مۇھەببەت -بالىلاردىكى توسقۇنلۇقىنىڭ ئاچقۇچى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

مېھرى مۇھەببەت -بالىلاردىكى ئۈگۈنۈش ۋە ئالاقە توسقۇنلۇقىنى تۈگۈتۈشتىكى ئاچقۇچ(2 )
گۈلنار تىيىپ(ئۆز مۇخبېرىمىز)

    ھەرقانداق بىر ئاتالمىش ناچار ئوقۇغۇچىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. شۇ ئارتۇقچىلىقىنى قېزىش ئارقىلىق، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتالمىش كەمچىلىكىنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەرتىپكە بوي سۇنىدىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىلا ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكى، تەرتىپسىز، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئوخشاشلا ياخشى كۆرىدىغان، ئۇلارنى توغرا يۆلۈنۈشكە يېتەكلەشتە سەۋرى تاقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولمىسا بولمايدۇ. بۇ ئىنتاھىن زۆرۈر. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ، دۇنيادا ھەقىقەتەن ناچار ئوقۇغۇچى يوق، پەقەت توغرا يېتەكلەشكە ئېرىشەلمىگەن ئوقۇغۇچى بار.........

*********

    تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۈسۈپنىڭ مىجەزى ئىتتىك، ئاچچىغى يامان، باشقىلار بىلەن ئاسانلا ئۇرۇشۇپ قالىدۇ. باشقىلارنى ھەيۋە قىلىپ بويسۇندۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئامالسىز ئەگىشىدىغان بىر توپ بالىلار بار. ئالدىنقى سىنىپ مەسئۇلى ئۇنى تۈزۈمگە بوي سۇندۇرالماي، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغان. كېيىنكى سىنىپ مەسئۇلى ئۇنىڭ قەستەن ئىنتىزامنى بۇزۇپ، ئۆزى بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلاشقان، بىرقانچە قېتىملىق پاراڭلىشىشتىن كېيىن ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا توسالغۇ بارلىقىدىن گۇمان قىلىپ، ئۇنى پىسخىكا مەسلىھەتچىسىگە كۆرۈنۈپ بېقىشقا كۆندۈرگەن.
«دىلخۇش»پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە داۋالاش مەركىزىنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئابلىمىت دوختۇر يۈسۈپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن  كېيىن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:
يۈسۈپنىڭ ئاتا ئانىسى ئاجراشقاندا يۈسۈپ ئاتىسىغا بېقىشقا بۇيرۇلغان. ئاتىسى قايتا توي قىلغان. يۈسۈپنىڭ ئۆگەي ئاپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس. ئاپىسىمۇ قايتا توي قىلغان. يۈسۈپنى ئاساسەن كۆرگىلى كەلمەيدۇ. يۈسۈپ مېھرى-مۇھەببەتكە تەشنا، بىراق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، مېھرى مۇھەببەت ھىس قىلدۇرىدىغان ئادەم يوق. ئۇ ھەتتا ئائىلە مېھرىنىڭ، ئاتا ئانا مېھرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان. بۇ ئۇنىڭدا ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، تەشۋىشلىنىدىغان، كەيپىياتى تۇراقسىز ، باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قارشىلىشىدىغان خارەكتىرنى يېتىلدۈرگەن. يۈسۈپ ناچار كەيپىياتىنى ئائىلىدە چىقىرالمىغاچقا مەكتەپتە، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش، ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قارشىلىشىش ئارقىلىق چىقىرىشقا ئادەتلىنىپ قالغان. يۈسۈپنىڭ يۇقۇرىقىدەك پاسسىپ روھى ھالىتىنىڭ مەنبەسى ئائىلىدە مېھرى مۇھەببەتكە،توغرا يېتەكلەشكە ئېرىشەلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. 
پىسخىكا دوختۇرىنىڭ يۈسۈپنىڭ سىنىپ مەسئۇلىغا بەرگەن تاپشۇرۇقى:
يۈسۈپنىڭ ئەتراپىدىكى بىر توپ بالىلار بىلەن ئايرىم ئايرىم پاراڭلىشىپ، يۈسۈپنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ بىرگە ئويناشقا مەجبۇر بولۇشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتىپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قايتا تونۇشىغا ياردەم بېرىش. بۇ ئارقىلىق سىنىپتىكى توپلىشىپ ئىنتىزام بۇزۇش كەيپىياتىنى تۈگۈتۈش. نەتىجىدە يۈسۈپنىڭ سىنىپتىكى تەرتىپسىزلىكىنىمۇ كونتۇرول قىلىش.
يۈسۈپتىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزى مېھرى مۇھەببەتنىڭ كەمچىللىكى.
يۈسۈپكە ئوخشاش بالىلارغا نۇقۇل قائىدە سۆزلەپ تەربىيە قىلىش، ۋەز ئېيتىشنىڭ ئۈنۈمى چوڭ بولمايدۇ. ئەكسىچە كۆڭۈل بۆلۈش، مېھرى مۇھەببەت ھىس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن باشلاش كېرەك.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى يۈسۈپنىڭ ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا ئائىلىسىدىكىلەرمۇ« قانچە ئەجىر قىلساقمۇ بىكار» دەپ ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن يۈسۈپنىڭ ئەھۋالىنى ئاتا ئانىسىغا ئېيتىپ، ئاتا ئانىسىدىن پەرزەنتىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى. يەنى يۈسۈپنىڭ ئاتا ئانىسىغا تۆۋەندىكىدەك تاپشۇرۇق بەردى: كۆپ مۇڭدۇشۇش، مۇڭدۇشۇش جەريانىدا ئۈگۈنۈش ئەھۋالى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، جەمئىيەتتىكى قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرى، يۈسۈپنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى، ئارزۇسى، غەم ئەندىشىسى.... قاتارلىق تېمىلاردا پاراڭلىشىش. ئۈگۈنۈشىگە ياردەم بېرىش. ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش.
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. يۈسۈپنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپ، پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئوقۇتقۇچىسىدىن يۈسۈپنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكىنى سىنىپتا جارى قىلدۇرۇشنى كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى يۈسۈپنى قوشۇمچە سىنىپ باشلىقلىقىغا تەيىنلەپ، سىنىپنىڭ تەرتىۋىنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن  يۈسۈپ سىنىپتىكى تەرتىپسىز ئوقۇغۇچىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى. نەتىجىدە يۈسۈپنىڭ ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقى ئاستا ئاستا ئۆسۈپلا قالماي، ساۋاقداشلىرى بىلەن يوقىلاڭ سەۋەپلەر بىلەن ئۇرۇشىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قارشىلىشىپ تەرتىپنى بۇزىدىغان ئادىتىمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 765 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01