HIV=ئەيدىز ۋىرۇسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

HIV نى چۈشەندۈرۈش
    Human- H ئىنگىلىزچە "ئىنسان" دىگەنلىك بولۇپ، ئىنسانغا، يەنى ئادەملەرگىلا خاس ئىكەنلىكىنى، ھايۋانلارغا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

   I - "Immunodeficiency  يەنى «ئىممۇنىتېت كەملىك» دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ ھەر خىل يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللىكلەردىن قوغداپ تۇرىدىغان ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ۋىرۇس تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىراپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا كەملىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    - V Virus يەنى "ۋىرۇس" دىگەنلىك بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك مەنبەسىنىڭ ۋىرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، HIV"ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى" دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتىلىشىدۇر. ۋىرۇس باشقا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكروبلارغا ئوخشىمايدۇ(مەسلەن: ۋىرۇس بىلەن باكتىرىيە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ)، چۈنكى ۋىرۇسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ بىر خىل يۇقۇملىنىش بولۇپ، بىز دورا ئىچىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلىتەلەيمىز، بىراق بۇ خىل يۇقۇملىنىشنى تەلتۆكۈس ساقايتالمايمىز.

   HIV ھاۋادا، كېيىم- كېچەك ياكى يىمەك- ئىچمەكتە بولمايدۇ، پەقەت ئادەم تېنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. HIV (يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى) قاندا، ئىسپىرما سۇيۇقلۇقىدا، جىنسى يول ئاجىرالمىلىرىدا ۋە ئانا سۈتىدە بولىدۇ. شۇڭا، HIV بىلەن AIDS نىڭ پەرقىنى بىلىش كېرەك.HIV(ئەيدىز ۋىرۇسى) مەلۇم يوللارئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس.AIDS بولسا HIVدىن يۇقۇملىنىپ، خېلى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزۇلۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. HIVبولسا ۋىرۇس، AIDSبولسا بەدەننى پۇتۇنلەي مەغلۇپ قىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ يىغىندىسى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 524 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01