رېتسارلار ئەدەبىياتى=knight literature=骑士文学

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

رېتسارلار ئەدەبىياتى=knight literature=骑士文学

    رېتسارلار ئەدبىياتى فېئوداللىق رېتسارلىق تۈزۈمنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ رېتسارلارنىڭ باتۇرلۇقى تەسۋىرلىنىدىغان، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىشلىرىغا مەدھىيە ئوقۇيدىغان بىرىىل ئەدەبىيات شەكلى ئىدى، ئوغۇزنامە، ماناس قاتالىقلار مەلۇم جەھەتتىن رېتسارلار ئەدەبىياتىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.   رېتسارلار ئەدبىياتى  سېرۋانتىستىن بۇرۇن ياۋروپادا ئەڭ ئاساسلىق ئەدەبى ئېقىم ئىدى.
     ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادىكى فېئودال پادىشاھلار، كېنەزلەر ۋە ئۇششاق بەگلىكلەر، ھەر قايسى چوڭ يەر ئىگىلىرى يەر ئىگىلەش، دائىم ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم رېتسارلارنى باققان. ئەڭ دەسلەپكى رېتسارلار ئاساسەن ئوتتۇرا ۋە كىچىك پومېشچىكلار ۋە باي دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن، ئۇلار تۇرۇشتا تۆھپە ياراتقانلىقى ئۈچۈن پادىشاھ ياكى چوڭ يەر ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئەمەل ـ مەنسەپكە ئېرىشەتتى ۋە يەرگە ئىگە بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمتىيازى ئەۋلادتىن ـ ئاۋلادقا مىراس قالىدىغان رېتسارلار تەبىقىسىگە ئايلانغان. 11 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەھلى سەلبنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى بىلەن رېتسارلار شەرق مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن، رېتسارلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى زور دەرىجىدە  يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 12 ـ ئەسىرگە كەلگەندە رېتسارلار تەشكىلاتى مەيدانغا كەلگەن، فېئوداللارنىڭ بالىلىرى كىچىكىدىن باشلاپلا ھەربىي تەلىم ـ تەربىيىنى قوبۇل قىلىپ، چوڭ بولغاندا ئىمتىيازغا ئىگە رېتسارلارغا ئايلانغان ۋە رېتسارلار تەشكىلاتىغا قاتناشقان، بۇنىڭ بىلەن، رېتسارلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يەنە زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. رېتسارلارنىڭ ئاساسلىق ئەخلاق ـ ئەقىدىسى پادىشاھقا سادىق بولۇش، دىننى قوغداش، مەرد ـ مەردانىلىق، ئەلەمنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈشتىن ئىبارەت. رېتسارلار خىرىستىئان دىنىغا سادىق بولۇپلا قلماستىن، يەنە دۆلەتنى، شەھەر قورغاننى قوغدىشى، يەنە ئايال خوجايىنى(يەر ئىگىسىنىڭ رەپىقىسى) گە سادىق بولۇشى ۋە ئۇنى قوغدىشى كېرەك ئىدى. ئايال خوجايىن رېتسارلار قەلبىدە بەئەينى بۇۋى مەريەم ئانىدەك مۇقەددەس ئىدى، بۇ كېيىن ئېسىلزادە خانىملارغا بولغان ئىززەت ـ ھۆرمەت ۋە چوقۇنۇشقا تەرەققىي قىلغان، ئېسىلزادە خانىملار ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش ۋە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئېسىلزادە خانىملارنىڭ ئىلتىپاتىغا سازاۋەر بولۇش رېتسارلارنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى زور شەرەپ ئىدى، مانا بۇلار «رېتسارلار روھى»نى شەكىللەندۈرگەن، مۇشۇ تۇرمۇش غايىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، رېتسارلارنىڭ ئۇرۇشتىكى خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەل، ياقا ـ يۇتلاردىكى سەرگۈزەتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەل، ياقا ـ يۇرتلاردىكى سەرگۈزەشتىلىرى، رېتسارلارنىڭ ئېسىلزادە خانىملار بىلەن ئىشق ـ مۇھەببەتلىرى تەسۋىرلەنگەن، رېتسارلارنىڭ شان ـ شەرەپ تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر رېتسارلانىڭ ئەدەبىياتىدۇر.
     12ـ،13ـ ئەسىر ياۋروپا ئەدەبىياتنىڭ گۈللەنگەن، بولۇپمۇ فرانسىيىدە ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى. رېتسارلار ئەدەبىياتى: رېتسارلار لىرىكىلىرى ۋە رېتسارلار داستانلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
   رېتسارلار ئەدەبىياتى ياۋروپا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردىكى رومانتىك ئامىللار كېيىنكى دەۋرلەردىكى ياۋروپا يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋارىسلىق قىلىنغان ۋە تەرققىي قىلدۇرۇلغان. رېتسارلار لىرىكىلىرىدا پىسخىك تەسۋىرلەر ۋە تىلنىڭ ئوبرازلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن، شېئىرنىڭ رىتىم، تۇراقلىرى يېڭىچە بولۇپ، كېيننكى دەۋىرلەردىكى ياۋروپا شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسرى كۆرسەتكەن. رېتسارلار داستانلىرى قەدىمىي سىستېما، برىتانىيە سىستېمىسى، ۋىزانتىيە سىستىمىسىغا بۆلۈنىدۇ. بۇنداق داستانلاردا كۆپىنچە ئىككى رېتسار ئاساسىي شەخس قىلىنغان بولۇپ، داستان ۋەقەلىكى ئۇلارنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاساس قىلغان. پېرسوناژلار قىياپىتى، پىسىخىك ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى تەپسىلاتلار  ناھايىتى ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن، ۋەقەلىك سۇژېتلىرى ئەگرى ـ توقاي، كىشىنى ئۆزىگە قاتتىق جەلپ قىلىدۇ، بۇلار يېقىنقى زاماندىكى رومانچىلىققا ئاساس سېلىپ بەرگەن.
    رېتسارلار ئەدەبىياتىدا مەزمۇن جەھەتتىن كۆپىنچە فېئوداللىق ئىدىيە ۋە چېركاۋ روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، نۇرغۇن ئەسەرلەردە رېتسارلار تۇرمۇشى غايىۋىلەشتۈرۈلگەن، ئەمما بەزى ئەسەرلەردە چېركاۋ ۋە فېئقوداللىق تۈزۈمگە زىت مەزمۇنلار روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە مۇھەببەت مەدھىيىلەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى چېركاۋنىڭ تەركىدۇنياچىلىق ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇشتا ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، رېتسارلار ئەدەبىياتى بەزى رېتسارلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەرىكەتلىرىنى تەسۋىرلىگەندە ئۇلارغا غايىۋىلەشتۈرۈلگەن ئەخلاق ئۆلچەملىرى، يەنى دۆلەتنى قوغداش، زومىگەرلەرنى يوقىتىپ، ئاجىزلارنى يۆلەش، ئاياللارنى ھىمايە قىلىش، قېرىلارنى ھۆرمەتلەش قاتارلىقلار بەخش ئېتىلگەن، بۇ خەلقنىڭ ئادالەتنى ياقلاش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇپ ياۋوپانىڭ ھەربى قۇدرەتكە ئىگە بولۇشىدىكى ئاممىۋى ئاساسنى پەيدا قىلىشتا غايەت زور رول ئوينىغان ئىدى.

[hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-25 8:55:36]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 521 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01