بالا باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالىدىغان بولۇپ قالسا...

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئايقىز بۇ يىل 11ياشقا كىردى. باشلانغۇچ 4-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بۇدرە ساپ سېرىق چاچلىرى ئۇنى تولىمۇ ئۇماق كۆرسىتەتتى.
يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ سىنىپىدا بىر غەلىتە ئىش يۈز بېرىشكە باشلىدى. يەنى بالىلارنىڭ يېڭى ئوقۇش قوراللىرى ئارقا ئارقىدىن يوقاپ كەتتى. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسىنى تەكشۈرۈپ ئويلىمىغان يەردىن يۈتۈپ كەتكەن ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئايقىزنىڭ سومكىسىدىن تېپىۋالدى. ئاپىسى بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۆيدىكى تاتمىسىدىنمۇ خېلى كۆپ يېڭى ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى تېپىۋالدى. ئايقىز ئاپىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئوڭايسىزلاندى.
ئايقىز ئىشى ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئىككىنچى بۇنداق ئىشنى قىلمايدىغانلىقىنى بۈلدۈردى. بىراق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ئاپىسى ئايقىزنى يەنىلا پىسخىكا دوختۇرىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى.
ئايقىز تۈنجى قېتىم پىسخىكا مەسلىھەتچىسىنىڭ ئالدىغا كىرگەندە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئىككى قولىنى بىر بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، تەنقىت ئاڭلاشقا تەييار تۇرغان قىياپەتتە تۇردى.
پىسخىكا ئوقۇتقۇچىسى ئايقىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى:
مېنىڭ سىزگە قانداق ياردەم قىلىشىمنى خالايسىز؟
ئايقىز ئاغزىنى چىڭڭىدە پۈرۈپ گەپ قىلماي ئولتۇراتتى.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئايقىزدىكى جىددىلىكنى تۈگۈتۈش مەقسىتىدە سوغۇق ئىچىملىك ئىچەمسىز؟ياكى سۈت ئىچەمسىز دەپ سورىدى.
ئايقىز شۇندىلا بېشىنى كۆتۈرۈپ سۈت ئىچىمەن دەپ جاۋاپ بەردى.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى گۈلقىزنىڭ كىيىمىنىڭ تولىمۇ يارىشىملىق ئىكەنلىكىنى ماختاپ، ئاپىڭىز سىزنى تولىمۇ چىرايلىق ياساپ قويۇپتۇ ، سىزگە بەك كۆيىدىكەن-ھە  دىدى.
بۇ چاغدا ئايقىز بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئاۋازىنى سەل يۇقۇرى كۆتۈرۈپ: ياق، ئاپام مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئىنىمنى مەندىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ. مېنى تېخى ئۇرۇپمۇ باققان، دىدى.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى داۋاملىق يېتەكلىشى نەتىجىسىدە گۈلقىز ساۋاقداشلىرىنىڭ ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىۋېلىش جەريانىنى ئېيتىپ بەردى: مەن تۈنجى قېتىم يېنىمدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆچۈرگۈچىنى چىرايلىق كۆرۈپ ئېلىۋالدىم. ئۇ ئۆچۈرگۈچ پاقىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغان يېشىل رەڭلىك ئۆچۈرگۈچ ئىدى. بىراق بەك قورقۇپ كېتىپ ئىككىنچى كۈنى قايتۇرۇپ بەردىم. ساۋاقدىشىم بۇنى پەقەتلا سەزمىدى. ئىككىنچى قېتىم ئۆچۈرگۈچنى يەنە ئېلىۋالدىم. بۇ چاغدىمۇ سەزمىدى بىراق ئۇنىڭ دەپتىرى يۈتۈپ كېتىپ بەك ئىزدەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە قورقۇپ كېتىپ ئۆچۈرگۈچنى يەنە قايتۇرۇپ بەردىم. ئۇ يەنىلا سەزمىدى شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈچۈنچى قېتىم ئېلىۋېلىپ تاتمامغا سېلىپ قويدۇم. .......مەن ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ خاتالىغىنى بىلىمەن بىراق پەقەتلا كونتىرول قىلالمايۋاتىمەن. مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن.
