چېركاۋ ئەدەبىياتى = church literature

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

چېركاۋ ئەدەبىياتى = church literature=教堂文学
    
    ئوتتۇرا ئەسرىدىكى ياۋروپادا خرىستىيئان دىنىي جەمئىيىتى مەدەنىيەت، مائارىپتا مونوپول ئورۇنغا چىقىۋالغان بولۇپ، ھەممە ئىشتا ئىلاھشۇناسلىقنىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە ئىش قىلىناتتى. ئىلاھىي ھاكىمىيەت خەلقىنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇققا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئەينى چاغدا، دىنىي جەمئىيەت قەدىمىي يۇنان، رىم مەدەنىيەتلىرىنى بىدئەتچىلىك دەپ قاراپ، ئۇنى ياۋايىلارچە نابۇت قىلغان، ئەدەبىياتنى دىن ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان، دىنىي ھۆكۈمرانلىقنى يۈرگۈزىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغان. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى چېركاۋ ئەدەبىياتى، دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئاپتورلىرى روھانىيلار، دىنى تەركى دۇنياچىلار بولغاچقا، ئۇ يەنە روھانىيلار ئەدەبىياتى، دەپمۇ ئاتالغان.
     چېركاۋ ئەدەبىياتى ياۋروپادا ئەدەبىيات سەنئەت ئويغىنىشىدىن بۇرۇنقى بىردىنبىر ئەدەبىيات ئېقىمى بولۇپ دىنى دەرسلىك قىلىنىدىغان شۇنداقلا  پۈتۈنلەي دىننىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان، شېئىر، دىنىي ناخشىلار ۋە دۇئا ـ تىلاۋەت تېكىستلىرىنى يېزىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، مۇزىكا دىنىي ناخشىلار ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان. ئىستىلىستىكا ۋەز ـ نەسىھەت ۋە ئىنجىل ئوقۇش سەنئىتى قىلىنغان، نەسرلەر توۋامامە يېزىش ۋە مۇجلىسلار، پوپلار تەزكىرىسىنى يېزىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان، تىياتىرلار ئىنجىل ھېكايىلىرى ۋە مۇخلىس ـ مۇرىتلار تەزكىرىسى، سەرگۈزەشتلىرىنى سەھنىگە چىقىرىش ئۈچۈن ئوينالغان.  دىندارلار: ئىنسان ئەسلىي گۇناھكاردۇر، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئەجدادى ئادەم ئەلەيھىسسالام گۇناھ ئۆتكۈزگەچكە، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ گۇناھكار بولغان، ئىنسانلار پەقەت خۇداغا ئىشەنگەن، بارلىق ئارزۇ ـ ھەۋەسلەرنى تەرك قىلغان، گۇناھىغا توۋا قىلغن، گۇناھىنى يۇغان، شۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ئازاب ـ ئوقