بىلكەنت ئۇنىۋېرستى=Bilkent University

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

بىلكەنت ئۇنىۋېستېتى=Bilkent University

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي مائارىپ ئورگىنىغا قاراشلىق تۇنجى خۇسۇسىي شەكىلدىكى فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستى ئاسىيا ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان داڭلىق شەھەر ئىتانبۇلغا جايلاشقان بىلكەنت ئۇنىۋېرستىدۇر.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستى؛ ئېھسان دوغراماجى مائارىپ فوندى جەمئىيىتى، ئېھسان دوغراماجى سەھىيە فوندى جەمئىيىتى، ئېھسان دوغراماجى ئىلمىي - تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئورتاق قارار قىلىشى نەتىجىسىدە 1984 - يىلى 20 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستى، تۈركىيە ۋە مۇناسىۋەتلىك فوند جەمىيەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ نۆۋەتتە، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستلار ئارسىدا مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئىلمىي - تەتقىقات ۋە نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكى ، مەدەنىيەت - سەنئەت پائالىيەتلىرى جەھەتتىكى سەۋيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى قاتارلىق ساھالەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. بىلكەنت ئۇنىۋېرستى، «بىلىم كەنتى ئۇنىۋېرستى» نىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر، بۇنىڭدىن بىز بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتىنىڭ قانچىلىك پۇرسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كەلگۈسىدە بىر ئالى مەكتەپ شەھرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستى، 1986 - يىلى 386 نەپەر ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بىلكەنت ئۇنىۋېرستىغا قاراشلىق 9 فاكۇلتېت، باكلاۋورلۇق سەۋىيىسىدە 2 دانە ئالىي تېخنىكوم، 3 دانە كەسپىي تېخنىكوم، 38 ئوقۇ - ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە 6 ئىنىستىتۇت، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بار. بىلكەنت ئۇنىۋېرستى، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، بۇن جەھتتىنمۇ دۇنيا بويىچە داڭلىق مائارىپ مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستىنى پۈتتۈرگەنلەر تۈركىيە ۋە خەلقئارادىكى داڭلىق ئورۇنلاردا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئۇنىۋېرستنىڭ نوپۇزىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. 1988 - يىلى تۈركىيىدە مەلۇم بىر ئۇنىۋېرست قارىمىقىدا تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سودا دۇنياسىنىڭ شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىنى تەرتىپلىك ھالدا ئۇچراشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستى، دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستلار بىلەن ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلماقتا. بىلكەنت ئۇنىۋېرستى كېلىشىم ھاسىل قىلىۋاتقان ئۇنىۋېرستلارنىڭ سانى كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرستلار ئارىسىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستى، گېئورگىيە پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرستى، ماريلاند ئۇنىۋېرستى، ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرستى، مىچىگان ئۇنىۋېرستى؛ ئەنگىلىيىنىڭ ئەسسەكس ئۇنىۋېرستى، گېرمانىيىنىڭ پفورجېئىم ئۇنىۋېرستى بىلەن كونستانز ئۇنىۋېرستى، ئىتالىيىنىڭ روما ئۇنىۋېرستى بىلەن ېكولې سۇپېرىئېۇرې دې كوممېركې دې لېللە ئۇنىۋېرستى، كانادانىڭ مكگىل ئۇنىۋېرستى بىلەن مونترېئال ئۇنىۋېرستى، گوللاندىيىنىڭ تىلبۇرگ ئۇنىۋېرستى بىلەن ئامستېردام ئۇنىۋېرستى، دانىماركا (دانىيە) نىڭ جەنۇبىي دانىماركا ئۇنىۋېرستى، ئىسرائىلىيىنىڭ تەل ئەۋىۋ ئۇنىۋېرستى، يېڭى زىللاندىيىنىڭ ۋايكاتو ئۇنىۋېرستى قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق مائارىپ ئورگانلىرى بار.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپلىكى، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر جەھەتتىن، بىلكەنت ئۇنىۋېرستى تۈركىيىدىكى ئۇنىۋېرستلار ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستىدا ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، ئىقتىسادىي، ئىدارى ۋە ئىجتىمائى پەنلەر فاكۇلتېتى، قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتى، ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، گۈزەل - سەنئەت فاكۇلتېتى، لاھىيە ۋە مېمارچىلىق فاكۇلتېتى، تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتى، مۇزىكا فاكۇلتېتى ۋە سەھنە سەنئەتلىرى فاكۇلتېتى قاتارلىق فاكۇلتېتلار بار.
تۈرك ئۇنىۋېرستلىرى ئارىسىدا دۆلەت ئۇنىۋېرستلىرىدىن باشقا فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستلىرىمۇ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. فوندى جەمئىيەت ئۇنىۋېرستلىرى ئارىسىدا بىلكەنت ئۇنىۋېرستى، تۈركىيىدە مائارىپ ساھەسىدە ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتىشتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىقمۇ دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستلار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستى، مائارىپ ۋە تەتقىقات جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەكشۈشۈپ ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىپ كەلمەكتە. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەلقئارا ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە بۇ ماقالىلاردىن ئالىملارنىڭ دېگۈدەك پايدىلىنشى بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستىنىڭ دەرسلىك تىلى ئىنگىلىزچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاللايدىغان دەرسلەردىن سىرت باشقا چەتئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستىنىڭ ئوقۇتقۇچى خادىملىرىنىڭ ئۈچتە بىرى چەتئەللىك.
دۇنيانىڭ ساناقلىق كۈتۈپخانىلىرىدىن بىرگە ئىگە بىلكەنت ئۇنىۋېرستى، ھازىرغىچە كىتاب - ژورناللار ئۈچۈن 3 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتى.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستىدا نۇرغۇنلىغان يەرلىك ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلمەكتە. نۆۋەتتە، بىلكەنت ئۇنىۋېرستىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇچىلارنىڭ تۆتتە بىرى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشمەكتە.
بىلكەنت ئۇنىۋېرستى ھەققىدە www.bilkent.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 682 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01