ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

قاندىن يۇقۇش ئەيدىزنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يۇقۇش يولى ئىچىدىكى ئاساسلىق بىرسى. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق يۇقۇش يولى.

  يۇقۇملانغۇچى تېنىدىكى ھەر خىل سۇيۇقلۇقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى مەۋجۈت بولىدۇ، بولۇپمۇ قاننىڭ تەركىۋىدىكى ۋىرۇس مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، شۇڭلاشقا يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى مەلۈم يوللار ئارقىلىق، مەسىلەن قان سالدۇرۇش،  تىغلىق ياكى ئۇچلۇق (زەخمىلەندۈرىدىغان) داۋالاش سايمانلىرىنى قايتا ئىشلىتىش ياكى دېزىنفكسىيە قىلماي ئىشلىتىش، ( زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر) ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش .............  قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىككىنچى بىرەيلەننىڭ تېنى ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىدۇ.

2005-يىلىدىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 80%تىن كۆپرەكى ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ يۇقۇملانغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىزنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئىچىدىلا تارقىلىدىغان كېسەل دەپ خاتا كۆز قاراشتا بولۇپ، ئەيدىزنىڭ باشقا يۇقۇش يوللىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەمما يېقىنىقى يىللاردىن بۇيانقى سىتاتېستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتىن يۇقۇملانغانلارنىڭ  ئىگەللىگەن نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، يىلدىن يىلغا ئېشىش نىسبىتىمۇ بىر خىل خەتەرلىك ھالەتتە بولىۋاتىدۇ، بۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدا زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات تەربىيىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن مەلۈم دەرىجىدەمۇناسىۋەتلىك. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشنىڭ نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى  ئاساسلىق سەۋەبمۇ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسى، كەڭ ئاممىنىڭ ئەيدىزنى ئۆزىدىن يىراق دەپ ھېسابلاپ ئەيدىز بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنى خالىماسلىقى، جەمئىيەتتە كەڭ ئامممىغا قارىتا تەشۋىقات تەربىيىنىڭ يېتەرسىز بولىۋاتقانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 739 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01