شىۋىتسىيە پادىشاھلىقى =Kingdom of Sweden
پايتەختى: سىتوكھولىم (ياغاچ ئۆي) پايتەخت نوپۇسى: بىر مىلىيۇن810مىڭ
نوپۇسى : 9 مىليون 59 مىڭ (2009 - يىلى 6 - ئايدىكى ستاتىستىكا ) . نوپۇسنىڭ %90 ى شۋېتسىيلىك (گېرمان مىللىتىنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادى) ، چەت ئەللىك كۆچمەنلەر ھەمدە باشقا ئۇرۇق ئەۋلادلىرى تەخمىنەن 1 مىليون (بۇنىڭ ئىچىدە %52.6 چەت ئەللىك مۇھاجىر) . شىمال قىسمىدىكى سامى مىللىتى بۇ يەردىكى بىردىنبىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ ، تەخمىنەن 10 مىڭ نوپۇسى بار . ئۇلار ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە شۋېتسىيە تىلىنى قوللىندۇ . ئاھالىنىڭ %90 پىروتىستانت دىنىنىڭ لۇتېر مەزھىبىگە، 3% كاتولىك دىنىغا، 2%ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
زىمىنى : 450 مىڭ 295 كۋادرات كىلومېتىر .
جۇغراپىيىلىك ئورنى : شىمالىي ياۋروپا سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان . شەرقىي شىمال تەرىپى فىنلاندىيە بىلەن، غەربىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن، جەنۇپ تەرىپى دانىيە بىلەن دېڭىزدىن چېگرىلىنىدۇ، شەرقىي بالتىق دېڭىزىغا ، غەربىي جەنۇپ تەرىپى شىمالىي دېڭىزغا تۇتىشىدۇ ، يەر تۈزۈلۈشى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيسايغان . شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ تەبىئى چېگرىسى بولغان نوردلان ئېگىزلىكى بولۇپ مەملىكەتتىكى ئەڭ ئىگىز چوققا كېبىناكەيس چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپى ھەمدە دېڭىز بويلىرى تۈزلەڭلىك ياكى ئېدىرلىق . شىۋىتسىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆل ۋانارىن كۆلى بولۇپ كۆلنىڭ كۆلىمى 5585 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ياۋروپادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . تەخمىنەن %15 زېمىنى شىمالىي قۇتۇپ دائىرسىدە بولسىمۇ ، بىراق ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا قىش پەسلى ئانچە سوغوق بولمايدۇ ، كۆپ قىسىم جايلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە ، دانىيەگە يېقىن جەنۇبىي تەرىپى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە .
ۋاقىت پەرقى : شەرقى 1- ۋاقىت رايونى، ياۋروپا ئورتاق ۋاقتىنى ئىشلىتىدۇ. بېيجىڭ ۋاقتىدىن 7 سائەت كېيىن (ھەر يىلى 3 - ئايدىن 10 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شىمالىي ياۋروپا يازلىق ۋاقىت قوللانغاچقا ، بېيجىڭ بىلەن بولغان ۋاقىت پەرقى 1 سائەت قىسقىرايدۇ ).
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلىنىشى : پۈتۈن مەملىكەت 21 ئۆلكە ۋە 289 شەھەرگە بۆلىنىدۇ . ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ، ئۆلكە ، شەھەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بار .
