ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

برۇتۇس نېمىشقا رىم ئىمپىراتورى ئىمپېراتور قەيسەرنى ئۆلتۈرگەن؟

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    برۇتۇس نېمىشقا رىم ئىمپىراتورى ئىمپېراتور قەيسەرنى ئۆلتۈرگەن؟ غەرب تارىخچىلىرى ئەسەرلىرىدە كائېسار، مەشرىق تارىخچىلىرى ئەسەرلىرىدە قەيسەر، دېيىلگەن رىم ئىمپېراتورى كائېسار (قەيسەر) ئۈچۈن سانسىز مەدھىيەلەر ياغدۇرۇلغان، تارىخچىلار ئۇنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالغۇچى، دەپ تەرپلەيدۇ، نۇرغۇن پادشاھلار ئۆزلىرىنى شۇ نام بىلەن ئاتاشنى ياخشى كۆرۈدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھازىرغا قەدەر سىر بولۇپ كەلمەكتە.

    ئۇنىڭ ئوغلى راستتىنلا قەيسەرنى ئۆلتۈرۈش قەستىگە قاتناشقانمۇ؟ شېكىسپىر ئۆزىنىڭ «جۇلىئۇس كائېسار» ناملىق تراگېدىيىسىدە برۇتۇسنى «مانا بۇ ھەقىقىي ئەركەك» دەپ مەدھىيەلەيدۇ. برۇتۇس مىش-مىشلەردىكى ئىمپېراتور قەيسەر (كائېسار) بىلەن سېرۋىلىيەنىڭ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى بولۇپ، ئېيتىلىشىچە ئۇ قەيسەرنى ئۆلتۈرۈش قەستىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ يەردە ئاۋال مەشرىق خەلقلىرىدە «كائېسار» نىڭ «قەيسەر» نامىدا ئاتىلىدىغىنى ئۈچۈن شۇنداق ئاتاش ھەققىدە ئەسلەتمە بېرىش بىلەن بىللە برۇتۇس ھەققىدىكى يەنە بىر قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئۆتسەك ئارتۇقلۇق قىلماس. برۇتۇس مىلادىدىن بۇرۇنقى 85-يىلى رىمدا تۇغۇلغان، 42-يىلى ئۆلگەن بولۇپ، قەدىمقى رىم سىياسىيئونى، جۇمھۇرىيەتچى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. مىش-مىشلەردە، ئۇنىڭ ئەجدادى پادشاھ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ جۇمھۇرىيەت قۇرغۇچى مەشھۇر ليۇسىئۇس يۇنىئۇس برۇتۇ ئىمىش.
    قەيسەر بىلەن پومىپېئىس «ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان مەزگىلدە، ئۇ پومىپېئىسنى قوللىغان. فارسالۇس ئۇرۇشى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 48-يىلى) دىن كېيىن قەيسەرنىڭ ئەپۇسىغا ئېرىشىپ، دوست بولغان. 46-يىلى گاللىيەنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 44-يىلى شەھەر باشلىقى بولغان. ئۇ قەيسەرنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارىشى تۇرۇپ، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتى تۈزۈلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان. 44-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى كاسسىئۇس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ پومپېئىسنىڭ سىنات سارىيىدا (ئاقىللار سارىيى) قەيسەرنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان. قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىن كېيىن كاسسىئۇس قاتارلىقلار بىلەن يۇنانغا قېچىپ بېرىپ قەيسەرپەرەستلەرگە قارىشى تۇرۇشقا ھازىرلانغان. 42-يىلى ماكېدونىيەدىكى ئۇرۇشتا (فىلىپپى ئۇرۇشىدا) ئوكتاۋىئۇس-ئانتونىئۇس بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. مىش-مىشلەردە خېلى نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغىنى پەقەت سىسېرىئو بىلەن يېزىشقان مەكتۇپلىرىدىنلا ئىبارەت.

