مۇنتېسسۇرى(1870-1952)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مونتېسسۇرى
    مونتېسسۇرى 1870-يىلى 8-ئايدا ئىتالىيىنىڭ ئانكونا ۋىلايىتىنىڭ گرالاۋالەي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان .ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ياخشى ئائىلە تەربىيىسى كۆرگەن.ئۇ 1907-يىلدىن باشلاپ ھەرقايسى جايلاردا مونتېسسۇرى «بالىلار ئائىلىسى »نى قۇرۇپ «بالىلارنى تەربىلەش پۇرسىتى، ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدىغان» تەربىلەش ئۇسۇلى ئۇچۇن ئۆز كۈچىنى بېغىشلىغان. ئۇ ئۇلۇغ مائارىپچى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مەشھۇر ئالىم بۇلۇپ ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۇر ھاياتىنى بالىلار ۋە ئىنسانىيەت روھىىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئۈچۈن تەغدىم قىلغان ئۇنىڭ «مونتېسسۇرى ئالاھىدە تەربىلەش ئۇسۇلى»، «مونتېسسۇرى قوللانمىسى »، «مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى»، «بالىلىقتىكى مەخپىيەتلىكلەر»,  «بالىلارنىڭ بايقىلىشى» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار.
    مارىيا.مونتېسسۇرى 1870-يىلى8-ئاينىڭ31-كۇنى ئىتالىيىنىڭ ئانونا ۋىلايىتىنىڭ گرالاۋالەي دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاقسۆڭەك ئەۋلادى بۇلۇپ، مىجەزى مۇلايىم ، مۇتەئەتسسىپ ئادەم، ئاپىسى بولسا بىلىمگە باي ،تەقۋادار ،ئاقكۆڭۇل ،ئېھتىياتچان،كاللىسى ئۇچۇق  ئايال ئىدى. مونتېسسۇرى يالغۇز پەرزەنت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئاتا-ئانىسنىڭ تولىمۇ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ،ياخشى ئائىلە تەربىيىسىگە ئىگە بولغان.
   ئۇ بەش ياشقا كىرگەن يىلى، دادىسنىڭ خىزمىتى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۇن ئائىلە رىمغا كۆچكەن. مونتېسسۇرى ئۇيەردە ئۆزىنىڭ رەڭدارلىققا تولغان بىلىم ئېلىش جەريانىنى باشلىغان. ئۇ 13 ياشتا سانائەت پەنلىرى مەكتىپىنىڭ سانائەت پېنى گورۇپپىسىغا كىرىپ ئوقۇغان (ئۇ چاغلاردا سانائەت پېنى گۇرۇپپىسىغا كىردىغان قىزلار ناھايىتى ئاز ئىدى )ھەم ئۇنىڭدا ماتىماتىكىغا قارىتا زور قىزقىش پەيدا بولغان . بۇ ئۇنىڭ كىيىنكى چاغلاردىكى «ماتىماتىكىلىق پاراسەت »نى تەرىقىي قىلدۇرۇش «ئابستراكت ئويلىنىش ئېقتىدارىنى يىتىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر »دېگەن ئېدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرىتكە بولغان.
     ئۇ 20 ياشتا داۋانچ سانائەت پەنلىرى ئۇنۋىرىستېتىنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن، دادىسىنىڭ ئۇنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئۈمىدىنى رەت قىلىپ،ئۆزىنىڭ قىزغىن سۆيدىغان پېنى-بىئولوگىيە پېنىنى چوڭقۇرلاپ ئۇقۇش نىيىتىگە كەلگەن ھەم ئۆزىنىڭ تېببي ئىنىستىتوتقا كىرىپ ئۇقۇش پىكرىدە قەتئىي چىڭ تۇرغان . لىكىن شۇ چاغلاردىن جەمىيەت ئىنتايىن مۇتەئەسسىپ بۇلۇپ ،قىزلار تىببى ئىنستىتوتقا كىرىپ ئۇقۇيدىغان ئەھۋال تېخى يوق (مەيدانغا كەلمىگەن ) ئىدى . لىكىن مونتېسسۇرى كۆرەش قىلىش ئارقىلىق 22ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئاندىن تىببي ئىنىستىتوتقا كىيىلگەن ھەم مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن دادىسىغا تېخىمۇ ۋاپاسىزلىق قىلىپ (دادىسنىڭ ئىرادىسىگە تېخىمۇ قارشى چىقىپ )،ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان .ئۇ پەقەت ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى كىرىمىىگەتايىنىپلا ئۆزتۇرنۇشنى قامداپ،جاپا-مۇشاقەتلىك تىبابەت ئۆگىنىش مۇساپىسنى تاماملاشقا مەجبۇر بولغان.لىكىن ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىئولوگىيە جەھەتتىكى مول بىلىمگە ئاساس سېلىۋالغان .