قىسقىچە تارىخى: شىۋىتسىيە تارىخى بىر قەدەر قىسقا دۆلەت بولۇپ ، مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە دېڭىز قاراقچىلىرى توپى ۋە ياۋايى گوتلارنىڭ ئۇششاق شەھەر دۆلەتلىرى بارلىققا كەلگەن. 7-ئەسىردىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ خىرىستان دىنىنى دەسلەپكى قەدەمدە قوبۇل قىلغان. 9- ئەسىردە تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلگەن پادىشاھلىق دۆلەت بۇلۇپ شەكىللەنگەن ۋە ۋە ئەتراپقا كېڭىيىپ 1397 -يىلغا كەلگەندە دانىيە، نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە ۋە لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە، فىنلاندىيە(ھازىرقى رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى كارىلىيە جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )لەرنى بويسۇندۇرۇپ فىدىراتسىيە قۇرغان. 1798-يىلى رۇسىيە فىنلاندىيە ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە، لىتۋا، ئېستونىيە، كارېلىيەلەرنى جۈملىدىن ھازىرقى پىتىبورگنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىنى شىۋىتسىيەدىن تارتىۋالغان . 1814-يىلى دانىيە ۋە ئىسلاندىيە بۇ بىرلەشمىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان، 1905-يىلى نورۋېگىيە شىۋىتسىيەدىن بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بۇلغان. 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 5- كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1814-يىلىنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىنى دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن.
سىياسىي تۈزۈمى : ھازىر ئىجىرا قىلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇن- دىموكراتىك ھۆكۈمەت قانۇنى (1809 - يىلى بېكىتىلگەن، 1974- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ، پادىشاھلىق تۈزۈمگە ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى (1810 - يىلى بېكىتىلگەن ، 1979- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) ۋە ئاخبارات ئەركىنلىك قانۇنى (1949- يىلى بېكىتىلگەن)دىن ئىبارەت ئۈچ نېگىزلىك قانۇندىن تەركىپ تاپقان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە پارلامېنت تەشكىلىي قانۇنى (1866- يىلى بېكىتىلگەن، 1974- يىلى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن) مۇ بار . شۋېتسىيە ئاساسىي قانۇندا پادىشاھلىق ئاساى قانۇنلۇق تۈزۈم يۈرگۈزىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. پادىشاھ دۆلەتنىڭ سىمىۋول خاراكتىرلىك ئالىي رەھبىرى ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ سىمىۋوللۇق باش قوماندانى بولۇپ ، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئارلاشمايدۇ . پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىردىنبىر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ ، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ . ھۆكۈمەت بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ ، دۆلەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ . پادىشاھنىڭ تۇنجى پەرزەنتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىس بولىدۇ .
خاتىرە كۈنلىرى: مۇستەقىللىق كۈنى: 1528 -يىلى 6-ئاينىڭ6-كۈنى . دۆلەت بايرىقى كۈنى : 1916-يىلى6-ئاينىڭ 6-كۈنى. دۆلەت بايرىمى: 1983-يىلى6-ئاينىڭ 6-كۈنى،
ئىقتىسادىي: شۋېتسىيەنىڭ تۆمۈر كان بايلىقى ، ئورمان ۋە سۇ كۈچى بايلىقى ئىنتايىن مول. شۋېتسىيىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تۆمۈر كان بايلىق زاپىسى 3 مىليارد 650 مىليون توننا بولۇپ ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈر ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت . ئورماننىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %54 ، ھەر يىلى ئىشلىتىلىدىغان سۇ بايلىقى 20 مىليون 140 مىڭ كىلوۋات .
شۋېتسىيىنىڭ سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، ئاساسلىقى كانچىلىق ، ماشىنسازلىق ، ئورمان ھەمدە قەغەز ياساش سانائىتى ، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ، ماشىنا ، خىمىيە سانائىتى ، تېلېگراف ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر زور تەرەققىي قىلغان . ئاساسلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار بولسا ھەر خىل ماشىنا، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا مەھسۇلاتلىرى ، قەغەز ياساش ئۈسكۈنىسى ، تۆمۈر رۇدا تاشلىرى ، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ، ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى ، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ، تەبئىي گاز ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار . ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلار يېمەكلىك ، تاماكا ، كىيىم – كېچەك ، ئائىلە سايمانلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
شۋېتسىيىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت يەر مەيدانىنىڭ %6 نى ئىگىلەيدۇ . دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاشلىق ، گۆش مەھسۇلاتلىرى ، توخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدۇ . كۆكتات ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىمپورت قىلىدۇ. 2009-يىللىق تاشقى سودىسىدا ئىكىسپورتىدا گېرمانىيە 10.4%، نورۋېگىيە 9.5%، دانىيە 7.4%، ئەنگىلىيە 7.4%، ئامېرىكا 6.6%، فىنلاندىيە 6.3%، گوللاندىيە 5.1%، فىرانسىيە 4.9%، بېلگىيە 4.4%نى، ئىمپورتىدا گېرمانىيە17.5%، دانىيە 9.4%، ئەنگىلىيە 6.2%، فىنلاندىيە 5.7%، گوللاندىيە 5.6%، فىرانسىيە 5%، رۇسىيە 5%، جۇڭگۇ 4.2% نى ئىگەللىگەن.
