سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتى

    18 ـ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىجتىمائىي زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈزلىشىپ، بۇرژۇارىيىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىر خىل قايغۇ ـ ھەسرەت كەيپىياتى بارلىققا كەلگەن، بۇ كەيپىتات ئەنگلىيىدىكى ئاقارتىش ھەرىكىتىدە ئەكس ئېتىپ، سېنتىمېنتالىزم ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە سېنتىمېنتالىزمغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يازغۇچى لاۋرېنس ستېرنې  . (1723ـ 1768) «سېنتىمېنتالىزم» ئاتالغۇسى ئۇنىڭ «قايغۇ ـ ھەسرەتلىك ساياھەت» ناملىق كىتابىدىن كېلىپ چىققان.
     «قايغۇ ـ ھەسرەتلىك ساياھەت» ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى تولىمۇ ئۆزگىچە. ئۇ رومان دەپ ئاتالغىنى بىلەن، ئۇنىڭدا ۋەقەلىك يوق، مەركىزىي ۋەقەمۇ يوق، ئۇنىڭدا شېكىسپېرنىڭ «ھاملېت»ناملىق ئەسىردىكى يورىك باش قەھرىمان قىلىنغان، ئاپتورنىڭ فرانسىيە، ئىتالىيىلەردىكى ساياھىتى داۋامىدا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرى تېما قىلىنغان. ئەمما، ئۇنىڭدا ئەدەتتىكى ساياھەت خاتىرىلىرىدەك بەلگىلىك يىپ ئۇچى ياكى تەرتىپ بويىچە ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ئىشلار بايان قىلىنمىغان ياكى تەنقىد قىلىنمىغان. ئاپتور بۇ كىتابتا باش قەھرىماننىڭ ئۇششاق ـ چۈششۈك ئىشلاردىن تۇغۇلغان ھەربىر نازۇك تۇيغۇسىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەشكىلا كۈچ سەرپ قىلغان، ئاشۇ تۇيغۇلار بىلەن مۇنداق تۇيغۇ قوزغان ئوتتۇرىسىدىكى مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىختىيارسىز پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە قىزىققان. ئاپتور يورىكنى نېرۋىسى ھەددىدىن ئارتۇق سېزىمچانلىشىپ كەتكەن، ھېسسىياتىدا ئاسانلا داۋالغۇش بولىدىغان ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. ئاپتور ئۇنىڭ تول بويىدا چەيلىۋېتىلگەن گۈلنى كۆرگەن چاغدا كۆڭلىنىڭ قانداق قايغۇ ـ ھەسرەتكە چۆمگەنلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ، شۇنىداقلا ئۇنىڭ فرانسىس ئوردېرى راھىبىغا تۇتقان قوپال پوزىتسىيىسىگە قەلبى بىئارام بولغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ قانداقلىكى ئىشقا دۇچ كەلسە، كۆز يېشى قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ مۇنداق خاراكتېرىنى «ئوماق سەزگۈرلۈك»دەپ ئاتايدۇ، بۇنى «بارلىق قىممەتلىك شادلىق ھېسسىياتى ۋە بىرزنىڭ بارلىق ئالىيجاناپ قايغۇ ـ ئەلەم كەيپىياتىمىزنىڭ پۈتمەس ـ تۈگمەس مەنبەسى»دەيدۇ. «قايغۇ ـ ھەسرەتلىك ساياھەت»تىكى بۇ ئالاھىدىلىك سېنتىمېنتالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ـ ھېسسىياتقا يۈزلىنىش، پېرسوناژلارنىڭ كۆڭلىدىكى تەسىراتىنى ئىنچىكە ۋە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەش، ئەقىلنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتنى تەنقىد قىلىش قورالى سۈپىتىدە ھۋسسىيات ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى قويۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
     ستېرنى «قايغۇ ـ ھەسرەتلىك ساياھەت» تە يۈرىكنىڭ قەلبىدىكى ئاق كۆڭۈللۈك، خەيرخاھلىق ۋە تەبىئىيلىككە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھېسسىياتنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى ياسالمىلىق ۋە يۈرەك قېتىدىكى شەخسىيەتچىلىكنىمۇ ئېچىپ بەرگەن. ستېرنى ئىنسانلاردىكى نەپسانىيەتچىلىكنى تۇغۇلۇشىدىنلا پەيدا بولغان، دەپ قارايدۇ. ئاپتور يورىكنىڭ باشقىلارنىڭ لومباردى تۈرمىسى توغرىسىدا قىلغان گېپىنى ئاڭلىغان چاغدا، قەپەسنى بىتچىت قىلىپ، كۆك قاغىنى قويۇۋەتمەكچى بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇنداق روھىي ھالەت پائالىيىتى يۈزە قارىغاندا، ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان بىر خىل ئالىيجاناپ ھېسسىياتتەك كۆرۈنىدۇ، ۋەھالەنكى، ئاپتور ئۇنىڭدىن مۇنداق ھېسسىياتنىڭ، ئاساسلىقى ئۆزى پاسپورتقا ئېرىشەلمەي، باستىلىيە تۈرمىسىگە كىرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاپتور ئىنسانلاردىكى ئالىيجاناپ مۇددىئا ۋە ئىش ھەرىكەتنى ئىپادىلەش ۋاقتىدا، كۆپىنچە ئادەملەردىكى تاسادىپىي ھاياجانلىنىپ كېتىش ۋە شەىسىيەتچىلىك تەرىپىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىنسانلار قەلب دۇنياسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە قاتمۇقاتلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
    سىتېرنېنىڭ «قايغۇ ـ ھەسرەتلىك ساياھەت» ۋە «شاندى تەزكىرىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئەدەبىياتى تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە، ياۋروپادىكى ئاقارتىش يازغۇچىلىرى ئىچىدە بىرمۇنچىسى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ستېرنېنىڭ ئىجادىيىتى روماننى مەزمۇن ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە يېڭى بۆسۈشكە ئىگە قىلغان، يەنى پېرسوناژلارنىڭ مول ۋە مۇرەككەپ تەسىراتى ھەم ھېسسىياتى، بولۇپمۇ زامان تەرتىپى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئاڭسىز يادىغا كەلتۈرۈشلەر جانلىق، ھەقىقىي كۆرسىتىپ بېرىلگەن. مانا بۇلار 20 ـ ئەسىر رومانچىلىقىدىكى «ئاڭ ئېقىمى» ئۇسۇلىغا يول ئېچىپ بەرگەن.

[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-25 8:56:52]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 322 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01