HIV ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى قانداق بۇزىدۇ؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    HIVدىگىنىمىز  human immunodeficiency virus يەنى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىمونىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەتكۈچى ۋىرۇس نىڭ قىسقارتىلمىسى.

   بەدىنىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى بەدىنىمىزنى قوغداپ تۇرىدىغان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسىگە ئوخشاتساق بولىدۇ. بۇ ئارمىيىدىكى ھەرخىل ئەسكەرلەر (ھۈجەيرىلەر) بىرلىشىپ، سىرتتىن كىرگەن تاجاۋۇزچىلارغا(ۋىرۇس، باكتېرىيە قاتارلىق مىكروبلارغا) تاقابىل تۇرىدۇ. ئىممۇنىتېت سېستىمىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ تەركىبى قىسمى- تېرىمىزدۇر، تېرىمىز كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرخىل چاڭ-توزاڭ، كېسەللىك باكتىرىيىلىرى ۋە ۋىرۇسلىرىنى بەدەن سىرتىدا قالدۇرۇپ، قان سېستىمىمىزغا كىرىشىنى توسىدۇ. يەنە مەسىلەن ئېيتساق، ئىچى سۈرۈش كۆپىنچە باكتىرىيەلەردىن بۇلغانغان يىمەكلىكلەرنى يەپ سېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەر(جەڭچىلەر) بۇ خىل باكتىرىيەلەرنى يوقىتىپ،سالامەتلىكىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. HIV ئىنتايىن خەتەرلىك ۋىرۇس بولۇپ، ئەگەر تېنىمىز ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئىممۇنىتېت سېستىمىمىزنى تەشكىل قىلغۇچى جەڭچى ھۈجەيرىلەر ئىچىگە كىرىۋالىدۇ ۋە تېز سۈرئەتتە كۆپىيىپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىممۇنىتېت سېستىمىمىز ھەرخىل يۇقۇملىنىشلارغا قارشى تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تېرىدىن تارتىپ ئىنتايىن كىچىك ھۈجەيرىلەرگىچە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇنى چۈشىنىش بىر قەدەر قىيىن، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئۈچۈن قاندىكى ئىككى نەرسە، يەنى Bھۈجەيرە ۋە T ھۈجەيرە ئىنتايىن مۇھىم. Bھۈجەيرە—ئاساسلىقى ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بۇ ھۈجەيرىنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ. Tھۈجەيرە—تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكىT4 (ياكىCD4) دېگەن ھۈجەيرىگىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىممونت سېستىمىسى بىر مۇكەممەل سېستىما.نورمال ئادەمنىڭ تېنىدىكى بىرلىك قان سۇيۇقلۇقىدىكى CD4نىڭ سانى 800دىن 1200 گىچە بولىدۇ، ئەگەر بۇ سان 300 ياكى 350 تىن تۆۋەنلەپ كەتسە ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئۆزىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى نورمال جارى قىلدۇرالمايدۇ-دە، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، بىمار ئاسانلا باشقا پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ ۋە شۇ كېسەللەرنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 528 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01