بۇ چاغدا پىسخىكا مەسلىھەتچىسى بىر ۋاراق قەغەزگە ئۇچ پارچە رەسىم سىزدى. ئۇنىڭ بىرسى ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ رەسىمى، بالا يولۋاس باشلىق ئادەم تەنلىك. ئىككىنچى رەسىمگە چىراي شەكلى ئادەتتىكىچە ئۆسمۈردىن بىرنى سىزنى . ئۈچۈنچى پارچە رەسىمگە يەنە بىر ئۆسمۈرنىڭ رەسىمىنى سىزدى بىراق بۇ رەسىم رولىمۇ چىرايلىق سىزىلغان ئىدى. پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، ئايقىزغا بۇ ئۈچ مەن توغرىلىق سۆزلەپ بەردى.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى بىرىنچى رەسىمدىكى ھايۋان باشلىق مەن ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دىدى. بۇ رەسىمدىكى مەن تاماق يەيدۇ، ئوينايدۇ. باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى تالىشىدۇ. ئېلىۋالىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن خاتا ئەمەس. سىزنىڭچە يولۋاس نىمە يەيدۇ؟ كىچىك ھايۋانلارنى يەيدۇ. يولۋاس كىچىك ھايۋانلارنى يىگەندە كىچىك ھايۋانلارنىڭ ئازالىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلالامدۇ؟
ياق ھىس قىلالمايدۇ. پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئىككىنچى رەسىمنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ مۇنداق دىدى: رىئاللىقتىكى مەن. بۇ مەن باشقىلار قانداق ئىشنى توغرا دىسە شۇنداق ئىشنى قىلىدۇ خاتا دەپ قارايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ. سىزنىڭچە باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋېلىش قانداق ئىش ؟ خاتا ئىش. ئۇنداقتا بۇ رىئاللىقتىكى مەن بۇ ئىشنى قىلامدىكەن. ياق قىلمايدىكەن. شۇنداق بۇ مەن باشقىلار توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىدۇ. خاتا دەپ قارىغان ئىشنى قىلمايدۇ. سىز باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىشتىن بۇرۇپ ئالماسلىقنى، ئېلىۋالسا خاتا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باققانمۇ؟دەسلەپ ئالسام بولمايدۇ دەپ ئويلىغان بىراق ئۆزەمنى كونتۇرول قىلىپ بولالماي يەنە ئېلىۋالدىم. ئۇنداقتا، رىئالنى مەن ئالماسلىقنى ئويلىغاندا، بىرىنچى رەسىمدىكى ھايۋانى مەن يامان چىقىپ كېتىپ، ئېلىۋالغان دىيىشكە بولامدۇ قانداق. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇ. ئايقىز ئۆز ھەرىكىتى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدى.
بۇ چاغدائۈچۈنچى رەسىم ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى.
ئۈچۈنچى رەسىمدىكى مەن پەزىلەتلىك، ئالىجاناپ مەن. بۇ مەن ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا باشقىلارنى ئويلايدۇ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى پەقەتلا قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇ باشقىلارغا شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. شۇنداقمىكەن. پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، ئايقىزغا قارىدۇ. ئايقىز بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇراتتى. پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئايقىزدىن سورىدى. سىز باشقىلارغا ياردەم بېرىپ باققانمۇ؟
ئايقىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ روھلۇنۇپ سۆزلىدى: مەن ئاپام بولكا ئېلىپ يە دىگەن پۇلنى باشقىلارغا ئىئانە قىلىپ بەرگەن ئىدىم. مېنىڭ بۇنداق قىلغىنىم ھايۋان مەننىڭ ئالىجاناپ مەنگە ئايلانغىنى بولامدۇ. پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئۇنى ياخشى دەپ ماختاپ كەتتى.
پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ھايۋان مەننىڭ ئالىجاناپ مەنگە ئايلىنىشى ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا شۇنداق بولىدۇ. سىز ھايۋان مەن بولۇشنى خالامسىز ياكى ئالىجاناپ مەن بولۇشنى خالامسىز؟
ئايقىز دەرھاللا مەن ئالىجاناپ مەن بولۇشنى خالايمەن دىدى.
شۇنىڭ بىلەن پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئايقىزغا مۇنداق تاپشۇرۇق بەردى.
 ھەر كۈنى ئاتا ئانىڭىزغا كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىسىز مەسىلەن ئاياقلارنى رەتلەش، سەي ئاخلاش دىگەندەك. ئاندىن كەچلىكى ھىسسىياتىڭىزنى يېزىپ قويىسىز. بولامدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ئايقىزنىڭ ئاپىسىغىمۇ تاپشۇرۇق بەردى.
ئىنىسى بىلەن دائىم سېلىشتۇرمايسىز. باشقىلارنىڭ ئالدىدىلا ئىنىسىنى ماختاپ ئايقىزنى ماختىمايدىغان ياكى تەنقىتلەيدىغان ئىشنى قىلمايسىز.
ياخشى ئىش قىلغاندا ناختاپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ.
دېمىكۇراتىك ئائىلە مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈش،
بالىنى باشقا بالىلار بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلدۇرۇش. ئوقۇتقۇچى بىلەن دائىم ئۇچرۇشۇپ تۇرۇش. بالىنىڭ ئەھۋالىنى ۋاختى ۋاختىدا ئىگەللەپ تۇرۇش.
ئايقىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى بىرقىسىم ئەھۋاللار.
