ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى=Ankara university

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى=Ankara university


   تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق ۋە ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرستلىرىدىن بىرى بولغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى- تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك قۇرۇپ چىققان يېڭى دۆلەتنىڭ خەلقنى ئاقارتىش بۇرچى ھەم تارىخىي ۋەزىپىسى بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى، ئاتاتۈرك 1921- يىلى پىكىر جەھەتتىكى ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن تۇنجى دۆلەتلىك ئالىي مائارىپ ئاپپاراتىدۇر.
  ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا تۈركىيىنىڭ ئىلمىي ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمىي، داڭلىق ۋە زامانىۋىي بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر.
   ئۇنىۋېرسىتنىڭ قۇرۇلغاندىن تارتىپلا ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى تۇنجى ۋە ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان پائالىيىتى سېكولارىزم يەنى دىن بىلەن سىياسەت ئايرىۋىتىلگەن تۈزۈلمە ۋە دېموكراتىك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېپ يېڭى ۋە ئىلغار قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلالايدىغان تالانتلىق قانۇنشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئۇلۇغۋار نىشان قىلىشىدۇر.
   ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى دائىرىسىدە قانۇنشۇناسلار ۋە تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 1925 - يىلى ئۇنىۋېرسىت قارمىقىدا قانۇنشۇناسلىق ئىنىستوتى قۇرۇلغان. يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرك دېھقان - چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەقسىدىدە 1933 - يىلى يېزا - ئىگىلىك ئالىي تېخنىكومى قۇرۇلۇشى بىلەن تۈركىيەنىڭ يېزا - ئىگىلىك ماراىپى ۋە مۇلازىمىتى ساھەسىدە يېپ - يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان. كېيىنچە ئەڭ باي ۋە تارىخ بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ھەمدە تۈركىيىنىڭ دۇنياغا ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشتا شۇ تىل بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 1935 - يىلى تىل ۋە تارىخ - جۇغراپىيە ئىنىستوتى قۇرۇلغان.
   1859 - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغاندىن تارتىپلا مەكتەبىي مۈلكىيە دېگەن نام بىلەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ۋە 1936 - يىلى ئەنقەرەگە يۆتكەلگەن سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىدىكى ئەڭ سەرخىل فاكۇلتېتلاردىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە، ئەنقەرە ئۇنىۋېرستىنىڭ قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى، يېڭى ۋە زامانىۋىي تۈركىيىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرستىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، 1940 - يىلى قۇرۇلغان مىدىتسىنا ۋە تەبىئىي پەنلەر ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇش باشلىشى بىلەن 1946 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تولۇق تاماملىنىپ بولغان.
1948 - يىلى يېزا - ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ يېزا - ئىگىلىك ۋە مال دوختۇرلۇق فاكۇلتېتلىرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرستىغا قاراشلىق بولغان. 1949- يىلى دىنشۇناسلىق فاكۇلتېتى، 1935 - يىلى قۇرۇلغان ۋە 1950 - يىلى سىياسىي بىلىملەر دەپ ئاتالغان فاكۇلتېت، 1960 - يىلى قۇرۇلغان دورىگەرلىك فاكۇلتېتى، 1963 - يىلى ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتېتى، 1965 - يىلى قۇرۇلغان پېداگوگىكا ئىنستىتوتى ۋە شۇ يىلى قۇرۇلغان ئاخبارات فاكۇلتېتى ئەنقەرە ئۇنىۋېرستىنىڭ ئىلمىي بايلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان فاكۇلتېتلاردۇر.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى 2009 - يىلى ئوقۇشقا ئورۇنلاشقان 7 مىڭدىن كۆپرەك باكلاۋۇر، 3 مىڭدىن كۆپرەك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنيا بىلىم دۇنياسىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان زامانىۋىي ۋە ئىلغار بىلىم مەركىزى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
2009 - يىلى  ئەنقەرە ئۇنىۋېرستىدا 2053 باكلاۋۇر ۋە 28564 ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى بىلىم ئالماقتا.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرستىنىڭ 2009 - يىللىق مەلۇماتلىرىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرستىغا قاراشلىق 14 فاكۇلتېت، 3 ئالىي تېخنىكوم، 6 كەسپىي ئالىي تېخنىكوم ۋە بىر دۆلەتلىك سەنئەت مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئاسپىرانتلىق ساھەسىدە ئۇنىۋېرستقا قاراشلىق 9 ئىنىستىتۇت بار. يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى دائىرىسىدە 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانتلىق ۋە باكلاۋۇرلۇق پروگراممىسى بار. خالىغان ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى يىل چەتئەل تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيالايدۇ.
2009 - يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرستىدا 1080 پروفېسسور، 304 دوتسېنت ۋە 258 ياردەمچى دوتسېنت بولۇپ جەمئىي 1642 ئوقۇتقۇچى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلار يەنى مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچىلاردىن 1660 ى بار ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ بىر تەرەپتىن ئۆز ساھەسىدە مائارىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ چىقىۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن  كېيىن قۇرۇلغان ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ قۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا.
   ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى، چەتئەل ئۇنىۋېرستلىرى ۋە بىلىم مەركەزلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرستلار بىلەن 60 تىن ئارتۇق ئاكادېمىك ھەمكارلىقى كېلىشىمنامىلىرى داۋام قىلماقتا. بۇ كېلىشىمنامىلەرگە ئاساسەن ئورتاق تەتقىقات لايىھىلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ماتېرىيال ئالماشتۇرۇش پروگراممىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى خەلقئارا ئۇنىۋېرستلار بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇنىۋېرستلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرستلىرىنىڭ تارىخ، مەدەنىي ئىنسانشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق ۋە پەلسەپە ساھەلىرىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا دېڭىز ئىلمىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئاكتىپ ئەزاسى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى يەنە گېرمانىيە پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ساساكاۋا فوندى جەمئىيىتى، ئالېكساندىر ۋە ھۇمبولدت فوندى جەمئىيىتى، ئىنگىلىز مەدەنىيەت كېڭىشى، خەلقئارا يېزا – ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، گېرمانىيە ئېلېكتورون شىركىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرستتىن سىرتقى چەتئەل جەمئىيەتلىرى بىلەنمۇ ئاكادېمىك جەھەتتىن زىچ ھەمكارلىق ئورناتماقتا.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى دائىرىسىدە قۇرۇلغان تاشقىي ئالاقە باشقارمىسى، تۈركىيىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ياكى چەتئەلدىن تۈركىيىگە كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەرمەكتە.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى تەرىپىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يىراق مۇساپىلىق مائارىپ» ۋە «ئىزچىل مائارىپ» دەپ ئاتىلىدىغان مائارىپ خىزمىتىنى جارى قىلدۇرۇدىغان بىر مەركەز قۇرۇلدى.
خەلقئارادىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى، مىسلىسىز دەرىجىدە ئۈلگە يارىتىپ، 1984 - يىلى 1- مارت كۈنى زامانىۋىي مېتودلار ئارقىلىق دەرس بېرىلىدىغان تۈركچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە 10 شۆبىسى بار بولغان قىسقىچە « TÖMER » دەپ ئاتىلىدىغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى تۈركچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەركىزى چەتئەللىكلەرگە تۈرك تىلىنى ئۆگىتىشتە ئۈلگىلىك بىر ئورگاندۇر.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرستى ھەققىدەwww.ankara.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 786 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01