ئۆگەي بولماق تەسمۇ؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

«ئۆگەي بولماق تەس»مۇ؟
گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز)

__ «بالا بېقىۋالايلى» دىسەڭ قوشۇلىمەن. قىزىڭنى ئەكېلىشىڭگە ھەرگىزمۇ قوشۇلمايمەن.
__ نېمىشقا؟
-خەقنىڭ بالىسىنى باققاندىن، مېنىڭ بالامنى باقساق بولمامدۇ؟
__ مېنىڭ ئۆگەي دادا بولغۇم يوق.
پاتىگۈل ئۆي تۇتىۋاتقىنىغا 10يىل بولغان يولدىشىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئازاپتىن يۈرىكى پۇچۇلۇنۇپ كەتتى.
پاتىگۈل بىرىنچى يولدىشى بىلەن بالا تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەن يىلى، بالىنى يولدىشىغا بېرىدىغان بولۇپ كېلىشىپ ئاجراشقان ئىدى. پاتىگۈل قايتا توي قىلىپ ئون يىلغىچە بالىلىق بولالمىدى. دوختۇرلار تەكشۈرۈپ، يولدىشىنىڭ بالا يۈزى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. پاتىگۈل گەرچە ئازاپلانسىمۇ، يولدىشىغا بالا توغرۇلۇق گەپ قىلمىدى. بىراق،ئىلگىرىكى يولدىشى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن ، بوۋا مومىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتقان قىزىنى «ئەكېلىۋالايلى» دىسە، يولدىشى قوشۇلمايۋاتاتتى. پاتىگۈل سەۋەبىنى سورىسا، «ئۆگەي دادا بولغۇم يوق. چوڭلار بىر ئوبدان بېقىۋاتقاندىن كېيىن، شۇ يەردە تۇرىۋەرسۇن، بىز بالا بېقىۋالايلى» دىدى.
تۇرمۇشىمىزدا «ئۆگەي» سۆزىنى كۆپىنچە كىشىلەر سەلبىي مەنىدە چۈشۈنىدۇ. ئەمما، رىئاللىق ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمىغاندا بىز بۇ سۆزدىن ۋە مۇشۇ خىل رىئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. ئۇنداقتا، «ئۆگەي» بولۇش رىئاللىقىغا دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ دۇنيادا رەقىبلەر دوستقا ئايلىنالىشى، ياتلارمۇ بىر-بىرىگە مىھرىبانلىق كۆرسىتەلىشى مۇمكىن. ئۆگەيلەر شۇنداق قىلالماسمۇ؟

1. خۇشال ياشاۋاتامسىز؟
رازىيەنىڭ يېشى ئوتتۇزغا ئۇلاشتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى توي ئىشى بولۇپ قالدى. ئەمما، ئەلچىلەر ئۇنى كىمنىڭ ئالدىغا سوراپ كىرىدۇ. تۇرىدىغان يېرى، ئىگە بولىدىغان ئادىمى يوق بىر قىزنى كىممۇ كېلىن قىلىشنى خالايدۇ. مانا ئىككى ئايدىن ئاشتى. چوڭ ئاپىسى تۈگەپ كەتكەندىن بىرى، ئۇنىڭ مۇقىم تۇرىدىغان ئۆيى يوق. ھىلى بىر ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە، ھىلى بىر ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە كۈن ئۆتكۈزۈپ يۈرمەكتە. ھازىر دادىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەقەتلا كارى يوق.
رازىيە بەزى كۈنلىرى ئولتۇرۇپ مەرھۇم ئاپىسىنى، كىچىك چاغلىرىدىكى دادىسىنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن مىھرىبانلىقلىرىنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلىدۇ. ئاپىسى تۈگەپ كېتىپ نەچچە يىلغىچە دادىسى ئۇنى ئۆگەينىڭ ئالدىغا ئاپارمايمەن دەپ قايتا ئۆيلەنمىدى. ئەمما بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن ئەمەستە. رازىيە بەش ياشقا كىرگەندە دادىسى قايتا ئۆيلەندى. ئۇ چاغلاردا دادىسى ھىچكىمنى رازىيەگە تەڭ قىلمايتى. بۇنداق كۈنلەر خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى. تاكى رازىيەنىڭ تۆت ئۇكىسى بولغانغا قەدەر، ئۇ يەنىلا دادىسىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىدى. ئەگەر ئۆگەي ئانىسى ئۇنىڭغا سەللا ئۆگەيلىكنى بىلدۈرسە ياكى رازىيەنىڭ سىڭىللىرىغا يان بېسىپ ئۇنىڭغا ئازار بەرسە، دادىسى ھامان رازىيە تەرەپتە تۇراتتى. ھەتتا دادىسىنىڭ خوتۇنىنى ئۇرۇپ، «بەشىڭدىن كەچسەم كېچىمەنكى، يالغۇز قىزىمدىن كەچمەيمەن» دېگەن ۋاقىتلىرى بولغان ئىدى.
