ھىستىرىيە=癔症=hysteria

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

( ھىسترىيە (癔症) فىزولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا بەدەندە ھىچقانداق كېسەللىك ئىزى بولمىغان كېسەللىك)

مەلۇم ئالىي مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئازراق زەربىگە ئۇچرىسىلا  ھۇشىدىن كېتىدىغان بالىلار ئالىي مەكتەپلەردىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ سىنىپىدىلا ئۈچى بار ئىكەن. تىببىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قانداقتۇر بەدەندىكى مەلۇم ئەزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەن كېسەللىكى بولماستىن بەلكى شۇ بىمارنىڭ ياشاش مۇھىتى، پىسخىك ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان روھى كېسەللىك ئىكەن. مەن بۇ خىل كېسەللىكنىڭ زادى قانداق پىسخىك ھالەتتىن پەيدا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىقراق مەلۇماتقا ئېرىشىش ۋە بۇلاردىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئاپتۇنۇم رايونلۇق مائارىپ ئېنىستىتوتى پىسخولوگىيە فاكولتىتىنىڭ دوتسىنتى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى زىۋىدە ئابدىكېرەمنى زىيارەت قىلدىم:

مۇخبىر: سىز ئالدى بىلەن بىزگە يۇقىرىقى دىئاگنوزدا ئېيتىلغان «ھىستىرىيە»نىڭ قانداق كېسەللىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇر بەرسىڭىز؟

زىۋىدە ئابدىكېرەم: بۇ خىل كېسەللىك ئادەتتە ئىنگىلىزچە تەلەپپۇزى بويىچە «ھىستېرىيە» كېسىلى دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل روھىي كېسەللىك. كۆپىنچە روھىي جەھەتتىكى قاتتىق غىدىقلىنىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ مەلۇم ئەزا خاراكتىرلىك كېسەل ئەمەس، بەلكى نېرۋا سېستىمىسىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، ئادەتتە كۆپرەك كۆرۈلىدىغانلىرىدىن پۇت-قول، يۈزلەرنىڭ تارتىشىشى، ئېسىنى يوقىتىش، ھۇشىنى يوقىتىش خاراكتىرلىك گەپ قىلالماسلىق، سەزگۈنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى(پۇت-قوللار ئۇيۇشۇپ قېلىش دېگەنگە ئوخشاش)،  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇت-قوللارنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشى،  ھىستېرىيە خاراكتىرلىك كۆرۈش ۋە ئاڭلاش سېزىمىنى ۋاقىتلىق يوقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇخبىر: بۇ خىل كېسەللىك پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قايسى خىل كىشىلەردە ئاسان كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟

زىۋىدە ئابدىكېرەم : ھىستىرىيە كېسەللىكى ئاسان كۆرىلىدىغان كىشىلەر ئاساسلىقى ئەسلىدىكى ئىندىۋىداللىقىدا قىسمەن خىستىرىيىلىك ئالاھىدىلىك بارلاردا  مەسىلەن: ساددا، كەيپىياتى تۇراقسىز، ھىسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدىغان، خىيال قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان، شەخسىيەتچى، ھەم ھالقىغان ھەرىكەتلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردە ئاسانلا كۆرىلىدۇ. يەنى ھىسسىيات جەھەتتىكى ئىنكاسى كۈچلۈك ئەمما تۇراقسىز، پىسخىك پائالىيەت جەريانىدا ئاسانلا ھىسسياتقا تايىنىدىغان كىشىلەر تۇرمۇشتا ئازراقلا كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىسا شۇ ھامان قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا، زىيادە روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان كىشىلەردە بۇ خىل كېسەللىك ئاسانلا كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ كىچىكىدە زور پىسخىك زەربە ياكى سىرتقى بېسىمغا ئۇچرىغان، يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئىرادە تەربىيىلىنىشى يېتەرلىك بولمىغان كىشىلەردە بۇ خىل كېسەللىك ئاسانلا پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

