ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

پىرئەۋىن تۇتانكامون ئۆلۈمىنىڭ سىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

پىرئەۋىن تۇتانكامون ئۆلۈمىنىڭ سىرى

    قەدىمقى مىسىر يېڭى پادشاھلىقى 18-سۇلالىسىنىڭ پىرئەۋىنى تۇتانكامون ھېچقانداق بىر چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان پادىشاھ بولۇپ، 9 يېشىدا تەختكە چىققان، 18 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئۇنىڭ قەبرىسىنى تاپقان ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ كارتېر ئۇنىڭ قەبرىسىدىن ناھايىتى نەپىس ياسالغان ئالتۇن تاۋۇت، ئالتۇن خەنجەر ۋە ئالتۇن نىقابىنى قېزىۋالغان ھەمدە : « بۇ پىرئەۋىننىڭ ئەڭ زور قىممىتى شۇكى، ئۇ ئۆلگەن ھامان دەپىن قىلىۋېتىلگەن » دەيدۇ. تۇتانكاموننىڭ قەبرە يادنامىسىغا « كىمدە-كىم پىرئەۋىننىڭ ئارامىغا دەخلى قىلسا ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ئۆلۈمدۇر » دېگەن خەت ئويۇلغان.
    تالاي يىللاردىن بېرى كىنو فىلىملىرى ۋە رومانلاردا قەبرە يادنامىسىغا ئويۇلغان بۇ سۆز « پىر ئەۋىننىڭ ئەپسۇنى » دەپ تەرغىب قىلىنىپ زىيادە سىرلىقلاشتۇرۇۋېتىلىپ. قەبرە ئوغرىلىرى، ئارخېئولوگلار ۋە سەيياھلارنى ساراسىمىگە سېلىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىسىر ئارخېئولوگلىرى بۇ « ئەپسۇن » غا قاپيۈرەكلىك بىلەن جەڭ ئېلان قىلىپ، زامانىۋىي تېخنىكا ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ پىرئەۋىننىڭ جەسىدىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، 3300 يىل بۇرۇنقى پىر ئەۋىن تۇتانكامون ئۆلۈمىنىڭ سىرىنى يېشىپ تۇتانكامون قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن دىگەن خۇلسىگە كەلدى.
    مىلادىدىن بۇرۇنقى 1336-يىلىدىن 1327-يىلىغىچە مىسىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۇتانكامون قەدىمقى مىسىرنىڭ 18-پىرئەۋىنى. گەرچە مىسىر تارىخىدا بۇ پىرئەۋىننىڭ تىلغا ئالغىدەك ھېچقانداق بىرەر تۆھپىسى بولمىسىمۇ ئەمما ئۇ ئەڭ داڭلىق پىرئەۋىن سانالماقتا.
     1922-يىلى ئەنگلىيىلىك ئارخېئولوگ خوۋارد كارت بىلەن گراف كارل ناۋون تۇتانكاموننىڭ قەبرىسىنى تاپقان. قەبرە يادنامىسىدىكى ئادەمنى قورقىتىدىغان ئاشۇ «ئەپسۇن» ۋە قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان ئالتۇن تاۋۇت، ئالتۇن خەنجەر ۋە ئالتۇن نىقاب قاتارلىق دەپنە بۇيۇملىرى كىشىلەرنى جەلب قىلغاندىن باشقا ياشلا ئۆلۈپ كەتكەن بۇ پىرئەۋىننىڭ ھايات سىرىمۇ كىشىلەرنى بەكرەك قىزىقتۇردى. 18 ياشلىق تۇتانكاموننىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى، ناھايىتى تېزلا دەپىن قىلىۋېتىلىشى، ئارقا مېڭە قىسىمىنىڭ زەخمىلىنىشى ... كىشىلەرنى قىزىقتۇرماي قالمايدۇ. ئەجەبا تۇتانكامون قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنمىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھازىرقى زاماندىكى ئىزدەنگۈچىلەر تارىخنىڭ تۇمان پەردىلىرىنى قايرىۋېتىپ قەدىمقى مىسىرنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئۇرۇنماقتا.
    ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن پارچە-پۇرات يازما خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇتانكاموننىڭ ئاتىسى ئاكېناتون قەدىمقى مىسىرنىڭ داڭلىق «دەھرىي» پىرئەۋىنى بولۇپ، زور ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كۆپ ئىلاھلىق مىسىرلىقلارنى بىر ئىلاھلىق ئېتىقادقا يېتەكلىگەن، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى شۇ چاغدىكى كۆپ سانلىق مىسىرلىقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ ئوغلى تۇتانكامون بەلكىم مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن قەستكە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن. تۇتانكاموننىڭ قەبرىسىدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭ قەبرىسى ھەم تار ھەم كىچىك بولۇپ، ناھايىتى ئالدىراشچىلىقتا دەپنە قىلىۋېتىلگەندەك قىلىدۇ. قەبرىنىڭ ياسىلىشىدىن قارىغاندىمۇ بۇ مەخسۇس ئاقسۆڭەكلەر ئۈچۈن قېزىلغان يەرلىك ئەمەس، بېزىلىشىمۇ ناھايىتى ئاددىي، قەبرە تېمىدىكى