موتېرسسۇرى گەرچە ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە كۆرەش ئىرادىسى بىلەن ئادەتتىكى ئادەملەر يېڭەلمەيدىغان تۈرلۈك چەكلىمىلەر بۆسۈپ ئۆتۈپ،26 ياش ۋاقتىدىلا ئەڭ ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ئىتالىيىدىكى تۇنجى ئايال تىبابەت دوكتورىغا ئايلانغان ھەم پۇتۇن مەملىكەتنى زىلزىلگە سالغان بولسىمۇ ،لىكىن شۇ چاغدىكى جەمىيەتنىڭ ئاياللارغابولغان بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغانلىقىدىن ،رىم ئۈنۋىرسىتېتىنىڭ روھى كېسەللىكلەر شىپاخانىسىدا ياردەمچى دوختۇر بۇلۇشىغا مەجبۇر بولغان .
   ئۇ بۇ جەرياندا دەلتۈش بالىلار بىلەن ئۇچراشقان (شۇ چاغلاردا دەلتۇشلەر بىلەن ساراڭلار ئوخشاشلا ساراڭلار ساناتورىيىسىگە قاماپ قۇيىلاتتى)ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ھىستاشلىق قىلغان ۋە يەردەم بەرگەن.كىيىن ئۇ ئەقلىي .ئقتىدارتوسالغۇسى بار بالىلارنى داۋالاش ۋە تەربىلەش مەسلىسنى تەتقىق قىلىشىقا باشلىغان. ئۇ ئۆز ۋاقتىدىكى سايەوننىڭ  ئالاھىدە مائارىپ توغرىسىدىكى مەشھۇر ئەسەرلىرى بىلەن ئىتانىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات دوكلاتىنى ئۇقۇشقا باشلىغان. ئۇ بۇ مەزگىل ئىچىدە پارىژ ۋە لوندونغا بېرىپ،ئەقلىي ئىقتىدارى يۆۋەن بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مائارىپ ئورۇنلىرنى ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلغان.
روھىي كېسەللىكلەر شىپاخانىسىدا خىزمەت قىلغان ئىككى يىل جەرياندا ،ئۇ«بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلىش ئۈچۈن، ئۆي ئىچىدىكى يىمەكلىكلاردىن باشقا يەنە ئىككى قول بىلەن تۇتۇپ مەشغۇلات قىلىشقا بولدىغانلىقى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتىغانلىقى، قالايمىقان سىلايدىغانلىقى ۋە ئىزدەيدىغانلىقى» نى بايقىغان.بۇ خىل تۇنۇش ئۇنىڭ مائارىپ نەزەرلىرى ئىچىدىكى «ئەقلىي پاراسەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قول  مەھسۇلاتىغا  تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ» دېگەن ئاساسى نەزەرىيىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرىتكە بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ بۇ ئىككى يىللىق بىۋاستە كەچۈرمىش داۋامىدا تۆۋەن ئىقتىدارلىق بالىلارنى تەربىلەشكە نىسبەتەن «ئەقىل-چاراسەت يىتەرسىز بۇلۇشنى تۈگۇتىشتە نۇقۇل دورا بىلەن داۋالاشقا ئەمەس بەلكى تەربىلەش ئۇسۇلى ۋە ۋاستىسىغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ»دەيدىغان كۆزقاراشقا ئىگە بولغان. ھەم بۇ ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بالىلارنى مۈمكىنقەدەر دورا بىلەن داۋالاشتەك ئەنئەنۋى بىر تەرەپلىىمە ئۇسۇلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن.