     قەيسەرنىڭ ئۆلۈمى راستتىنلا بۇرۇتۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ برۇتۇسنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشىدە قانداق سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇراستتىنلا ئاتىسى قەيسەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقانمۇ؟
    44-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى پومپېئىسنىڭ سىنات سارىيىدا، قەستلىگۈچىلەر قەيسەرگە خەنجەر ئۇرغاندا، برۇتۇسمۇ قەيسەرگە بىر خەنجەر سانجىغان. قەيسەر ئۆز ھىماتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈيقەستچىلەرگە قارىشى جان تىكىپ ئېلىشقان، ھالبۇكى، شۇ دەۋرنىڭ ئەركىسى بولمىش قەيسەر برۇتۇسنىڭ قولىغا خەنجەر ئېلىپ ئۆزىگە ئېتىلغىنىنى كۆرگەن چېغىدا، ھېچنېمە دېمەستىن پەرىجىسى بىلەن بېشىنى ئورىۋېلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچكەن. بۇ ھەقتە بەزى تارىخچىلار، يازغۇچىلار «بۇرۇتۇس قەيسەرگە خەنجەر ئۇرغاندا، قەيسەر گرېك تىلىدا ئۇنىڭغا ‹بۇ سەنمىدىڭ؟ مېنىڭ ئاق كۆڭۈل ئوغلۇم، بۇ سەنمۇ؟› دېگىنىچە جىم تۇرۇپ بەرگەن. دېمەك، قەيسەر بۇرۇتۇسنىڭ خەنجىرىگە تېنىنى تۇتۇپ بەرگەندىمۇ يەنىلا ئۇنى ئۆز ئوغلۇم، دەپ قارىغان» دەپ يازىدۇ. قەيسەر بىلەن برۇتۇسقا تەرجىمىھال يازغان پرۇتاك دەل مۇشۇ تەسىرلىك پاكتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «قەيسەر سېرۋىلىيەنى ياخشى كۆرۈپلا قالماستىن بەلكى برۇتۇسنىمۇ جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى، گەرچە برۇتۇس ئۇنىڭ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى بولسىمۇ» دەپ يازىدۇ.
    پرۇتاكنىڭ قارىشىدا، قەيسەرنىڭ ئۆزىگە قەست قىلغان ئوغلىغا قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىشى دەل مۇشۇ مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىدىن بولغان. ھالبۇكى، دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر دەۋرنىڭ ئەركىسى بولمىش قەيسەر ئەشەددىي دۈشمىنى پومپېئىس بىلەن ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى تالىشىش كۈرىشىدە ئىچكىي ئۇرۇش قوزغىغاندا، قەيسەرنىڭ ئاشۇ ئامراق ئوغلىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى تەرەپتە تۇرۇشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئۆزىگە قەستى جان ئەيلىگەن ئوغلىغا قىلچە نەپرەتلەنمىگەن قەيسەر 2000 يىل مابەينىدە كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا قەيسەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى پومپېئىس بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا، پومپېئىس تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەن برۇتۇسنى قاتتىق ئاسراپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇرۇشتا برۇتۇسقا قول سالماسلىق، ناۋادا برۇتۇس تەسلىم بولسا ئۇنىڭغا ئەدەب-ئېكرام بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئەگەر تەسلىم بولماي قارشىلىق كۆرسەتسە، مەيلىگە قويۇپ بېرىش، ئومۇمەن برۇتۇسقا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. بۇ ھەقتە پرۇتاك «قەيسەرنى دۇنيا بويىچە ئەڭ رەھىمدىل ئادەم دېيىشكە ھەقلىقمىز. ئەگەر برۇتۇس خالىغىنىدا، ئۇ ھەتتا قەيسەرنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولالايتتى» دەيدۇ. بۇرۇتۇس نېمە ئۈچۈن قەيسەرگە قەستى جان ئەيلەپ ئۇنى ئۆلۈم يولىغا قىستايدۇ؟ بەزىلەر بۇرۇتۇس كاسسىئۇس بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر مەسلىكىدە بولغان، ھالبۇكى قەيسەر بولسا مۇستەبىت پادشاھلىق تۈزۈمى تەرەپدارى بولغان، شۇڭا ئۇ قەيسەر بىلەن ئوخشاشمىغان مەسلەك تەرەپدارلىرىدىن بولۇپ قالغان، دەپ قارايدۇ.