ئايقىز ئۈچ ياش ۋاختىدا ئىنىسى تۇغۇلغان. ئەر ئايال ئىككىلىسىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا بالىنى چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ، يېرىم يىلدىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن. ئايقىز ھەممە جەھەتتە ياخشى بولسىمۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئىنىسىنىڭ نەرسىسىنى تالىشىدىغان. ئىككى؛ىسىگە ئوخشاش نەرسە ئېلىپ بەرسە ئىنىسىنىڭكىنى تالىشىپ ئۇنى بەرسە بىرنەچچە كۈن ئويناپلا يەنە ئىنىسىنىڭكىنى تالىشىدىغان بولۇپ قالغان. ئىنىسى بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ياخشى بولۇپ  ئۆ نەرسىسىنى دائىم ئاچىسىغا بەرگەن. بۇ يىل يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئاپىسى ئىنىسىغا يېڭى نەرسە ئېلىپ بېرىپ ئاچىسىغا ئېلىپ بەرمىگەن . ئايقىز تالاشقاندا ئاپىسى سېنىڭ يېڭى تۇرسا دىگەن. بۇ چاغدا ئىنىسى بىر ئۆچۈرگۈچنى ئاچىسىغا بەرگەن ئاچىسى ئۆچۈرگۈچنى ئىنىسىنىڭ كۆزىگە ئېتىپ قىزارتىپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى ئۇنى بىر شاپىلاق سالغان. ئۇ بەك يىغلاپ كەتكەن بولسىمۇ ھىچكىم ئۇنىڭغا يال بەرمىگەن. ئەر ئايال ئىككى بلىنىڭ نەتىجىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىنىسىنىڭمۇ نەتى؟قىسى ياخشى بولۇپ ئاپىس كۆپ ماختايدۇ؟ ئايقىزنىڭمۇ نەتىجىسى ياخشى بولۇپ ئۇنىمۇ ماختايدۇ. ئايقىز ئىنىسىغا باشقا جەھەتتە ياردەم قىلسىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم بەرمەيدۇ. ئاككىسى ھەر كۈنى بىللە مەكتەپكە بارغان بىراق ئۈگۈنۈشتە ياردەم بەرمەيدۇ.
 تەھلىل: ئايقىز كىچىك ۋاختىدا ئاتا ئانىسى ئىنتاھىن ياخشى كۆرگەن بىراق ئىنىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى مومىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ يېرىم يىلدىن كېيىن ئەكەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىنىسىنىڭ نەرسى؛لىرىنى تالىشىدىغان ئادەت پەيدا بولغان. ئاتا ئانىسى دائىم ئىككى بالىنى سېلىشتۇرۇدۇ. بۇ بالىنىڭ روھى بېسىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئاپىسى ئىنىسىغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭڭغا ئېلىپ بەرمىگەن ئىنىسى بەرگەننى ئېتىۋەتسە، ئاپىسى بىر شاپىلاق سالغان بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم تاياق يىيىشى بولۇپ، كۆڭلى قاتتىق ئازار يىگەن.
ئىنىسىنى ئۈگۈنۈش نەتىجىسىمۇ ياخشى بولۇپ بۇمۇ ئۇنىڭغا روھى بېسىم پەيدا قىل؛غان.
ئايقىزنىڭ ئائىلىدە دائىم ئىنىسى بىلەن بەسلىشىشى، نەرسىلىرىنى تالىشىشى ئۇنىڭ روھى جەھەتتە ئاتا ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققانلىقتىن كېلىپ چىققان. ئاتا ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلماسلىقىدىن ياخشى كۆرمەسلىكىدىن قورققان. ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زىيانغا ئۇچرىغان.سەۋەپ ئاتا ئانىسى داۋاملىق ئىككىسىنى سېلىشتۇرىدۇ.
يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئۇنىڭغا نەرسە ئېلىپ بەرمىگەنلىكى ئۇنىڭ ئىنىسى بىلەن بولغان ئائىلىدىكى تەڭ ئورنىغا تەسىر يەتكۈزگەن ئۇ تېخىمۇ ئارامسىزلانغان.
ئىنىسىنىڭ ياخشى ئىپادىسى ئۇنىڭ قورقۇنۇشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتكەن شۇنىڭ بىلەن بىلەن بۇ تاياق يىيىش بىلەن قوشۇلۇپ، پاسسىپ شەكىلگە تېشىپ چىققان. يەنى ئۇ قەلبىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەشۋىشنى باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋېلىش ئارقىلىق باسقان. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاتا ئانىسىنىڭ دىققىتىنى شۇ ئارقىلىقمۇ ئۆزىگە قاراتماقچى بولغان.
پىسخىكىلىق داۋالاش نەىجىسى : ئايقىز بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاپىسى بىلەن پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مەركىزىگە كەلگەندە ئىنتاھىن روھلۇق بولۇپ، بىر ھەپتىلىك خاتىرىسىگە ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسىنى تەپسىلى يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇتقۇچىمۇ مەۋسۈم ئاخىرىدىكى باھاغا ئايقىزنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى دەپ باھالىغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 852 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01