تام رەسىملىرى سىزىلىپ بولۇنمىغان ھەم بوياقلار قالايمىقان چېچىۋېتىلگەن، بۇنى ھەتتا پاكىزرەك سۈرتۈپمۇ ئاتمىغان، تۇتانكاموننىڭ دەپنە بۇيۇملىرىمۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك بۇيۇملىرى ئەمەس، چۈنكى ئارخېئولوگلار بۇ بۇيۇملاردىن باشقا ئادەملەرنىڭ ئويۇلغان ئىسمىنى بايقىدى، تۇتانكاموننىڭ نامۇ-شەرىپى بولسا باشقىلارنىڭ ئىسمى ئۆچۈرۈۋېتىلىپ ئاندىن ئويۇلغان، تۇتانكلاموننىڭ موميالانغان جەسىدى باشقا پىرئەۋىنلەرنىڭكىگە ئوخشاش خۇشپۇراق بۇيۇملار بىلەن چىرىشتىن ساقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاتۇرۇلغان بولماستىن بەلكى خۇش پۇراق بۇيۇملار ۋە چىرىشتىن ساقلاش بۇيۇملىرى موميانىڭ ئۈستىگىلا تۆكۈۋېتىلگەن.
    ئەنگلىيە لۋېرپول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 1968-يىلى موميانى X نۇرىدا تەكشۈرۈش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ مېڭە سۆڭىكىدە يۆتكەلگەن ئىز بارلىقى بايقالغان، ئارقا مېڭىسىدە قان ئۇيۇتمىسى بارلىقى بايقالغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى دوكتور خاررىسون : «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنورمال جەسەت ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى، تۇتانكامون ھايات چېغىدا ئۇنىڭ مېڭىسى قاتتىق زەربىدىن زەخملەنگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ زەربە تۇتانكاموننىڭ جېنىنى ئالغان، يەنى تۇتانكامون قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن» دەيدۇ.
   بۇ ھەقتىكى يىپ ئۇچى تەدرىجىي روشەنلەشكەندە، بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىدىكى تۈرلۈك گۇمانلىق نۇقتىلار خۇددى ئەرۋاھتەك لەيلەشكە باشلىغان. تۇتانكاموننى ئۆلتۈرگەن قاتىل تۇتانكاموننى ئۆلتۈرگەن قاتىل زادى كىم؟ تۇتانكاموننىڭ ئۆمرى نېمىشقا شۇنچە قىسقا؟ بۇ سىياسىي قاتىللىق تارىختا قانداق ئىزنالارنى قالدۇرغان؟ خاندانلىقنىڭ تەقدىرىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغان؟ تارىخشۇناس پاۋبو بلۇر پارچە-پۇرات ھۆججەتلەت، ئارخېئولوگىيىلىك تېپىندىلار، قەبرە ۋە موميا قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر تارىخىي ۋەقەنى ئەسلىگە كەلتۈردى، تۇتانكاموندىن ئىبارەت بۇ ئۆمرى كۆتە پىرئەۋىننىڭ ھېكايىسىدىن كىشىلەر ئەينى زاماندىكى مىسىر ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالىشى كۈرىشىنىڭ دەھشەتلىك كارتىنىسىنى كۆرۈۋالالايدۇ.
   3300 يىللار بۇرۇنقى تۇتانكامون دەۋرى مىسىر تارىخىدىكى داۋالغۇزش تولىمۇ كەسكىن بولغان دەۋردۇر. دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى بەسىي مۈشكۈل بولغان، سىياسىي ۋە دىنىي كۈرەش قالايمىقانچىلىقلىرى ئەسلىدىكى مۇكەممەل جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇۋەتكەن، ئوردىدىكى قارا نىيەت چىرىكلەر تەپرىقىبازلىق قىلىپ ھاكىمىيەتكە تەھدىت سالغان دەۋر ئىدى. مۇشۇنداق بىر زاماندا، تۇتانكاموننىڭ گۆدەكلىكى، ئۆزى ۋە ىانىشىنىڭ زىيادە ياشلىقىدىن تېخى ۋەلىئەھد قالدۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىكى مىسىرنى پورۇخ قازىنىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئىبلىس ئاخىر ياش تۇتانكاموننىڭ ھەلقۇمىدىن بوغدى، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.
    ئۇنداقتا تۇتانكاموننى زادى كىم ئۆلتۈردى؟
    بىرىنچى گۇماندار : ھەربىي قوماندان خولانخېب. بۇ قارا نىيەت قوماندان دائىم ياش تۇتانكامونغا جەڭ ھارۋىسى ھەيدەشنى، ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگىتەتتى، بۇ پائالىيەتلەردە بىر قېتىملىق «تەساددىپىي ھادىسە» كەلتۈرۈپ چىقىرىش قىيىن ئەمەس. ناۋادا تۇتانكامون ھەقىقەتەن يولدا ئۆلگەن بولسا، جەسەت خلانخېب ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن سېسىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، موميا قاتۇرۇش داۋامىدىكى خۇشپۇراق بۇيۇمنىڭ مومياغا تۆكۈۋېتىلىشىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. خولانخېبنىڭ مەقسىتى ئاخىرقى ھېسابتا تەختنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىدىكى ھەربىي قوماندانلىق ھوقۇقى تولىمۇ قولايلىق بىر ئامىلدۇر.
