ئەيدىز=AIDS=艾滋病

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 ئەيدىز=AIDS=艾滋病

  ئەيدىز بولسا ئېنگىلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تولۇق ئاتىلىشى(Acquired Immure Deficiency Syndrome)  يەنى  «ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك ئۇنۋېرسال ئالامىتى» بولىدۇ. يەنى ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاش سەۋەبلىك ئادەتتە ساغلام ئادەملەردە كۆپ كۆرۈلمەيدىغان ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۆسمە قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل.

   A- Acquired يەنى "ئېرىشمە" دىگەنلىك بولۇپ، تۇغما ياكى ئېرسىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت باشقىلار (ئادەملەر)دىن يۇقتۇرۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    I- Immune يەنى" ئىممۇنىت" دىگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   D- Deficiancy يەنى"كەمچىللك" دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىغانلىقىنى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدا كەمچىللىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   S- ٍSyndrome يەنى "ئۇنۋېرسال ئالامەت" دىگەنلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەر بۆسۈپ كىرىپ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك AIDS ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. (كىلىنكىدا CD4 ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى 200 ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولغان ۋاقتىنى AIDS بىمارى دەپ ئاتايدۇ)

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 579 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01