خەلقارا سېستىرالار بايرىمى=International Nurses Day

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 خەلقارا سېستىرالار بايرىمى=International Nurses Day

 ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 12 - كۈنى خەلقئارا سېسترالار بايرىمى. خەلقئارا سېسترالار كېڭىشى2010-يىللىق سېسترالار بايرىمىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى «سۈپەتلىك پەرۋىش قىلىش، مەھەللىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش سېسترالارنى ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋەشكە يېتەكلەش» دەپ بېكىتتى.
   خەلقئارا سېسترالار بايرىمى سېسترالىق كەسپىنىڭ ئاساسچىسى، پەرۋىش ئىلمىنىڭ پېشۋاسى فىلورېنس نىگتىنگالنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1921 - يىلى تەسىس قىلىنغان.
  نىگتىنگال 1820 - يىل 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىتالىيەنىڭ فىلورېنسىيە شەھىرىدىكى بىر باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، كېيىن ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ ئەنگلىيەگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ 1850 - يىلى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي گېرمانىيەگە بېرىپ، پەرۋىش كەسپىنى ئۆگەنگەن. ئەنگلىيە، فىرانسىيە، تۈركىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى 1854 - يىلىدىن 1856 - يىلىغىچە چاررۇسىيە بىلەن كرېمىلىيەدە جەڭ قىلغان. بۇ مەزگىلدە، ئەنگلىيە ئالدىنقى سەپ دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇش، قۇتقۇزۇش شارائىتى ناچار ھەم ئاغرىقلارغا قارايدىغان سېسترا بولمىغاچقا، ئەنگلىيە ئارمىيەسىدىكى يارىدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %50كە يەتكەن. نىگتىنگال سېستىرالارنى ئالدىنقى سەپ دوختۇرخانىسىغا باشلاپ بېرىپ، دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەرۋىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قىسقىغىنا نەچچە ئاي ئىچىدە يارىدارلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى %2.2كە چۈشۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگلىيەدە بىر مەھەل مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان.
   نىگتىنگال 1860 - يىلى ئەنگلىيەدىكى ساينت دوما دوختۇرخانىسىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇنتىزىم سېسترالار مەكتىپىنى قۇرغان ھەم مەخسۇس پەرۋىش ئىلمى توغرىسىدا نەچچە كىتاب يازغان. ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ئىدىيەسى ئەنگلىيەدىن ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە تارقىلىپ، ئۆزى يېقىنقى زامان پەرۋىش كەسپىنىڭ ئاساسچىسى، دەپ تەرىپلەنگەن. نىگتىنگال 1910 - يىلى ۋاپات بولغان.
   خەلقئارا سېسترالار كېڭىشى نىگتىنگالنىڭ پەرۋىش ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 1912 - يىلى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خەلقئارا سېسترالار بايرىمى قىلىپ بېكىتىپ، سېسترالارنى پەرۋىش ئىشلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر بىر ئاغرىققا «مېھرىبانلىق، سەۋرىچانلىق، ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق» بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، پەرۋىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
  1988 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىللىق سېسترالار بايرىمىغا تېما بېكىتىلگەن. بۇ يىل ئەنگلىيە سېسترالار كېڭىشى ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىشنى تېما قىلىپ تاللاشتا، سېسترالارنى ئۇزاق مۇددەتلىك سۈپەتلىك پەرۋىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەخسىي ۋە كوللېكتىپ پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي خىزمەتنى سوزۇلما خاراكتېرلىق كېسەللىكلەرگە قارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 575 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01