يۇنان ئەپسانلىر ى=Legend of Hellen

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    يۇنان ئەپسانىلىرى غەرپ دۇنياسىدىكى ئۈچ ئاساسلىق دىنى ئەپسانىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، غەرپ ئەدەبىياتىدا كەڭ تۈردە پايدىلىنىلىدۇ، يۇنان ئەپسانىلىرىنىڭ تەركىۋىدىكى بەزى ھىكايىلەر، يەنى پاندورا قۇتىسى، ئالتۇن يۇڭلۇق قوي، ۋىناس، زېۋىس، ترويا ئۇرۇشى قاتارلىقلاردىكى ئوبرازلار ئاللىبۇرۇنلا تۇراقلىق ئىبارە سۈپىتىدە غەرپ ئەدەبىياتىدا كۆپ قوللىنىلىدۇ. ۋەقەلىك ۋە  ئىپتىدائى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە پەيدا بولغان بولۇپ، قەدىمكى خەلقلەرنىڭ كوللېكتىپ تۇرمۇشىدا راۋاج تاپقان. ئۇنىڭدا «ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بالىلىق دەۋرى» دىكى دۇنيا قارىشى ۋە ئىپتىدائى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ دۇنيا ئەپسانىلىرى ئىچىدە ئەڭ  مۇكەممەل ساقلانغان ئەپسانىلەرنىڭ  بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى توۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن ئىبارەت:
    ئۇنىڭدا ئىپتىدائى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى تارىخىي قىياپەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسلەن، ئانا ـ بالىنىڭ توي قىلىشى ھەققىدىكى ۋەقەلەر، كرونوسنىڭ ئاچىسى رويا بىلەن نىكاھلانغانلىقى ۋە تۇغۇلغان بالىلىرىنى يەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلەر سۆزلەنگەن، بۇلار جاھالەت دەۋرىدىكى ئۇرۇق ـ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنىڭ ئىزلىرىنى روشەن ھالدائەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما، لىبىيە پادىشاھى داۋۇسنىڭ 50 قىزىنى ئۆز ئاكىسىنىڭ 50 ئوغلىغا بېرىشنى خالىمىغانلىقتىن تەختنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەپسانىدىن توپلىشىپ نىكاھلىنىشنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئودىپۇس ھەققىدىكى ئەپساندە ئانا ـ بالىنىڭ نىكاھلىنىشى زىناخورلۇققا ياتىدىغان ئېغىر گۇناھ دەپ قارالغان، بۇ يۇنان جەمئىيىتىنىڭ ئاڭسىزلىق، جاھالەت دەۋرىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ككرسىتىپ بېرىدۇ. ئورۇيستىسىنىڭ دادسىىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانىسنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ ئىلاھلار تەرىپىدىن كەچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ۋەقەلىكتە جەمئىيەتنىڭ ئانىلىق ھوقۇقچىلىقىدىن ئاتىلىق ھوقۇقچىلىقىغا ئۆتكەنلىكىنىڭ ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تەڭرىلەر پادىشاھى زېۋىس ھەققىدىكى ھېكايىلەر ئاتىلىق ئائىلە باشلىقلىق تۈزۈمى )كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( شەكلىنىڭ روشەن ئىنكاسىدۇر. يۇقىرىقى مىساللار قەدىمكى يۇنان جەمئىيىتى جەمەت تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىرىش، تەرەققىيات ئىزلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    بۇ ئەپسانىلەردە يەنە قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە ئىجادكارانە ئەمگىكى مەدھىيىلەنگەن. مەسلەن، ھاراق ئىلاھى دىئېنسوس ۋە دېڭىز قاراقچىلىرى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەردە، قەدىمكى يۇنان خەلقلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ماھىرلىرىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. توكۇر زەرگەرچىلىك ئىلاھى ھىھويتوسنىڭ ئولىمپىس ئىلاھى تېغىدا ئىلاھلارغا ھەشەمەتلىك ۋە ئاجايىپ كۆركەم ئالتۇن ساراي سېلىپ بەرگەنلىكى، يۇنان قەھرىمانى ئاكادىيوسقا ئاجايىپ ئېسىل قالغان ياساپ بەرگەنلىكى، ئەيتىرا دۇكىنىدا كۈمۈشتىن ئۆزى ماڭىدىغان ئىككى قىزنىڭ ھەيكىلىنى ياسىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەر، دەيدالوس ۋە ئىكاروس ئاتا ـ بالىلارنىڭ سنوس پادىشاھقا سىرلىق ئوردا سېلىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەپسانىلەر ماھىر، ئۇستا، چېۋەر ھۈنەرۋەنلەرگە بولغان قىزغىن مەدھىيىدۇر.
