇزارغانچە كەيپىيات تۇراقسىز بۇلۇش، قالايمىقان خىياللارنى كوپ قىلىش، قاتارلىق نېرۋا سېستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىدەك  ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.يەنە كېلىپ بۇ خىل  دورىلار ئاسانلا خۇمار قىلىشتەك  ئەكىس تەسىرى بۇلۇپ يېنىكلىك بىلەن  دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالماي تۇرۇپ  دورىنى  ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.


   2-ھاجەتكە كۆپ بېرىش : ئورۇقلىتىش دورىسىنى يېگەندىن كىيىن قورساق بىئارام بۇلۇپ،  تولا ھاجەتكە بېرىش، ئىچى كۆپ سۈرۈش،
     بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇ خىل دورا تەركىبىدە ((罗氏鲜نىڭ بولغانلىقىدا (Xenical)  بۇ خىل  دورىلار مايلىق  يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلدىغان كىشلەرگە ئۈنىمى بىر قەدەر ياخشى بۇلۇپ،   بۇ دورىنى ئىستىمال قىلغۇچىلار دورا ئىشلىتىش داۋامىدا ۋىتامىنلىق  دورىلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك.  بۇ تۇردىكى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى نىسبەتەن تۆۋەنرەك بولسىمۇ 18 ياشتىن كىچىك بالىلار، ئېغىر بوي ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.


    3. ئىشتىھا تۇتۇلۇپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدىغان بۇلۇپ قېلىش:بېشى قېيىش، كۆزى  قاراڭغۇلۇشۇپ  تورلىشىش، بېشى ئېغىرلىشىپ،  ئۇيقۇسى كۆپ بۇلۇش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. بۇنىڭ  سەۋەبى دورا تەركى(Fen-phen芬芬)بۇلۇپ ئاساسلىق رولى ئىشتىھاسىنى تۇتۇش بۇلۇپ ، بۇ دورا   fenfluramine  خەلقئارادا  ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بېكىتكەن چەكلەنگەن  دورا.
     4-ئېغىزى قۇرۇپ يېرىلىش: دورىنى يېگەندىن كىيىن ئېغىز قورۇپ، تىلى قېتىپ، لەۋلىرى يېرىلىش، ھەتتا باش ئاغرىپ،  كەچتە ئۇيقىسى كەلمەسلىك،  يۇرەك سوقۇشى تىزلىشىپ، ماغدۇرسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە ،بۇ خىل ئورۇقلىتىش دورىسى تەركىبىدە 西布曲明(Sibutramine Meridia) بۇلۇپ بۇ دورىنىڭ رولى  نېرۋىلارنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۇش ئىقتىدارىنى تورمۇزلاش  ئارقىلىق ئىشتىھانى كونترول قىلىپ، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىدۇ. بىراق بۇ تۇردىكى دورىلار ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا  ئۇچۇرتۇپ، خاتىرىسى قالايمىقانلىشىش، باش قېيىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق بىر قارتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ..
     5-ئۇخلاپ ئويغىنالمايدىغان بۇلۇپ قېلىش: بۇ خىلدىكى ئورۇقلىتىش دورىسىنى يېگەندىن كىيىن كۆپ ئۇخلاش، لەۋلىرى قۇرۇپ يېرىلىش، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىش، كىچىك تەرىتى كۆپ بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە  بۇ دورا  تەركىبىدە PPA بار بۇلۇپ  بۇمۇ چەكلەنگەن رېتسپسىز ئېلىشقا بولمايدىغان دورا.
     6-ھەددىدىن زىيادە ئىچى سۇرۇپ كېتىش، ۋە كۆپ ياندۇرۇش:بۇ تۇردىكى ئورۇقلىتىش دورىسى تەركىبىدە ساناغا ئوخشاش سۈرگە دورىلىرى بۇلۇپ، ئادەتتە كىشلەر سانانى تەبى ئۇسۇملۇك دورا ئەكىس تەسىرى يوق دەپ قاراپ، خالىغانچە ئىستىمال قىلىدىغان خاتا كۆز قاراش بار . سانانى ئۇزۇن مەزگىل ئىچكەندە قورساق ئاغرىش، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، ھەتتا ئېغىرراق بولغاندا ھەزىم يوللىرى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاياللاردا ھەيز قالايمىقانلىشىش، دورىنى توختاتقاندىن كىيىنكى ئېغىر دەرىجىدىكى قەۋزىيەتنى بەزىبىر روھى كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    7-قورساق كۆپۇش: بۇ خىل ئورۇقلىتىش دورىسىدا 醣禄锭(Acarbose,Glucobayتەركىبى بۇلۇپ، ئاساسلىق رولى قاندىكى شېكەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش. بۇ خىلدىكى دورىنى جىگەر ياللۇغى بولغانلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
    8-كىچىك تەرەتنىڭ زىيادە كۆپ بۇلۇپ، قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى: بۇ خىل ئورۇقلىتىش دورىسى تەركىبىدە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بۇلۇپ، بۇ تۇردىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە كۆپ مىقداردىكى بەدەن سويۇقلىغى سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىپ كېتىپ  سۇسىزلىنىش، ئېلېكترولىتلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ھازىرغا قەدەر  ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق، ئورۇقلىتىش دورىسى يوق ئىكەن. ناۋادا گۈزەللىك ئۈچۈن ئورۇقلىماقچى بولسىڭىز، چوقۇم مەخسۇس ئوزۇقشۇناس دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئېلىپ، يېمەكلىكىنى كونترول قېلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئورۇقلاش ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە بىخەتەر ئورۇقلاش ئۇسۇلى. سالامەتلىگىڭىز  ھەممىدىن مۇھىم.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1047 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01