فوكس شىركىتى= 福克斯娱乐集团=Fox Entertainment Group

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

فوكس شىركىتى= 福克斯娱乐集团=Fox Entertainment Group=


   فوكس شىركىتى ئامېرىكىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خەۋەر تېلېۋىزىيىسى Fox News ، 20-ئەسىر فوكس فىلىم شىركىتى ، فوكس تەنتەربىيە شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى كۈچلۈك شىركەت بولۇپ، 2009-يىللىق تىجارەت كىرىمى بىر مىلىيارد دوللاردىن ئاشىدۇ.
   ھوللىۋودتىكى 8 چوڭ كىنو شىركىتى ئىچىدە 20-ئەسىر فوكس شىركىتى ئەڭ كىيىن قۇرۇلغان، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ ئەگرى-توقايلىقنى باشتىن كەچۈرگەن شىركەت بولۇپ، نەچچە قېتىم ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىپ باشقىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان.  20-ئەسىر فوكس شىركىتىنى تىلغا ئالسىلا، كىشىلەر «ئەڭ ئۇزۇن بىر كۈن»، «مۇزىكا ساداسى» ۋە «تىتانىك ناملىق پاراخوت» قاتارلىق كىنولارنى ئەسكە ئېلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە فوكس شىركىتى 1904-يىلى ۋېنگىرىيلىك كۆچمەن ۋېليام فوكس تەرىپىدىن نىيۇيوركتا قۇرۇلغان بولۇپ ، قۇرۇلغان ۋاقىتتا فوكسنىڭ پەقەت 1600دوللارلا پۇلى بار ئىدى. ئەمما دەسلەپتە تېز پايدا ئېلىپ كۆتۈرۈلۈپ كېيىن مەبلەغ سېلىنمىسى زورىيىپ فوكسنىڭ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىدىغانغا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن  1935-يىلى 20-ئەسىر كىنو شىركىتى بىلەن فوكس كىنو شىركىتى بىرىكىپ بىر شىركەت بولغانلىقىنى جاكارلاپ، رەسمىي تۈردە ۋىۋېسكا ئاسقان چاغدا ۋېليام فوكس ئاللىقاچان سېرتنىڭ ئادىمى بولۇپ قالدى.
   20-ئەسىر فوكس شىركىتىدىكى ھەقىقىي مەشھۇر شەخس داۋرك زانۇك بولۇپ، چوڭ چوڭ فىلىملەرنى ئىشلەشكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بۇ بايۋەچچە بۇ شىركەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن. فوكس شىركىتىنىڭ زور ئۇتۇق قازانغان كىنولىرىدىن يەنە «مىسىر خانىشى» دەك بىلەت كىرىمىدا مەغلۇب بولغان كىنولىرىمۇ بار.
      1981-يىلى نېفىت ماگناتى داۋىس فوكس شىركىتىنى سېتىۋالدى. 1985-يىلى داڭلىق ئاخبارات ماگناتى موردوك فوكس شىركىتىنى تولۇق سېتىۋالدى ۋە زور مەبلەغ سېلىپ فوكسنى تېلېۋىزىيە ساھەسىگە ئېلىپ كىرىپ فوكسنى ئامېرىكىدىكى تۆتىنچى چوڭ تېلېزىيە ئىستانسىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرگە جورجى لۇكاسنى تەكلىپ قىلىپ «پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش»ىنى ئىشلىدى. تېلېزىيە ۋە فىلىم ساھەسىدە بىراقلا ور ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن « تىتانىك» نىڭ بازارغا سېلىنىشى فوكسنى دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى گىگانتقا ئايلاندۇردى.
   فوكس شىركىتىنىڭ يەنە ئىككى ئۆزگىچە شۆبە شىركىتى بولۇپ، بۇلار ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون فىلىم ئىشلەيدىغان كۆك ئاسمان ئىشخانىسى بىلەن مۇستەقىل كىنو تارقىتىدىغان فوكس كۆزىتىش چىرىغى شىركىتى ئىدى. كۆك ئاسمان ئىشخانىسى ئىشلىگەن ئۈچ فىلىم «مۇز ئىراسى»، «ماشىنا ئادەم» ۋە «مۇز ئىراسى 2» ناھايىتى ئۇتۇق قازانغان بولۇپ، فوكس ھازىر ئۈچ ئۆلچەملىك كىنو ئىشلەش ساھەسىدە پىكسار بىلەن چۈش زاۋۇتىدىن ئىبارەت ئىككى داڭلىق فىلىم ئىشلەش شىركىتى بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ. فوكس كۆزىتىش چىرىغى شىركىتى بولسا، مۇستەقىل كىنوچىلىقتىكى بىر چولپان بولۇپ، «قۇياش ساھىبجامالى» قاتارلىق داڭلىق، بىلەت كىرىمى يۇقىرى بولغان كىنولارنى تارقاتقان.


-----------------------
ئاينۇر مۇھەممەد دەريا ھەسەن تەرجىمىسى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 758 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01