شۋېتسىيە ئىقتىسادىي يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ ، ئېلېكتر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىنتايىن تېز . تېلېگراف ، دورا ياساش ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا رىقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە . 2009-يىلى شىۋىتسىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى 344مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامىتى 38مىڭ دوللار بولغان.ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك 1.6%نى، سانائەت 28.2%نى، مۇلازىمەت كەسپلىرى 70.7%نى ئىگەللىگەن. 2009-يىلى مۇقىم تېلفون 5مىليۇن 506مىڭ، يانفون 10مىلىيۇن371مىڭ، مۇلازىمېتىر 3مىلىيۇن 579مىڭ، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى 7مىلىيۇن بولغان.
مەدەنىيىتى : شىۋىتسىيە دۇنيا بويىچە مائارىپ تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ دۆلەتنىڭ يىللىق مائارىپ چىقىمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنىڭ 7%نى ئىگەللەيدۇ. شىۋىتسىيەدە ساۋاتسىزلىق 1923-يىلىلا تۈگىتىلگەن. ئاھالىنىڭ 19% ئالى مائارىپ سەۋىيىسىگە ئىگە. توققۇز يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردىن ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى ، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى ، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى ، خان جەمەتى سانائەت ئىنىستىتوتى ، ستوكھولم سودا ئىلمىي ئىنىستىتوتى قاتارلىقلار بار . شۋېتسىيە خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ، قىزغىن ، سەمىمىي ، گەپ سۆزلىرى مەدەنىي ، ئىش ھەركىتى تەرتىپلىك ، مۇھىت ئاسراش ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، تەبئەتنى قىزغىن سۆيىدۇ . ياللانما خادىملار ھەر يىلى بەش ھەپتە قانۇندا بەلگىلەنگەن مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمىدىن تولۇق بەھرىمان بولىدۇ . ھەر ھەپتىدە بەش كۈن خىزمەت قىلىدۇ . پۈتۈن يىللىق خىزمەت ۋاقتى 15 مىڭ سائەتكە يېتىدۇ . بۇ يەردىكى كىشلەر دەم ئېلىش ۋاقتىدا دالا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ . كۈندۈز ئۇزۇن ، كېچە قىسقا . ياز پەسلىدە كۆپچىلىك باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىدۇ . شۇڭا شۋېتسىيە دۇنيادىكى چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلدىغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . تەنتەربىيە پائالىيىتىنى شۋېتسىيىلىكلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ . شۋېتسىيە گورسانبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2002 – يىلى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە ، ئېنتىرنت تورى شۋېتسىيەدە ئەنئەنىۋى گېزىتتىن ئېشىپ كەتكەن . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، ئاياللار رادىئو ئاڭلاش ۋە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدۇ ، ئەرلەر بولسا تېلېۋىزور خەۋەرلىرىنى كۆرۈش ، ھەر خىل مەزمۇندىكى فىلىملارنى كۆرۈش ۋە كەچلىك گېزىت ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغانلار تورغا چىقىش ، كىتاب ئوقۇش ۋە كەسپى ژورناللارنى كۆرىدۇ . مائارىپ تەربىيىسى تۆۋەنرەك بولغانلار ئادەتتە تېلېۋىزور كۆرۈش ، رادىئو ئاڭلاش ۋە كەچلىك گېزىت ئوقۇيدۇ .