 1898-يىلى، مونتېسسۇرى ئىتالىيىنىڭ دۇلىن دېگەن يىرىدە ئىچىلغان مائارىپ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ «بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن كەمتۈك بۇلۇشتەك روھىي كېسىلى قانداقتۇر تىبابەت مەسىلىسى بولماستىن بەلكى مائارىپ مەسىلىسىدۇر» دەيدىغان قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مائارىپ ۋە تىببى ساھەسىدە كۈچلۇك ئىنكاس پەيدا قىلغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىتالىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى ئۇنى دۆلەتلىك ئالاھىدە بالىلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىققا تەيىنلەنگەن. كىيىن ئۇ بۇ توغرىدا توختىلىپ «ئالاھىدە بالىلار مەكتىپىدەخىزمەت قىلىش جەرياندا قولغا كەلتۇرگەن ئەمىلىي تەجرىبىلىرىگە مېنى تۇنجى ھەقىقىي پىداگوگىكا ئىلمىي ئۈنۋانغا ئېرىشتۈرگەنگە باراۋەر بولىدۇ» دېگەن.
مونتېسسۇرى ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا،ئۆزىنىڭ سايگوننىڭ كىتاپلىرى ۋە ئىتانىڭ سىناق تەجرىبىلىرگە ئاساسەن تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇسۇللىرىنى ئاشۇ بىچارە بالىلارغا ئەمەلىي تەدبىقلىغان؛شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇ مەزكۈر مەكتەپتىكى خىزمەتداشلىرى ۋە رىملىق ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۇن، ھەرقايسى بالىلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىش ۋە بالىلارنىڭ ئەقلى ئقتىدارىنىڭ تەرەقى قىلىشىغا ياردەم بېرىشتە قوللىنىدىغان، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بالىلارغا قارتىلغان بىر يۇرۈش«ئالاھىدە كۈزىتىش ئۇسۇلى» نى تەييارلىغان. بۇنىڭدىن سىرىت، ئۇ يەنە بۇ بالىلارنىڭ مەسىللىرگە قارتا، تېخىمۇ قاراتمىلىق ھەر خىل ھەر ياڭزا مائارىپ قوراللىرىنى كۆڭۇل قۇيۇپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ «قول ۋە مېڭىنى تەڭ ئىشلىتىش»ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى تەرەقىي قىلدۇرىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ ھەر كۇنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 7 گىچە بالىلار بىلەن ئۆزى بىۋاستە ئۇچرىشىپ، ئۇلار كۆزەتكەن، ئۇلارنى چۈشەنگەن، ھەم خاتىرە قالدۇرۇپ مۇلاھىزە ۋە سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان، توختاۋىسىز ھالادا ىېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللىرنى تەتقىق قىلىپ چىققان.نەتىجىدە، ئىككى يىلدىن كىيىن، ئۇبالىلار مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگىنىۋالغان، ئۇلار ئۇقۇش ۋە يىزىشنى ئۆگىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە، شۇ ۋاقىتتىكى رىم رايۇنىدا نورمال بالىلار ئۇچۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئورتاق ئىمتىھاندىنمۇ ئۆتۇپ كەتكەن.
مونتېسسۇرى ئۆزى قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلەردىن ھەرگەىزمۇ ئۆزىنى يوقتىپ قويمىغان. بۇ چاغدا ئۇ، كەمتۈك بالىلار مۇۋاپىق تەربىيىنىلىش ئارقىلىق نورمال بالىلارنىڭ ئۆلچىمىگە يېتەلىگەن يەردە، نورمال بالىلار نېمە ئۈچۇن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتەلمەيدۇ؟دەپ ئويلىنىشقا باشلىغان.
ئۇ تەلىم-تەربىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىگە نىسبەتەن ئۆزگەرتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى (شۇچاغدىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئەقلىي ئىقتىدار ئىرسىيەت بەلگىلىندۇ، دەپ قارايتتى)ۋە نورمال بالىلارنىڭ «ئورتاق ئىمتىھان»دا ئېرىشكەن نەتىجىسنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى توسالغۇسىغا ئىگە بالىلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىستىن ھىچقانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىدەك نەتىجىدىن، كۆپ قىسىم نورمال بالىلار ئەقلى ئىقتىدارى تەرەقىياتىنىڭ چەكلىمىسىگە ياكى نامۇۋاپىق تەربىلەش ئۇسۇلىنىڭ زىيان كەشلىككە ئۇچۇرمىغان تەغدىردىمۇ، تەربىيىلەشنىڭ تولىمۇ كېچىكىپ باشلىندىغانلىقى ياكى بۇ ھەر ئىككى سەۋەپنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ھېس قىلىپ يەتكەن.
بۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان چوڭ ئىش بۇلۇپ ئۇ بۇنى كىشلەرنىڭ جاۋاپ ئىزدىشى زۆرۇر بولغان، تىرىشىپ ھەل قىلمىغۇچە خاتىرجەم بولغىلى بولمايدىغان چوڭ مەسلە دەپ قارىغان. ۇنكى ئۇنىڭ ھىېس قىلىشچە، ئىنسانىيەتنىڭ گەلگۇسى بەختى ۋە دۇنيا تىنىچلىقىنىڭ ئۇمۇدى كۆپ سانلىق نورمال بالىلارنىڭ ئۇستىگە مەركەزلەشكەن بۇلۇپ، ئۇ بۇ يېڭى رىقا بەتنىڭ قەتتىلىك بىلەن قۇبۇل قىلغان.
بۇخىل ئۇسۇلنى نورمال بالىلارغىمۇ تەدبىقلاشقا مۇمكىن بولدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن، «نورمال پىداگوگىكا»نى يېڭباشتىن تەتقىق قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. 1901-يىلى، ئۈ پۈتۈن ياۋرۇپاغا داڭق كەتكەن مەكتەپ مۇدىرىلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ رىم ئۈنۋىرستىتىغا قايتىپ بېرىپ، قايتىدىن ئوقۇغۇچى بولغان ھەم ئىنسانلارنىڭ ئۈسۇپ يىتىلىشىنىڭ تەبىي قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا ئۈزۈل كىسىل ئىزدىنىپ، ئىلمىي تەربىيىلەش نەزىريىسى ۋە ئۇسۇللىرنى تېپىپ چىقىش ئۇچۇن، بىئولوگىيە پىېنى، تەجىربە پىسخولوگىيىسى، نورمال پىداگوگىكا، مائارىپ ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنى تەتقىق قىلغان. ئۇ يەتتەيىل كۆڭۇل قۇيۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىنسان ھاياتىنىڭ تەترەقىيات قانۇنيەتلىرنى تەدرىجى تېپىپ پىقىپ، ئۆزىنىڭ دەسلەپكى قەدىمكى ئىدىيە ۋە نەزەرىيىلىرنى تەدرىجى شەكىللەندۇرگەن. بۇ چاغدا، ئۇنىڭدىن كەپچىل بولغىنى پەقەت ئىسپاتلاش پۇرسىتىدىنلا ئىبارەت ئىدى.
1906-يىلى، بىر تاسادىپىي پۇرسەت رىم ئېسىل قۇرلىشلار ئۇيۇشمىسنىڭ قوللىشى ئۇنىڭغا دۇنيادىكى نورمال بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىسپاتلاش پۇرسىتىنى ئېلىپ كەلگەن؛1907-يىلى1-ئاينىڭ 6-كۇنى تۇنجى«بالىلار ئائىلىسى»رىمنىڭ نامراتلار رايونى بولغان سان لورۇندۇ رايوندا رەسىمى قۇرۇلغان، ئۈچ ئايدىن كىيىن ئىككىنچى مونتېسسۇرى«بالىلار ئائىلىسى» ئىز بېسىپ قۇرۇلغان.
«بالىلار ئائىلىسى» بالىلارنى تەرەقىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىيتنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ، ئۇ بىرخىل «يۇرۇشلەشكەن ياتاق ئىچىدىكى مەكتەپ »ئىدى. ئۇ يالغۇز ئائىلە مەزمۇنىغا (مەسلەن، ئەزالارنىڭ .ئۆز ئارا بىر-بىرىگە كۆرۇنىشى ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش)ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق جابدۇق ۋە ئۈسكىنلەرمۇ بالىلارنىڭ ئىھتىياج ۋە ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق كىلدىغان بۇلۇپ، بالىلارنىڭ تەربىيە قۇبۇل قىلىشتىكى ياخشى سۇرۇن ئېدى.«ئائىلە»دىكى چوڭ كىشلەر چۇقۇم «مەكتەپ»مۇھىتىنى ياخشىلاشقا دائىم كۈچ چىقىرىش، شۇ ئارقىلىق «مەكتەپ مۇھىتى»نى بالىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن تەرەقىياتىغا مۇۋاپىقلاشتۇرىشى كېرەك ئىدى.