    مۇشۇ نۇقتىدىن بولسا كېرەك، شېكىسپىر ئۆزى ياشىغان زاماندىن ھازىرغا قەدەر ئىلغار، دەپ قارالغان جۇمھۇرىيەتچىلىك مەسلىكى ئۈچۈن ئۆزنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسىنى ئۆلتۈرۈشكە رازى بولغان برۇتۇسنى ھەقىقىي ئەركەك، دەيدۇ. بۇنىڭغا برۇتۇسنىڭ«دۆلەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جان بېرىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز!» دېگەن چاقىرىقى ئىسپات بولغان بولسا كېرەك. نۇرغۇن پاكىتلار ئىسپاتلىغانكى، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بۇرۇتۇسنىڭ ئۆز مەسلىكى يۈزىسىدىن ئىمپېراتور قەيسەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى چېكىگە يەتكەن. ئۇنىڭ قارىشىدا، قەيسەر زالىم پادشاھلارنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. «ھەقىقىي ئەركەك» بولۇش سۈپىتىدە برۇتۇس زالىم پادشاھنى ئۆلتۈرۈپ ئەلنى تىنچلاندۇرۇش بۇرچۇمدۇر، دەپ قارىغان-دە، قەيسەرنى ئۆلتۈرۈشنى ھەققانىي ھەرىكەت، دەپ بىلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ پەقەت تارىخچى پرۇتاكنىڭ سۇبيېكتىپ خۇلاسىسى، قەيسەرنىڭ زادى كىم تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىرغا قەدەر تارىخچىلار، قەيسەرشۇناسلار، برۇتۇسشۇناسلار بۇ ھەقتە ئىزدەنمەكتە. قەيسەر ئوغلى قەست قىلغىدەك قانداق ئادەم ئىدى؟ جۇلىئۇس كائېسارنى مەشرىق خەلقلىرى «قەيسەر» دەپ ئاتىغاچقا بىزمۇ ئۇنى «قەيسەر» نامىدا ئاتاۋېرەيلى.
   قەيسەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 100-يىلى تۇغۇلۇپ. 44-يىلى ئۆلگەن رىم سەركەردىسى، سىياسىيئونى، ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياشلىقىدا ئاددىي پۇقرالار بىلەن قويۇق ئارىلاشقان ۋە ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ سۇللا تەرەپدارلىرىغا ئۆكتىچى بولغان. كاتېلىننا سۈيقەستىگە قاتناشقانلىقى مەلۇم. 62-يىلى باش سودىيەلىككە تەيىنلەنگەن. 61-يىلى ئىسپانىيەگە گوبېرناتور بولۇپ تەيىنلەنگەن. 60-يىلى پومىپېئىس ۋە كراسۇلار بىلەن بىرلىشىپ «ئالدىنقى ئۈچلەر» ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. 59-يىلى كونسۇل بولۇپ سايلانغان. 58-يىلى جەنۇبىي گاللىيەنىڭ گوبېرناتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن ھەمدە تەسىر دائىرىسىنى شىمالىي گاللىيە (پۈتكۈل فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق جايلار) گىچە كېڭەيتكەن. سەككىز يىل ئىچىدە پۈتكۈل گاللىيە رايونىنى بويسۇندۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرگەن، نۇرغۇن قۇل ۋە ھېسابسىز بايلىقلارنى بۇلاپ رىمغا ماڭدۇرغان.
    بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى قاتتىق زورىيىپ، ھۆرمەت-ئابرويى قالتىس ئۆسكەن. 55-يىلىدىن 53-يىلىغىچە رېيىن دەرياسىدىن ئۆتۈپ گېرمانلارغا ھۇجۇم قىلغان. 55-يىلىدىن 54-يىلىغىچە دېڭىزدىن ئۆتۈپ برىتانىيەگە ھۇجۇم قىلغان. كراسۇ ئارساكقا جازا يۈرۈشى قوزغاپ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن كراسۇنىڭ ئەسكىرىي ھوقۇقىنى بىكار قىلغان. 49-يىلى شىمالىي ئىتالىيەدىكى دۇبكۇن دەرياسىدىن ئۆتۈپ رىمنى ئىشغال قىلغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى پومپېئىس كۆپ ساندىكى سىناتلارنى (ئاقىللار) باشلاپ يۇنانغا قېچىپ كەتكەن. 48-يىلى فارسالۇ ئۇرۇشىدا نۇسرەت قازىنىپ پومپېئىسنى قوغلاپ مىسىرغا كىرگەن ھەم پومپېئىسنى ئۆلتۈرگەن. مىسىردىكى پېتولېمىي (تولېمىي) خاندانلىقىنىڭ ئىچكىي نىزالىرىغا ئارىلىشىپ، تەڭداشسىز گۈزەل كلېئوپاترا VII نى مىسىر پادشاھلىقىغا تىكلىگەن. 47-يىلى كىچىك ئاسىياغا كېلىپ فاناسېسلار قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئارقىدىن شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىدە پومپېئىسنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، زەپە قۇچۇپ رىمغا قايتىپ كەلگەن. 45-يىلى سىنات ئۇنى ئەبەدىي ئىستېبدات، دەپ جاكارلىغان.
   بەش يىل كونسۇل بولۇش داۋامىدا ئاداققىي ۋاسىي، ئالىي گېنېرال، بۈيۈك ئۇستاز دېگەن شەرەپكە ئىگە بولۇپ، «ئەل ئاتىسى» دېگەن پەخرىي نامغا ئېرىشىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەربىي ئىستېبداتقا ئايلانغان. ئەسلىدە پۇقرالار سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان سىناتلارنى تەيىنلەش ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، پۇقرالار مەجلىسىنى ئىسمى بار جىسمى يوق قۇرۇق نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئىتالىيە ۋە باشقا جايلاردىكى 80 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن كونا ھەربىيلەرگە يەر بولۈپ بېرىپ، ھەربىيلەرنىڭ جاسارىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەربىيلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە جەنۇبىي گاللىيە، ئىسپانىيەدىكى يۇقىرى قاتلام زاتلىرىغا رىمنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنى بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ زور قوللاشقا ئېرىشكەن. ئۇ رىمدا غايەت زور رىم كۇتۇپخانىسىنى سالدۇرغان. مەيدان، ئىبادەتخانا ۋە تىياتىرخانىلارنى كۆپلەپ سالدۇرغان. مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە (ئالېكساندىرىيە) شەھىرىدىن نۇرغۇن ئاسترونومىيە ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ رىمنىڭ تۇنجى قۇياش كالېندارى ـــ «جۇلىئۇس كالېندارى»نى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ قاتتىق قول دېكتاتۇرىسى سىناتتىكى بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىل ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن 44-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆزىنىڭ نىكاھسىز تاپقان ئوغلى برۇتۇس قاتارلىقلار تەرىپىدىن پىلانلانغان سۈيقەستتە ئۆلتۈرۈلگەن. تارىختا قەيسەرنىڭ «گاللىيىدىكى ئۇرۇش»، «ئىچكى ئۇرۇش» قاتارلىق تەۋەرۈك ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، ئاددىيلىقى بىلەن لاتىن تىلىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ قالغان. «كائېسار» دېگەن نام كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كېيىنچە رىم ۋە غەرب ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئەمەل نامىغا ئايلىنىپ قالغان.

تەرجىمان : دادخاھ

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 630 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01