تىبەت تىلى=藏语=Tibetan language

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

زاڭزۇ تىلى=藏语=Tibetan language 
     تىبەت تىلى 2009-يىلى 11-ئايغا قەدەر تىبەت ئىشلەتكۈچىلەر سانى6مىلىيۇن 750مىڭ بولغان،  خەنزاڭ(چىن تىبەت) سېستىمىسى-تىبەت بۇرما(تېبەت مىيانمار) تىللىرى ئائىلىسى-ھىمالايا تارمىقى(تىبەت كانۇرى تىللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)-بودو تىل تۈركۈمىگە تەۋە تىل بولۇپ لاسا شىۋىسى تىبەت  تىلىنىڭ  مائارىپتا قوللىنىلىدىغان بىردىنبىر ئورتاق تەلەپپۇزى  ھىساپلىنىدۇ.

    تىبەت تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى ۋە چىڭخەي، سىچۇەن، گەنسۇ،  يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرى ۋە ھىندىستان،  پاكىستان،  نىپال،  بۇتان،  سىككىم ، بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان.  تىبەت تىلى ئۆز ئىچىدىن يەنە لاسا دىيالىكتىنى مەركەز قىلغان -تەخمىنەن تۆت مىلىيۇن كىشى سۆزلىشىدىغان  卫藏- U-Tsang  مەركىزى شىۋىسى  ،  شىزاڭنىڭ شەرقىدىكى چامدو ۋىلايىتى ۋە چىڭخەينىڭ يۈشۇ ئوبلاستى، گورلو ئوبلاستىنى مەركەز قىلغان،   سىچۇەندىكى گەنزى تىبەت ئاپتونۇم ئوبلاستى ۋە يۈننەندىكى دېچىن تېبەت ئاپتونۇم ئوبلاستىدىكى تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  تەخمىنەن ئىككى مىلىيۇن كىشى سۆزلىشىدىغان   khams skad-   شىۋىسى ،  گەنسۇدىكى ۋە سىچۇەن ئابا تىبەت ئاپتونۇم ئوبلاستىدىكى تەخمىنەن 800مىڭ كىشى  سۆزلىشىدىغان ئامدو  شىۋىسى،  كەشمىرگە تەۋە پاكىستاننىڭ بالتىستان رايونى ۋە ھىندىستاننىڭ لاداخ رايونىدىكى تەخمىنەن 600مىڭ كىشى سۆزلىشىدىغان، بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان  لاداخ،  پۇرىك ۋە بالتى مىلىتىنىڭ دىيالىكتىنى دىيالىكتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاداخ شىۋىسى  قاتارلىق تۆت شىۋىسى  بار،  ھەرقايسى شىۋىلەر ئارىسىدىكى پەرق بەك چوڭ بولۇپ ئۆز ئارا تولۇق چۈشىنىشكىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ جوڭگودىكى تىبەتلەر چەت ئەلدىكى تىبەت تىلىنى چۈشىنەلمەيدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەر قايسى شىۋىلەردە ئايرىم رادىيو-تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە مەتبۇئاتلار بار. بۇندىن باشقا يەنە بۇتاندىكى بۇتان تىلى ۋە ھىندىستاندىكى سىككىم تىلىمۇ تىبەت تىلىغا يېقىن قېرىنداش تىل بولۇپ تىبەت تىلىدىكىلەر بىلەن قىسمەن چۈشىنىشىدۇ.
   تىبەت تىلى دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان تىللارنىڭ بىرى بولۇپ لاما دىنىدىكى دىنى ئەسەرلەردىن سىرت گېسار داستانى قاتارلىق مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە. تېبەت تىلى شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى ۋە چىڭخەي-سىچۈەن-يۈننەنلەردىكى تىبەت ئاپتونۇم ئوبلاستلىرىدىكى رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە مەتبۇئاتلاردا كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بولۇپلا قالماي يەنە  شىزاڭدىكى ئالى -ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ تىلى ، خەنزۇ تىلى بىلەن بىرلىكتە شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى .
    
    تىبەت تىلى 7-ئەسىر سۇمزاڭ گانبو((松赞干布王 دەۋرىدىن باشلاپ يېزىقى بار بولغان، دانىشمەن تونمى.زانبوجا(吞米•桑布扎) ھىندىستانغا بېرىپ سانسىكىرت ئېلىپبەسى ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئېلىپبەنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئېلىپبەدە 30ئۈزۈك تاۋۇش ۋە 4 سوزۇق تاۋۇش بار. تىلشۇناسلار ۋە تىبەت يېزىقىنى قوللىنىش بىئەپ بولغان ئەھۋاللاردا تىبەت تىلىنى تىلىنى ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق بولغانلار تېبەت تىلىنى دائىم لاتىن يېزىقىدا خاتىرىلەيدۇ، لاتىن تىلىدا تىبەت تىلىنى خاتىرلەشتە  بىرقەدەر كەڭ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل يۇتوڭچۇەن(于道泉) لاھىيىسىدۇر، بۇنىڭدا پەقەت كومپىيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدىكى 26لاتىن ھەرپى بار،  باشقا بەلگە قوشۇش بىھاجەت.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 696 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01