   باشقىلارنىڭ بىشارەتلىك سۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان كىشىلەردىمۇ بۇ خىل كېسەللىك ئاسان كۆرىلىدۇ. يەنى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئوي-خىيالى، ھەركىتى ناھايتى ئاسانلا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تۇتقان ياخشى-يامان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۇ كىشىنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلىقىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.
   ھىستېرىيە كېسەللىكىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن دۆيلىنىش يەنى ھۇشىدىن كېتىش، زىيادە سەزگۈرلىشىپ كېتىش، تۇيۇقسىز كۆرۈش ياكى ئاڭلاش قابىليىتى توسالغۇغا ئۇچراش، گەپ قىلالماي قېلىش، نەپەس يوللىرىغا بىر نەرسە تىقىلىۋىلىش، پۇت-قوللىرى يىغىلىپ قېلىش، ئۆرە تۇرالماسلىق، پۇت-قولىنى قالايمىقان ھەركەتلەتدۈرۈش، بەزىدە ئۆزىنىڭ چېچىنى يۇلۇش، بەدىنىنى چىشلەپ، تاتىلاپ زەخمىلەندۈرۈش، كىيىملىرىنى يىرتىش، ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇش قاتارلىقلار بار.

مۇخبىر:  بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

زىۋىدە ئابدىكېرەم: ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ خىل كېسەللىك ھەرخىل پىسخىك توسالغۇلاردىن پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتاھىن مۇھىم، ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
1-بالىلارنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە پىسخىك ساپا تەربىيىسىنى كۈچەيتىش، يەنى بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ ئوڭۇشسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ساپا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
2- بالىلارنىڭ ساغلام ئىندۇۋىدال ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىلاردا شەخسىيەتچىلىك، ئۆزىنى مەركەز قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاختىدا تۈزۈتۈش بېرىش، ۋە توغرا يېتەكلەش كېرەك.
3-قىسمەن سىرتقى بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بالىلارغا نىسبەتەن سىرتقى غىدىقلاشنى ئازايتىش، تىل ياكى باشقا ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىشىغا ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
   داۋالاش جەھەتتە،1-بىلىشنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق داۋالاش.پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىشتىكى تاكتىكىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ سۆھبەتلىشىش، يېتەكلەش ۋە رول ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىمارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىققا بولغان تونۇشىنى ئۆزگەرتىش.
2-سەزگۈسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش. بىمارنى غىدىقلاۋاتقان ۋەقەنى خىيالىدا ئەسلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شۇ خىل ۋەقەگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش.
3-ئادەتلىنىپ قېلىشنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق داۋالاش. قىسمەن بىمارلار ئازراقلا ئوقۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئايلىنىپ قېلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاشنى ئويلايدۇ.ئادەتلىنىپ قالغان بىمارغا بۇ خىل ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەش.
4- پىسخىكىلق ئۇخلىتىش(گىپنوزلۇق قىلىش) تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، شەخىسنىڭ ئىچكى زىددىيىتى، توقۇنۇشىنى تېپىپ چىقىپ، بىمارنىڭ غايىۋى ئۈمۈدى، ئارزۇسى بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى چىگرانى بۇزۇپ تاشلاپ، رىئاللىقنى بىمارغا، بىمارنى رىئاللىققا يېقىنلاشتۇرۇش.
   بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىمارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاش، ئىچى سىقىلىش، بۇرۇختۇرم بولۇش ئەھۋاللىرىنى تۈگىتىش، ئاندىن كېيىن رەسمىي ھالدا گىپنوزلۇق تېخنىكىسى ئارقىلىق بىمارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشىنىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىش.
بۇ ئاخىرقى قوللىنىلىدىغان يانداشما ئۇسۇل بولۇپ، بۇنىڭدا بىمارنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلاردا ئېنىقلانغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە ئەھۋالىغا ئاساسەن، نىرۋا، قان-تومۇر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى پىسخىك تەڭپۇڭسىزلىققا سەۋەپ بولىدىغان بىر قىسىم ئامىللارغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 717 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01