ئەيدىز يۇقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئەيدىز ۋىرۇسى بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ خىل شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك.
1.ئىچىدە چوقۇم بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇشى كېرەك.

2.يۇقۇملانغۇچىنىڭ تەن سۇيۇقلۇقى مەلۇم يوللار ( ۋاستىلەر)ئارقىلىق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك.

3.بۇ سۇيۇقلۇق تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان يېتەرلىك مىقداردىكى تەن سۇيۇقلۇقى كېرەك. يوقارقى شەرتلەرنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ، چوقۇم ھەممىسى بولۇشى كېرەك.

ئەمدى بىرقانچە مىسال ئالايلى:
ئەگەر بىر ئەيدىز ۋىرۇسى(HIV) دىن يۇقۇملانغۇچى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسىڭىز،سىزگە HIVيۇقامدۇ؟ (جاۋابى: يۇقمايدۇ، چۈنكى1-شەرت ۋە 3-شەرتكە توشقان بىلەن 2- شەرتكە توشمىدى، چۇنكى كۆرۈشۈشتىن HIVھېچكىمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرمىدى.)
ئىككىنچى، ئەگەر مەن ئىشلىتىلمىگەن پاكىز يېڭى ئىشپىرىسنى ئوكۇل قىلىپ زەھەر چەكسەم HIVيۇقامدۇ؟ (جاۋابى: 3-شەرت ھازىرلانغان بىلەن 1- ۋە 2- شەرتلىرى ھازىرلانمىدى، شۇڭا يۇقمايدۇ).
ئۈچىنچى مىسال: ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلمىغان ئەھۋالدا جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە يۇقامدۇ؟ (جاۋابى: ئەگەر قارشى تەرەپ بىر يۇقۇملانغۇچى بولسا يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى 3 شەرتنىڭ ھەممىسى ھازىرلانغان بولىدۇ.) دېمەك، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يۇقماسلىقى ھەققىدىكى ھەر قانداق بىر سۇئالغا دۈچ كەلسىڭىز، مۇشۇ ئۈچ شەرتنى ھازىرلىدىمۇ يوق، شۇنى ئويلاڭ. شۇنىڭدا توغرا ھۆكۈم قىلالايسىز. بۇ ھەم شۇنداقلا ئادەتتىكى تۇرمۇشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقماسلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىسپاتى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1012 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01