    ئۇنىڭدا ئىپتىدائى جەمئىيەتتىكى يۇنانلىقلارنىڭ ئاسمان ـ زېمىن، كۈن، ئاي، كېچە ـ كۈندۈز، تۆت پەسىل ۋە بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىشىغا دائىر تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىدىكى چۈشەنچىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەسىلەن، ئالەمنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى ئەپسانىدە، قاراڭغۇلۇق ئىلاھى بىلەن نىكھلانغاندىن كېيىن 12نى تۇغقانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. تېرىقچىلىق ئىلاھەسى دېمېتىر ۋە ئۇنىڭ قىزى پۇسفىننى توغرىسىدىكى ئەپسانىدە، پۇسافىننىڭ پىلوتون پادىشاھى ھادىس تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ھەممە يەردە ئۇنى ئىزدەپ، ئىز ـ دېرىكىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، قاتتىق قايغۇرۇپ، ئاشىق، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بۇرچىدىن رايى قايتقانلىقى، كېيىن تەڭرىلەر پادىشاھى زېۋىسنىڭ ياردىمى بىلەن پىلوتون پادىشاھىنىڭ ھەر يىلى پۇسفىننىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە يېرىم يىل تۇرۇشىغا ماقۇل بولغانلىقى، قىزى ئۆيدە بولغان چاغدا ئانىسىنىڭ خۇشاللىققا چۆمگەنلىكى،  بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشنىغانلىقى، پىلوتون قىزىنى دوزاخقا ئېلىپ كەتكەندە، ئانىسىنىڭ غەم ھەسرەتكە چۈشۈپ، ئۆز خىزمىتىنى تاشلاپ قويغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇتۇپ كەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. بۇ ئەپسانىلەر ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقتىدىكى يۇنانلىقلارنىڭ كېچە ـ كۈندۈز، بىر يىل تۆت پەسىل، تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ياشنىشى ۋە ئۈلۈشى توغرىسىدىكى ماددا چۈشەنچىلىرىدۇ.
   ئۇنىڭدا يەنە قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ تولۇپ ـ تاشقان كۈچ ـ قۇۋىتى، قەيسەر، تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە تەبىئەت بىلەن كۈرەش  قىلىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى ئىپادىلەنگەن، بۇ ھەقتىكى مىساللار ھەددى ـ ھېساپسىز. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرى ھېراكلېسنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن ئايەتنى يوقىتىپ، 12 چوڭ ئىش قىلىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە، ئۇچىدىغان  ئاياغ كىيىپ، يىراققا بېرىپ كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئالۋاستى مودوسانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كەلگەنلكى توغرىسىدىكى ھېكايە، تېسۋسنىڭ كرىت ئارىلىدىكى مىنوسنىڭ ئېزىتقۇ سارىيىغا بېرىپ ئۇنىڭ سېھىرلىك كالىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە، يىئاسوننىڭ ئالتۇن قوي يۇڭىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە، پرومىتىئوسنىڭ كاۋكاز تېغىدا قىياغا باغلىنى جازالانغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە قاتارلىقلار. بۇ ئەپسانىۋى ھېكايىلەر ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك بەدىئى سېھرىي كۈچكە ئىگە سۈرەتلەرنى بەخش ئەتتى، ئۇلارنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ۋە ئېستېتىك ئەھمىيىتى مەڭگۈ ياشايدۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا، يۇنان ئەپسانىلىرىدە يەنە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى جادۇگەرلىككە ئىشىنىش ۋە توتېمغا چوقۇنۇش ئېتىقادى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەسىلەن، مىدىيانىڭ ئەپسۇن بىلەن ئەجدىھانى ئۇخلىتىپ قويغانلىقى ۋە يىئاسۇننىڭ  ئاتىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ قويغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە، دېمېتىرنىڭ پادىشانىڭ ئوغلىنى ئوتتا تاۋلاپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە، تەڭرىلەر ئەلچىسى ھېرمېسنىڭ سېھىرلىك ھاسىسى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى ئىپتىدائى كىشىلەرنىڭ جادۇگەرلىككە ئىشەنگەنلىكىنىڭ ئىنكاسىدۇر. زېۋىسنىڭ بۇقىغا، ئاق قۇغا ئايلىنىپ زېمىندىكى ئىنسانىيەتنىڭ قىزى بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكى، چارۋا ئىلاھى پاننىڭ يېرىم ئادەم، يېرىم ئىلاھلىقى، ھېراكلېسنىڭ ئۇستازىنىڭ يېرىم ئات، يېرىمى ئادەم ئىكەنلىكى، ئاكتىئوننىڭ ئاي ئىلاھى تەرىپىدىن بۇغىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى، كاموسنىڭ يىلانغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەنلىكى، شىرتەنلىك، ئادەم باشلىق مەخلۇق توغرىسىدىكى ھېكايىلەردە قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ توتېمىغا چوقۇنۇش ئادەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-25 8:56:00]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 376 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01