مۇھەببەت -بالىلاردىكى توسقۇنلۇقىنىڭ ئاچقۇچى(2)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مېھرى مۇھەببەت -بالىلاردىكى ئۈگۈنۈش ۋە ئالاقە توسقۇنلۇقىنى تۈگۈتۈشتىكى ئاچقۇچ(1 )
گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز)

   ياش- ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ئادەمنىڭ سىرتقى تەسىرنى ئەڭ تېز قوبۇل قىلىدىغان دەۋرى بولۇپ، بۇ ياش باسقۇچىدا بالىلارنىڭ مېھرى مۇھەببەت، مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش، تەۋەلىك، ھۆرمەتلىنىش قاتارلىق بىر قاتار پىسخىكىلىق ئېھتىياجلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىسا، ئاسانلا ئۈگۈنۈش ۋە ئالاقە توسقۇنلۇقى كۆرۈلۈپ، بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بولۇپمۇ ئاتا ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىش، تۈرلۈك سەۋەپلەردىن كەمسىتىلىش، چەتكە قېقىلىش، تاشلىۋېتىلىش ياش ئۆسمۈرلەردە ئاسانلا بۇ خىل توسقۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    1.ھىكايە:

   ئاساسى ئەھۋالى: ئەلقەم ئاتا ئانىسى ئاجراشقاندا دادىسىغا بۇيرۇپ بېرىلىدۇ. دادىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، دادىسى ئەلقەمنى شەھەردىكى تاغىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەلقەم ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇش ھاياتىنى باشلايدۇ. ئەلقەم كىچىكىدىن ئىچ مىجەز بولغاچقا، شەھەردىكى تۇققانلىرى بىلەن تازا ئىجىل بولۇپ كېتەلمەيدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئەلقەم بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تام پەيدا بولۇپ، ئۇ ئۆيدىكىلەر ئەلقەمگە ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان، ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان، ئەلقەممۇ ئۇلارغا ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان سوغۇق مۇناسىۋەت شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەلقەمنىڭ ئۈگۈنۈش ئاساسى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغاچقا، دەرسلەردە يېتىشەلمىگەنچە روھى چۈشۈپ، ئاخىرى باشقىلارغا پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان، ئۈگۈنۈشمۇ قىلمايدىغان، ئازراقلا ئىش بولسا يىغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. تاغىسى ئەلقەمنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى نورمالسىزلىقىنى بايقاپ ئۇنى پىسخىكا مەسلىھەتچىسىگە كۆرسىتىدۇ.
«دىلخۇش» پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئابلىمىت دوختۇر بىلەن بولغان تۈنجى قېتىملىق ئۇچرۇشۇش خاتىرىسى:
-ھېيتتا ئاتا ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ؟
-ياق
-ئاتا –ئانىڭىزنى كۆرگىڭىز كەلدىمۇ؟ 
-ياق
-ئاتا -ئانىڭىز بىلەن قاچان كۆرۈشكەن؟
-بىر يىل بۇرۇن
- ئۇلارنى سېغىندىڭىزمۇ؟
-سېغىنمىدىم
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئابلىمىت دوختۇرنىڭ ئىگىلىگەن ئەھۋالى: ئەلقەم ئاتا-ئانا مېھرىگە قانمىغان بالا، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا مۇھتاج بولىدىغان مېھرى مۇھەببەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىغان.پۈتۈنلەي بوش قالغان دىيىشكىمۇ بولىدۇ.  ئەلقەمنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسى  ئىزچىل ياخشى بولمىغاچقا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئوقۇتقۇچى ئۇنى پىلاندىن سىرت ئوقۇغۇچى قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن.باشلانغۇچ مەكتەپتىن  تارتىپ ھىچكىم  ئۇنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلمىگەن. ساۋاقداشلىرى دائىم ئۇنى مەينەت، غەلىتە، دۆت، دەپ تىللايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. باشقا سىنىپتىكى بىرقانچە بالا بىلەن ئانچە مۇنچە ئالاقە قىلىدۇ. سىنىپتا تەنقىتكە ئۇچرىسا ياكى باشقا بالىلار بوزەك قىلسا يىغلايدۇ.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى يۇقۇرىقى ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەقلى كويفىنسىتىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە پىسخىكىلىق سىناق ئېلىپ  بارىدۇ. سىناق نەتىجىسىدىن ئۇنىڭ ئەقلى كويفىنسىتىنىڭ ئوتتۇرىھالدىن يۇقۇرى ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئابلىمىت دوختۇر ئەلقەمنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دىئاگنوز قويىدۇ:  ئاتا ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى، تاغىسىغا باققىلى بېرىش، تاغىسىنىڭ ئۆيىدە ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھىس قىلالماسلىق، ئاتا ئانىسىنىڭ ئىزدىمەسلىكى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە زەخمە پەيدا قىلىپ ، ئۇنىڭ پىسخىكا جەھەتتە نورمال يېتىلىشىگە دەخلى يەتكۈزگەن. ئۇ ئەتراپتىكى ھىچقانداق ئادەمدىن مېھرى مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىگەن.