    ئىككىنچى گۇماندار: تۇتانكاموننىڭ خوتۇنى، يەنى خانىش ئانكسېننامون. ئۇنىڭ مەقسىتى تەخت تارتىۋېلىش ياكى بىرەر ۋارس تېپىش بولسا كېرەك. تۇتانكاموننىڭ قەبرىسىدىن ئىككى بوۋاقنىڭ مومياسى بايقالدى، ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق بۇنىڭ تۇتانكامون بىلەن خانىشنىڭ قىزلىرى ئىكەنلىكى، بوۋاق بالدۇر تۇغۇلغان ياكى ئۆلۈك تۇغۇلغان بولۇش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ناۋادا تۇتانكاموننىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى بولمىغان بولسا، ئانكسېنناموننىڭ تۇتانكاموندىن ئاجرىشىپ باشقا ئەر بىلەن توي قىلىش مۇمكىنلىكىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمىدى.
    ئۈچىنچى گۇماندار: ۋەزىر ئاي. ئاي تۇتانكاموننىڭ خان ئاتىسى ھايات ۋاقتىدىلا ۋەزىر ئىدى. كېيىن ئاي 9 ياشلىق تۇتانكامونغا ھامىيلىق قىلىپ تەختكە ئولتۇرغۇزغان، ئەمما ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ، پەردە ئارقىسىدا قوماندانلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇتانكامونمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىشەنگەن. ئاينىڭ قاتىللىق قىلىشى بەلكىم پىرئەۋىنلىك تەختىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇشى مۇمكىن، دېمىسىمۇ تۇتانكامون ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ تەختكە ئولتۇرۇپ پىرئەۋىن بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇتانكاموننىڭ قەبرى تېمىدا ئاينىڭ تۇتانكاموننىڭ دەپنە مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان رەسىمى سىزىلغان، ھالبۇكى، بۇ مۇراسىمغا قوماندانلىق قىلغۇچى چوقۇم پىرئەۋىننىڭ ۋارىس نامزاتى بولۇشى كېرەك.
    سىرنىڭ يەنە بىر يەشمىسى: تۇتانكامون قەستلەنمىگەن. كېيىنچە مۇتەخەسىسلەر تۇتانكاموننىڭ مومياسىنى CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەن، نەتىجىدە تۇتانكاموننىڭ ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىمىغانلىقى ئېنىقلانغان. ئەمما قەدىمقى مىسىر تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى نوپۇزلۇق ئالىملار بۇ نەتىجىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى قۇۋۋەتلەشكەن. بېرلىن براندېنبۇرگ پەن ئىنىستىتۇتى بىلەن ئىنسانشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىكى مەخسۇس تۇتانكامون تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسىسلەر : «ھەرقانداق ئادەم قىياس قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىرەر ئىسپات بۇ قىياسلارنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى» دەيدۇ.
   بۇ سىرنى يېشىش ئۈچۈن، مىسىر ئارخېئولوگىيە مىنىسترلىكى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئالاھىدە ئۈسكۈنە سەپلەنگەن ماشىنا ئارقىلىق پىرئەۋىنلەر جىلغىسىدىن تۇتانكاموننىڭ مومياسىنى يۆتكەپ چىقىپ، ئىلغار ئەسۋابلار بىلەن موميانى تەكشۈرۈپ، باش سۆڭىكىنى سۈرەتكە ئېلىپ تۇتانكامون ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سىرىنى تاپماقچى بولدى. نەتىجىدە بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى 3300 يىل بۇرۇنقى بۇ ياش پىرئەۋىننىڭ قەستلەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى. قىسقىغىنە 15 مىنۇتلۇق CT فىلىمىدىن تەتقىقاتچىلار موميانىڭ بارلىق سۆڭەكلىردىن 1700 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تارتىپ، ھايات چاغدىكى تۇتانكاموننىڭ ناھايىتى ئورۇق ئەمما تولىمۇ ساغلام ئىكەنلىكىنى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئالامىتىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى، كالپۇكىنىڭ سەل يېرىق ئىكەنلىكىنى، مېڭە سۆڭىكىنىڭ زەربىگە ئۇچراش ئالامىتى بايقالمىغانلىقىنى تەھقىقلىدى. ئەمما تۇتانكامون ئۆلۈمى ئۈستىدىكى تەتقىقات ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

    تەرجىمان : دادخاھ

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 802 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01