سەرگەردانلار ھېكايىلىرى=Vagabond Literature

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

سەرگەردانلار ھېكايىلىرى=Vagabond Literature

    سەرگەردانلار ھېكايىلىرى ئەڭ دەسلەپ 16 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىسپانىيىدە مەيدانغا كەلگەن. مورلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىسپانىيە پەيدىنپەي بىرلىككە كەلدى. ئىقتىسادنىڭ مورلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى رولىنى چۈشەنگەن.  كاپىتالىستىك سودا ـ سانائەت پادىشاھلىق ھۆكۈمەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن گۈللەنگەن، شەھەرلەر تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن شەھەرلەردىكى تۆۋەن تەبىقە خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يېڭى ئەدەبىي ژانىر سەرگەردانلار ھېكايىلىرى مەيدانغا كەلگەن. سەرگەردانلار ھېكايىلىرىنىڭ باش قەھرىمانلىرى ئادەتتە جەمئىيەتىكى بەختسىزلەر، ئىشسىزلار ئىدى. بۇ ئەسەرلەردە ھەمىشە ئۇلارنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، بىرىنچى شەخس تىلى بىلەن باش قەھرىماننىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىناتتى، شەخسنىڭ ئىدىيىۋى ئېڭى بىلەن كەڭ ئىجتىمائىي مۇھىت بىرلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي ھادىشىلەر ئۆكزىتىلەتتى، ئۇلارغا باھا بېرىلەتتى ۋە مەسخىرە قىلىناتتى. سەرگەردانلار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ھەربىر ھېكايە قانلىق ۋە يۇمۇرىستىك تس بىلەن تولغان بىر خقتىمائىي ئۆرپ ـ ئادەت رەسىمى ئىدى.
    ياۋروپا ئەدەبىيات تارىخىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان تۇنجى سەرگەردانلار ھېكايىسى 1554 ـ يىلى ئىسپانىيىدە مەيدانغا كەلگەن «تازچاق»بولدى. ئەسەردە باش قەھرىمان تازچاقنىڭ بىر يېتىم بالىدىن قارىغۇ تىلەمچىلەرنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولغانلىقى، ئاخىرى بىر ھاللىق ئائىلىنىڭ ئىگىسى بولغانلىقىدىن ئىبارەت سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان. ئىڭدا مۇناخ ـ روھانىيلارنىڭ ئالدامچىلىقى،پىخسىقلىقى، ئاچكۆزلۈكى، ساختىلىقى ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، شۆھرەتپەرەسلىكى مەسخىرە قىلىنىپ، ئىسپانىيە جەمئىيىتىدىكى رەزىل ھادىشىلەر پاش قىلىنغان.
    سەرگەردانلار ھېكايىلىرىنىڭ باش قەھرىمانلىرى تۇرمۇشقا ھەمىشە پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىگە تايىنىپ ياشاشقا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. تازچاق ئۆزىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەر خىل ئالدامچىلىق، قۇۋلۇق ۋاستىلىرى بىلەن يېمەكلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. قارىغۇ تىلەمچىنىڭ زىيانكەشلىك قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، قارىغۇ تىلەمچىنى تاشلىۋېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى تاش تۈۋرۈككە ئۈستۈرۈپ ئاغزى ـ بۇرنىنى قان قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا قىلچىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ. ئۇ ئايالى بىلەن پوپنىڭ زىنا قىلىشىغا يول قويۇپ بېرىپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، يەنە ئۆزىچە بۇنىڭ بىلەن ئۆز كۆڭلىنى  خۇش قىلىدۇ. بۇ ئوبيېكتىپ جەھەتتە رېئال جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش كاپالىتىنى تارتىۋېلىپلا قالماي، يەنە مەنىۋى جەھەتتە ئۇلارنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
     سەرگەردانلار ھېكايىچىلىقى ياۋروپا ئەدەبىيات تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گەرچە بۇ ھېكايىلەردە باش قەھرىماننىڭ خاراكتېرى يەنىمۇ تەرەققىي قىلالمىغان، ۋەقەلىكلەر ئارىسىدا ئورگانىك باغلىنىشلار كەم بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنى ھەقىقىي ھالدا ئەكس ئەتتۈرىدىغان، باش قەھرىماننىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى ئارقىلىق كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ھادىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە باغلايدىغان ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە بەدىئىي قۇرۇلما 18 ـ ۋە 19 ـ ئەسىردىكى يازغۇچىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارغا ئىلھام بەرگەن.ئەنگلىيىنىڭ 18 ـ ئەسىردىكى مەشھۇر ھېكايىچىلىرى دېفو، فيېلدىڭ، سىۋىفتلار سەرگەردانلار ھېكايىلىرىدىن كۆپ مەنپەئەت ئالغان. شېكىسپېرنىڭ «بىھۇدە ئاۋارىچىلىك»ناملىق درامىسى ۋە موللېرنىڭ «ئارتىسنىڭ ئارزۇسى»ناملىق درامىلىرىدا «تازچاق»نىڭ ۋەقەلىكى قوللىنىلغان ياكى ئۇ تىلغا ئېلىنغان. بۇلار سەرگەردانلار ھېكايىلىرىنىڭ ياۋروپادا ناھايىتى كەڭ تەسىر قوزغىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-25 8:56:26]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 413 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01