دادىسى قىزىغا يان باسقانسېرى ئۆگەي ئاپا رازىيەگە شۇنچە ئۆچلۈك قىلاتتى. رازىيە ئۆگەي ئاپىنىڭ ئالدىغا كىچىك كىرگەن بىلەن، ئۆگەي ئاپا رازىيەنى ياخشى كۆرمەيتتى. ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلمايتتى. ھەتتا، سىڭىللىرى بىلەن ئوينىسا بوزەك قىلىۋالارمىكىن دەپ، گۇمان قىلىپ ئامال بار يېقىن كەلتۈرمەيتتى. كۈنلەر، ئايلار، يىللار دادىنى ئۆزگەرتتى. دادىسى بارا بارا رازىيەگە ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان، باشقا تۆت بالىسىغا بەكرەك كۆيۈنىدىغان بولۇپ قالدى. رازىيە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىلى دادىسى مەكتەپكە يېقىن دىگەننى باھانە قىلىپ، رازىيەنى چوڭ ئاپىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىۋەتتى.  موماي يەتمىشتىن ھالقىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ رازىيەنى ئۆز قوينىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن رازىيە مەكتەپ پۈتتۈرگىچە چوڭ ئاپىسىنىڭ قېشىدا تۇردى. رازىيە خىزمەتكە چىققان يىلى چوڭ ئاپىسى تۈگەپ كەتتى. رازىيە دادىسى بىلەن ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ تۇرغان بولغاچقا، دادىسىنىڭ يېنىغا قايتقىسى كەلمىدى.
2. ياغ بىلەن گۆش بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن
سەلىمىخان رىزۋاننى  ئېلىپ ھاشىم بىلەن توي قىلغاندىن تارتىپ، ئۆگەيلىكىنى بىلىندۈرمەي چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشتى. تاپقان-تەرگىنى بىلەن ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇتۇپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. ياتلىق قىلدى. شۇنداق بولغاچقا رىزۋان 27ياشقا كىرگىچە ھاشىمنىڭ ئۆز ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلمىدى. 
بىر كۈنى رىزۋاننى بىر ياشانغان كىشى ئىزدەپ كېلىپ، «مەن سىزنىڭ دادىڭىز، سىزنى 27يىل ئىزدەپ ئەمدى تاپتىم، ئاپىڭىز سىزنى بوۋاق ۋاختىڭىزدا ھازىرقى ئېرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ قېچىپ كەتكەن »دىدى. شۇنىڭ بىلەن رىزۋان ئولتارسا قوپسا چىرايى سۇلغۇن شۇ كىشىنى ئويلايدىغان، ئويلىغانسېرى ئاپىسىدىن دادىسىدىن نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ناھايىتى ئىناق بۇ ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىغا دەز كەتتى. رىزۋان ئاپىسىدىن «مەندىن يوشۇرۇپسەن، دادامنى نىمىشقا تاشلاپ، بۇ كىشى بىلەن قېچىپ كەتكەن ئىدىڭ »دەپ ئاغرىندى. بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسىغا بولسا قارىمايلا قويدى.
ئاپىسى قانچە چۈشەندۈرسىمۇ قۇلاق سالمىدى. ئەسلىدە ئەھۋال رىزۋاننىڭ ئۆز دادىسى ئېيتقاندەك بولماستىن، رىزۋان قوساقتىكى چاغدا دادىسى ئانا بالا ئىككىسىنى تاشلاپ، باشقا ئايال بىلەن ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكەن، كېيىن قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، تۈرمىدە 15يىلدىن ئارتۇق يېتىپ ئەمدى چىققان ئىدى.
رىزۋاننىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگىسى يوقتەك، ئاتا ئانىسىدىن قېچىپ يۈردى. بۇنىڭغا ئاتا ئانا بولغۇچى چىدىمىدى. شۇنىڭ بىلەن، كۆرمىگىلى ئىككى ئايچە ۋاقىت بولۇپ قالغان قىزىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن بىر كۈنى ھاشىم ئەر-ئايال ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. كەچتە ياشىنىپ قالغان بۇ بىر جۈپلەر قىزىنىڭكىدە قونۇپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. ئەمما رىزۋان ئۇلارنىڭ قونۇپ قېلىشىغا قوشۇلماي، كەچ بولۇپ قالغىنىغا قارىماي ئۇلارنى يولغا سېلىۋەتتى.

