خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقى


  خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقى


    خەنزۇ تىلى  دۇنيادىكى ئانا تىلى قىلىپ ئىشلىتىدىغانلار سانى ئەڭ كۆپ تى جۇڭگۇ، تەيۋەن، شاڭگاڭ، ئاۋمىن سىنگاپۇر قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ دۆلەت تىلى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئانا تىل قىلىپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ تىل بولۇپ يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە چەتئەللەردىكى تەخمىنەن 60مىلىيۇندىن كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە خەنزۇ مۇھاجىرلار قوشۇلۇپ دۇنيادا تەخمىنەن بىريېرىم مىلىيارت ئادەم خەنزۇ تىلىدا  سۆزلىشىدۇ.
   خەنزۇ تىلى چىن تىبەت تىللىرى سېستمىسى چىن تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە 9 خىل دىيالىكىتنى قولللىنىدىغان بولۇپ،  چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ پۇتۇڭخۇا دەپ ئاتىلىدىغان بېيجىڭ دىيالىكتىنى ئاساس تىل قىلغان  800مىلىيۇن ئادەم سۆزلىشىدىغان مەركىزى دىيالىكىتدىن باشقا ،  گۇڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم رايونى ۋە گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ شەرقى ،  شاڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان 82مىلىيۇن ئادەم سۆزلىشىدىغان يۈې تىللىرى دىيالىكىتى ،  شاڭخەي شەھرى ۋە جېجاڭ ئۆلكىسىدىكى ۋۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان 70 مىلىيۇن ،  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقى جەنۇب دېڭىز بويلىرى،  فۇجەنننىڭ غەربى جەنۇبى ۋە تەيۋەن، خەينەن ئارىلىدىكى  32مىلىيۇن ئادەم سۆزلىشىدىغان جەنۇبى مىن دىيالىكىتى،  فۇجەننىڭ شىمالىدىكى 12مىلىيۇن ئادەم سۆزلىشىدىغان شىمالى مىن دىيالىكتى،   جاڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىدىكى  30مىلىيۇن ئادەم سۆزلىشىدىغان گەن دىيالىكىتى ،  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىدىكى  50مىلىيۇن ئادەم سۆزلىشىغان  شىاڭ دىيالىكىتى،  جاڭشىنىڭ جەنۇبى ،  گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقى شىمالى ۋە جۇڭگۇنىڭ غەربى جەنۇپتىكى ئۆلكىلىرىگە چوڭ جەھەتتىن تارقاق،  كىچىك جەھەتتىن توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 35مىلىيۇن ئادەم سۆزلىشىدىغان كېجىا دىيلىكتى قاتارلىق 8 چوڭ دىيالىكىت بار. خەنزۇ تىلىدىكى دىيالىكىتلارنىڭ پەرقى بەك زور، بولۇپمۇ جۇغراپىيىلىك ئارىلىقى يىراق بولغان شىملدىكىلەر جەنۇپتىكى مىن ، يۈې دىيالىكتىدىكىلەرنىڭ تىلىنى چۈشىنەلمەيدۇ. 

خەنزۇ تىلىنىڭ دىيالىكىتلار خەرىتىسى:


خەرىتەخەرىتە



    خەنزۇ يېزىقى ئىروگلىف يېزىقىغا تەۋە بولۇپ  دۇنيادىكى تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان سۈرەتلىك يېزىقنىڭ خەنزۇلارغىلا ماس بولغان، مەتبەئەگە ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا تەرەققى قىلدۇرۇلغان نۇسخىسىنى ئىشلىتىدۇ. خەنزۇ يېزىقىدا ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەر بىرىگە،  شۇنداقلا ئىش-ھەركەت،  ھىسىياتلارغا شۇنىڭغا ماسلاشقان ئايرىم خەت ئىشلىتىلىدۇ.  خەنزۇ يېزىقىنىڭ مۇرەككەپ شەكىل ۋە ئاددىلاشتۇرۇلغان شەكىل دەپ ئىككى خىل يېزىلىشى بولۇپ  مۇرەككەپ شەكىل  خەنزۇ يېزىقى تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىلاشتۇرۇلغان شەكىل 1949-يىلى  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ماۋزېدۇڭ ۋە جۇئېنلەينىڭ رەھبەرلىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ 60 يىلدىن بۇيان جۇڭگۇاە كەڭ كۆلەمدە ئۇمۇملاشتۇرۇلغان.
     1. خەنزۇچە خەتلەر گەرچە سۈرەتلىك يېزىقلاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما سۈرەتنىڭ ئىپادىلەش دائىرىسى چەكلىك بولىدۇ، يېزىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ئىپادىلىيەلىشى ئۈچۈن كېيىنكىلەر خەنزۇ يېزىقىغا يەنە يان بۆلەك ئارقىلىق مەنا ئىپادىلەپ ئاساسى بۆلەكتە ئوقۇلۇشىنى ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىنى قوشۇپ ئۇمۇملاشتۇرغان.
پايدىلانما:خەنزۇچە خەتنىڭ يان بۆلەك ئارقىلىق مەنا ئىپادىلەپ ئاساسى بۆلەكتە ئوقۇلۇشىنى ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى ئۈچۈن ئوبرازلىق بولغان بىر مىسال:
曼=لەرزان
馒= موما- ئالدىنقى بۆلىكى ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ يىمەكلىككە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
鳗= يىلان بېلىق- ئالدىنقى بۆلىكى ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ بېلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
=鬘 سۇمبۇل چاچ- ئۈستى بۆلىكى ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ چاچقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
谩=ئالدىماق- ئالدىنقى بۆلىكى言 ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
墁=سۇۋاق- ئالدىنقى بۆلىكى土 ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ توپىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
幔=پەردە،چىمىلدىق، لەۋھە ـ ئالدىنقى بۆلىكى巾 ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ رەختكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
慢=ئاستا ـ ئالدىنقى بۆلىكى心 ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ ھىسسى ئۇقۇم ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
漫=تېشىپ تەتمەك، يامرىماق ـ ئالدىنقى بۆلىكى水 ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ رەختكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
缦=شايى ـ ئالدىنقى بۆلىكى丝 ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ يىپەك مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
蔓=پېلەك - ئۈستى بۆلىكى草 ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ ئۆسۈملۈككە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
镘=ئەندۇۋاـ ئالدىنقى بۆلىكى铁  ئارقىلىق بۇ خەتنىڭ تۆمۈرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى، كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغان.
 ئەلبەتتە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ماڭسىمۇ ئەمما بۇ خىل تەرتىپ يەنىلا ھەممە سۆزلەرنى ئىپادىلەشكە كەملىك قىلغانلىقتىن ئۇزاق زامانلاردىن بېرىقى ئۆزگىرىشلەر خەنزۇچە خەتلەرنىڭ بۇ تەرتىۋىدە خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلغان.
   مەسىلەن法خېتىنى مىسالغا ئالساق بۇ سۇنى بىلدۈرىدىغان يان بۆلەك بىلەن كېتىشنى بىلدۇرىدىغان ئاساسى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما چارە ئۇسۇل ، قانۇن دىگەن مەنانى ئىپادىلەپ faدەپ ئوقۇلىدۇ. خەتنى ئوبدان تەھلىل قىلساق ئەڭ دەسلەپكى قانۇن ياكى ئۇسۇل-چارىنىڭ سۇغا مۇناسىۋەتلىك يەنى سۇ تەقسىملەش ياكى سۇ باشلاشقا مۇناسىۋەتلىك بوغان ھالدا پەيدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز،慈 خېتىنى تەھلىل قىلساق يەنە بايا مىسالغا ئالغان manتاۋۇشىدىن مىسالغا ئالساق熳=گۈزەل ـ كېيىنكى بۆلىكى ئارقىلىق ئوقۇلۇشى ئىپادە قىلىنغانلىقى قائىدىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ ئالدىنقى بۆلىكىى火 ئارقىلىق بۇ خەت ئوتقا مۇناسىۋەتلىكتەك  كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتتە بۇ ئوخشىتىش بولۇپ 火+曼يەنى ئوت+ لەرزان= گۈزەل، مۇنداقچە ئېيتقاندا لەرزان، ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرىدىغان نەرسە گۈزەل بولىدۇ دىگەننى بىلدۈرىدۇ...خەنزۇچە خەتنىڭ يان بۆلەكلىرىنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇلۇشى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مەنىسىنى بىلىۋالساق خەنزۇچە خەتلەرنى ئوقۇش، ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئۆگىنىشكە تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. مەسىلەن 狗خېتىنىڭ ئالدى يان بۆلىكى كۆپ ھاللاردا ھايۋاناتلارغا ياكى ھايۋانلارنىڭ خاراكتىرىگە مۇناسىۋەتلىك خەتلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

 

[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-5-10 8:17:24][admin تەستىقلىدى . 2010-5-11 12:41:51]


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 902 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-29