بالىلار ئائىلىسىدە، مونتېسسۇرى ئەقىل پاراسەتنىڭ تەرەقىي قىلىشنى ئىلگىرى سۇرەلەيدىغان ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ۋە يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى قىزىشتا ئىشلىتىلدىغان ھەر خىل تەربىلەش قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ يەردە كۈزتۇش جەرياندا، ئوقۇتقۇچىلار ئويناشقا تىگىشلىك رولىنىڭ قانداق بۇلىشى كېرەكلىكىنى چۇشىنىپ يىتىپ، دۇنياغا مەشھۇر بولغان مونتېسسۇرى ئوقۇش ئۇسۇلىنى ھۇجۇدقا كەلتۇرىدى.
«بالىلار ئائىلىسى»دە، مونتېسسۇرىنىڭ ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان 60نەپەر بالىغا تەدبىقلىغان ئۇسۇلى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە زور نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى گېزىت-ژورنال ۋەكىتابلارنىڭ بالىلار ئائىلىسى توغرىسىدا بەرگەن تەسىرلىك خەۋەر ۋەبايانلىرنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كىلدىغان ئىكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۇلمەيدۇ، ئۇلار بۇنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، مۇجىزە دەپ تەرىپلەيدۇ، مۇنىڭ بىلەن لوندون، شۋىتسارىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرى تەقلىد سۇپىتىدىكى «بالىلار ئائىلىسى»نى بەس-بەستە تەسىس قىلدى، ھەم مونتېسسىۇرىنى ئۆز دۆلەتلىرگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
مونتېسسۇرى1912~1915-يىللىرى ئامرىكىنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى سەھەلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى سان-فرانسېسكو كۆرگەزمە يىغىنىنىڭبىردىن بىر مۇكاپات بولغان ئىككى كۇزلۇك ئالتۇن مىدال مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. 1913-يىلى ئامىركىنى مائارىپ جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلىندۇ.
مونتىسۇرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانياكى مونتېسسۇرى ئۇسۇلىنى قوللانغان مەكتەپلەر 200دىن كۆپرەككە  يىتىدۇ.
1934-يىلى مۇسسۇلىن ئىتالىيىدىكى بارلىقمونتېسسۇرى مەكتەپلىرنى تاقاش بۇيرىقىنى چۇشۇرىدۇ ھەم مونتېسسرىنىڭ ئەسەرلىرنى چەكلەيدۇ . مونتېسسۇرنىڭ ئۆزىمۇ ئامالسىز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئىسپانىيەگە قېچىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىسپانىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ يەنە ئۇ يەردىن ئەنگىليەگە بارىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ دۆلەتتىن بۇ دۆلەتكە يۆتكىلىپ يۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايدى جايلىردا سەييارە  نۇتۇق سۆزلەي .
گوللاندىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلىرىدە ئۇنىڭ قەدەم ئىزى چۇشمىگەنجاي قالمايدۇ. 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن ئاياغلىشىپ 1947-يىلىغا كەلگەندە، ئىتالىيە ھۆكۇمىتى ئاندىن ئۇنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كىلىپ مونتېسسۇرى مەكتىپىنى قايتىدىن قۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇ.
2-دۇنيا ئۇرىشى ئھياغلاشقاندىن كېيىن، مونتېسسۇرى گەرچە ئاللە قاچان قېرىپ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ يەنىلا جاپادىن ئۆزىنى تارىتماي، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قايتا بېرىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ؛مائارىپ خىزمەتلىرگە يېتەكچىلىق قىلىپ، مائارىپ ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتىش ۋە دۇنيا تىنىچلىقنى ئىلگىرى سۇرۇشنى چاقىرىق قىلدۇ. مونتېسسۇرى 1952-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۇنى گوللاندىيىنىڭ نوتۋىرىكدېگەن يىرىدە 82يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. ئۇبىر مەشھۇر ئالىم، شۇنداقلا  ئۇلۇغ مائارىپچى بۇلۇپ، پۇتۇن ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ بارلىق ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھاياتىنى بالىلارغا، ئىنسان روھىنىڭ قايتا جاللىنىشىغا ۋە ئىنسان تەبىئتىنىڭ تەرەققىىي  قىلىشىغا بېغىشلىغان.
        

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-8 8:20:37]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 342 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01