3. ئۆچكە مەڭگۈ قوي بولالماس!
خەدىچە بۇ ئۆيگە كىرگەندە ئەسقەر ئون ياشتا ئىدى. تۆت يىلدىن بۇيان خەدىچە ئەسقەرگە ئۆز ئوغلىدىنمۇ چارە كۆيۈنۈپ باقتى. ئۇنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى ئەسقەرگە ئۆگەيلىك ھىس قىلدۇرماسلىق ۋە ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئۆيىنى ئۆي قىلىش ئىدى.
ئەمما ئەسقەرئۆگەي ئاپىسىنى قوبۇل قىلىشنى ئەمەس، قانداق قىلىپ ئەدىپىنى بېرىشنىلا ئويلايتتى. ئۇ ئاپىسىنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى ۋە كۆيۈنۈشلىرىدىن گۇمانلىناتتى، ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيتتى. دەسلەپ ئۇ دادىسىنىڭ ئالدىدا ئاپىسىنى يەرگە قارىتىشنىڭ كويىدا بولدى. ئەمما دادىسى ئاپىسى بىلەن قەستەن قېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا يان باسمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى. بۇ ئامالىنىڭ كېرەككە كەلمىگەنلىكىنى بىلگەن ئەسقەر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ دادىسىنىڭ ئالدىدا ئۆگەي ئاپىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى، دادىسى يوق چاغلاردا بولسا كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى ئۈگۈنىۋالدى. بۇ ئامال خېلى كېرەككە كەلدى. نەتىجىدە ئەر-ئايال ئىككىيلەن بىر قانچە قېتىم بالا ئارىسىغا كىرىپ قىزىرىشىپ قالدى.
بىر كۈنى ئەسقەر مەكتەپتىن بالدۇرلا قايتىپ كىلىپ ئاپىسى بىلەن يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ تەگەشكىلى تۇردى. ئاپا چىدىماي ئۇنىڭغا قاتتىقراق ۋارقىراپ سالغان ئىدى. ئەسقەر «ساڭا بۇ ئۆيدە نېمە بار» دەپلا، ئاپىسىنى بىر كاچات سالدى.
__ ھەر قانچە بولسىمۇ بالىنى ئۇرماي، چىرايلىق گەپ قىلسىڭىز، يا بولمىسا ماڭا دېسىڭىز بولمامتى...
ئەسلىدە ئەسقەر ئاپىسىنى ئۇرغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ دادىسىنىڭ  ئىشتىن قايتىشىنى ساقلاپ تۇرغان، ھەمدە «ئاپام مېنى بىكارغىلا ئۇرۇپ كەتتى»دەپ يىغلاپ، «ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرمايمەن »دىگەن ئىدى.

4. ئۆگەي بولسا نېمە بوپتۇ؟
ئابدۇللانىڭ مەكتەپتىكى ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇنىڭ ماقالىسى «ئۆگەي ئاپا بولسا نېمە بوپتۇ» دېگەن تېمىدا ئىدى. ئۇ شۇنداق يازىدۇ: « ...ئۆگەي ئاپا بولسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇ مېنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بەردى. مېنى دەپ مەكتەپكە يىغىنغا كەلدى. مەن ئاغرىپ قالغاندا بېشىمدا ئولتۇرۇپ يىغلىدى. ئۇ ماڭا «ياخشى ئوقۇ بالام، بىز سېنى ۋە سىڭلىڭنى ئاخىرغىچە ئوقۇتىمىز » دېدى. ئۇ بىزنى باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىدۇ، بازاردىن كىيىم ئىلىپ بىرىدۇ. مەن ئۇخلاپ قالغان چاغلاردا پىشانەمگە سۆيۈپ قويىدۇ.... سىڭلىم بىلەن ئاپام بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە،  «بۇندىن كېيىن بىر ئۆيدە ياشايمىز، ھەممىمىز بىر ئائىلىنىڭ ئادەملىرى» دېگەن ئىدى. شۇنداق بىز بىر ئائىلىنىڭ ئادەملىرى. نېمە بولسا بولسۇن، ئىشقىلىپ مېنىڭ ياخشى بىر ئاپام بار، ئۆگەي ئاپا بولسا نېمە بوپتۇ؟».