ئۇنىڭ ئۈگۈنۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان ئادەم بولمىغاچقا دەرستە ئىزچىل ئىلگىرىلىيەلمىگەن.
ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ھەقىقى كۆيۈنىدىغان ئادەم بولمىغاچقا شەخسى تازلىقى دائىم ناچار بولغان. شۇنىڭ بىلەن ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرمەي، ئۇنىڭدىن قاچقان.
 نەتىجىسى تۆۋەن بولۇپ سىنىپنىڭ ئومۇمى نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزگەچكە ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىنىپ كوللىكتىۋى چەتكە قاقىدىغان ئوقۇغۇچىغا ئايلىنىپ قالغان.
يۇقۇرىقىدەك بىر قاتار ئامىللار ئۇنىڭدا ئۈگۈنۈش، ئىجتىمائى ئالاقىدە توسقۇنلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پىسخىكىلىق داۋالاش قەدەم باسقۇچلىرى: ئەلقەمنىڭ مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل ئاساسلىقى ئائىلە ئىللىقلىقى بولماسلىق، مەكتەپتە كەمسىتىشكە ئۇچراش بولغاچقا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تىكلىشىگە ياردەم بېرىش، غورۇر تۇيغۇسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئەلقەمنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەلقەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن ئوقۇغۇچى بولماستىن بەلكى نورمال ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. ھەمدە، ئۇنىڭ ئەقلى كويفىنسىتىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پىسخىكا مەسلىھەتچىسىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ «دۆت»دىگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىش. پىسخىكا مەسلىھەتچىسى باشقىلارنىڭ ئۇنى ياقتۇرماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ شەخسى تازلىقىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى دەپ بېكىتىپ ئىككىنچى قەدەمدە ئۇنىڭغا ھەر كۈنى چوقۇم ئورۇندايدىغان تاپشۇرۇق بېرىدۇ.
1.شەخسى تازلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئامال بار كۈندە يۇيۇنۇش، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇش. ئەگەر كىيىمىنى باشقىلار يۇيۇپ بەرمىسە ئۆزى يۇيۇش.
ئوقۇتقۇچى ۋە تاغىسىغا بېرىلگەن تاپشۇرۇق: ئوقۇتقۇچىسى، تاغىسى ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىغا دىققەت قىلىپ، ئاجىز تەرەپنى تېپىش ھەمدە ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئۈگۈنۈش لاھىيىسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش.
ئىجتىمائى ئالاقە جەھەتتىكى توسقۇنلۇقنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭدا بولىۋاتقان ئۆزگۈرۈشنى ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش، ھەتتا ئۆزگۈرۈش كۆرىنەرلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ ماختاپ ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش.
نەتىجە: پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئابلىمىت دوختۇرنىڭ بىرقانچە قېتىملىق پىسخىكىلىق مەسلىھەتى شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىسى ۋە تاغىسىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن ئەلقەمنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسىدە شۇنداقلا، ئەتراپتىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئاستا ئاستا ياخشىلىنىش بولىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 788 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01