فىلدىز مۇكاپاتى=Fields Medal

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
   نوبېل مۇكاپاتى (Nobel Prize) ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات بولۇپ ، شىۋېتسىيىلىك خېمىك ھەم پارتىلاتقۇچ دورا كەشپىياتچىسى ئالفېرد نوبېل (Alfred Nobel) نىڭ ۋەسيىتى بويىچە ، ئۇنىڭ بىر قىسىم مىراسلىرىنى مۇكاپات فوندى قىلىپ تەسىس قىلىنغان . بىراق نوبېل ، كەشپىياتچى ھەم سانائەتچى خوجايىن بولغاچقا   نوبېل ماتېماتىكا مۇكاپاتى   تەسىس قىلىنمىغان . چۈنكى ، ئۇ ماتېماتىكىغا ئالاھىدە قىزىقمىغان ھەم ماتېماتىكىنى نەزەرىيىۋى پەن دەپ قارىغان . ئەمەلىيەتتە ئۇ ، بۇ مۇكاپاتنى   ئىنسانلارغا بەخت يەتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى كەشپىيات ياكى بايقاش مۇكاپاتى   - دەپ ئېيتىدۇ .   ئۇنداقتا ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق مۇكاپات قايسى ؟
    1924 - يىلى تورۇنتودا يەتتىنچى نۆۋەتلىك خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى ، ماتېماتىك فىلدىز (John Charles Fields) قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقاندا قالغان ئىقتىسادى بىلەن بىر ماتېماتىكا مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا تەكلىپ بەرگەن . ئۇ ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مىراسىنى بۇ مۇكاپاتنىڭ مۇكاپات فوندىنىڭ بىر قىسىمى قىلىشقا ۋەسيەت قالدۇرغان ھەمدە بۇ مۇكاپاتنى ھەر قانداق دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ نامى ياكى شەخىسنىڭ نامى بىلەن ئاتىماسلىققا تەكلىپ بەرگەن . شۇنداق بولسىمۇ خەلىقئارا ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭ نامى بىلەن  فىلدىز مۇكاپاتى   (Fields Medal) دەپ ئاتاپ ، فىلدىزنى خاتىرلەپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن .
     فىلدىز كانادالىق ماتېماتىك بولۇپ ، 1863- يىلى توغۇلۇپ ، 1932- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . فىلدىزنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تۆھپىسى ئانچە گەۋدىلىك بولمىسىمۇ ، لېكىن ماتېماتىكا تەتقىقاتىنى ئويۇشتۇرۇش ، ئالماشتۇرۇش تەرەپلەردە زور رول ئوينىغان .   فىلدىز مۇكاپاتى (Fields Medal) بولسا، ماتېماتىكىدا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان يېشى 40 تىن ئاشمىغان ئىككى ، ئۈچ ياكى تۆت  ماتېماتىكلارغا ، خەلقئارالىق ماتېماتىكا ئويۇشمىسى  (International Mathematical Union قىسقارتىلىپ IMU دېيىلىدۇ ) نىڭ ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم ئېچىلدىغان خەلقئارالىق ماتېماتىكلار قۇرۇلتىيى  (International Congress of Mathematicians قىسقارتىلىپ ICM دېيىلىدۇ) دا بېرىلدىغان بولۇپ . بۇ مۇكاپات ھازىر ماتېماتىكلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى شان - شەرپى بولۇپ قالدى .   
   1936 - يىلى نورۋېگىيە(Norway) نىڭ ئوسلو(Oslo) دا ئېچىلغان 10- نۆۋەتلىك ICM دا تۇنجى قېتىملىق فىلدىز مۇكاپاتى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى فىللاندىيە ياش ماتېماتىكى ئالفورس (Lars Ahlfors) بىلەن ئامېرىكا ماتېماتىكى داگلاس (Jesse Douglas) قا بېرىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن چاقىرىلغان ھەر قېتىملىق ICM نىڭ بىرىنچى كۈن تەرتىپى فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش بولدى . ICM بىلەن فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ھەر قايسى گېزىت ژورناللار بەس-بەستە زىيارەت قىلىپ خەۋەر قىلدى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مۇكاپات 15000 ئامېرىكا دوللىرى ۋە بىردانە ئالتۇن مېدال بېرىلدىغان چوڭ مۇكاپاتقا ئايلاندى . كىشىلەر ، فىلدىز مۇكاپاتى ماتېماتىكا ساھەسىدىكى ئابرويى ئەڭ يۇقىرى بولغان مۇكاپاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىردەك ئېتراپ قىلىشتى ، ھەم ئۇنى  ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى   دەپ ئاتىدى .  تۆۋەندىكى جەدۋەلدە 1936 - يىلدىن 2006 - يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىكى ICM نىڭ ئېچىلغان ۋاقتى ۋە فىلدىز مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر كۆرسىتىلدى[biliwal تەستىقلىدى . 2010-5-8 9:37:30]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 716 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01