ئۆگەي سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسىگە قارايدىغان بولساق، بالىلارغا نىسبەتەن ئۆز ئاتا ئانىسىنىڭ ئورنىغا ئاتا ياكى ئانا بولۇپ كىرگۈچىگە قارىتىلغان بولۇپ، بالا بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان، بىراق، بېقىش ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇچىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى،  بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ يىلتىزى ئائىلىدە ئەسلىدىكى ئاپا، ياكى ئاتىنىڭ ئورنىنىڭ دەخلى تەرىزگە ئۇچرىغانلىقىدا.  شۇنداق بولغاچقا، پەقەت زىددىيەتنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغاندىلا ، يېڭى تۇرمۇشنى بەختلىك، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا «ئۆگەي» سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدىغان زىددىيەتتىن ساقلانغىلى،   ھەم يېڭى تۇرمۇشىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟ ئاپتۇنۇم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەلىم تەربىيە باشقارمىسىدىكى دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى گۈلباھار قاسىم بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:
بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ يېڭى ئائىلىدىكى ئورنىنى كۆڭلىدە ئېنىق ئايرىۋېلىشى كېرەك. چۈنكى،  دۇنيادا ھەرقانداق ئادەمگە دادا بىلەن ئانا پەقەت بىرلا بولىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى مۇھەببەتمۇ پەقەت شۇلارغىلا خاس بولۇپ، ئەگەر، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىلا بولىدىغان بۇ خىل خاس مۇھەببەتنى يەنە بىر ئادەمدىن تەلەپ قىلغاندا، بۇ خىل ئېھتىياج تەبىئىلا قانائەت تاپالماي، شۇ سەۋەپتىن زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ئاتا -ئانا بولغۇچى «مەن شۇنچىلىك قىلسام بىلمىدىڭ» دىسە، بالا بولغۇچى «سەن مىڭ قىلغان بىلەن ئاتام، ياكى  ئانامچىلىك قىلالمايسەن» دەپ ئاغرىنىدۇ. بۇنداق دىگەنلىك، ئۆگەي ئاتا بىلەن ئۆگەي ئانا، بالىغا مەڭگۈ  ئاتا -ئانا بولالمايدۇ، دىگەنلىك ئەمەس. پەقەت ئۇلار بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئەسلى ئاتا ئانىنىڭ ئورنىغا دەخلى تەرىز قىلمىسا، ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئېنىق ئايرىۋالسىلا زىددىيەتتىن ساقلىنالايدۇ. مەسىلەن: ئۆگەي ئاپا ئۆز قىزىنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرگەن بولسا، ئالدى بىلەن يېڭى قۇرۇلغان ئائىلىدىكى تۆت نەپەر ئەزا بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ھەر بىر ئەزا ئائىلىدىكى ئورنىنى كاللىسىدا ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى كېرەك. يەنى، ئۆگەي ئاپا ئۆگەي بالىسىغا« بۈگۈندىن باشلاپ، سىزگە ئاپا بولىمەن. بۇ جەرياندا ئۆزەم بىلىپ بىلمەي بەزىدە ئۆزەمنىڭ قىزىغا يان بېسىپ قېلىشىم مۇمكىن. شۇنداق ۋاقىتتا ماڭا ئەسكەرتىش بېرىشنى خالامسىز؟ سىز ئۈچۈن ئۆز ئاپىڭىزنىڭ ئورنىنى ھىچقانداق كىشى باسالمايدۇ.ئۇ مەڭگۈ سىزنىڭ مېھرىبان ئانىڭىز. مەن بەلكىم سىزگە ئۆز ئاپىڭىزدەك مېھرى مۇھەببەت بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. بىراق، مەن چوقۇم تىرىشىمەن. ئاپىڭىز بىلەن دوستەك ئۆتەلىشىم ناتايىن. بىراق، بۇنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. سىز ئاپىڭىز بىلەن قاچان كۆرۈشىمەن دىسىڭىز، شۇ ۋاقىتتا كۆرىشەلەيسىز. بىر بىرىمىزنى چۈشۈنۈپ بولغىچە ئارىمىزدا قولايسىزلىقلار كۆرۈلىشى مۇمكىن. مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بىر بىرىمىزگە ياردەم بېرەيلى. مەن بىلەن كەلگەن قىز بىلەن دوستەك ئۆتۈڭلار، ئاچا -سىڭىلدەك ئۆتسەڭلار تېخىمۇ ياخشى. تونۇشۇپلا ئۇرۇق تۇققاندەك بولۇپ كېتىش، ھەرقانداق ئادەمگە تەس كېلىدۇ. بىز ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتنى دوستلۇقتىن باشلايلى. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ھەرقايسىسى ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئېيتالماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۇقۇشماسلىق، كۆڭۈل ئاغرىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى كۆڭۈللۈك، بەختلىك تۇرمۇشقا ئايلاندۇرالايدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 907 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01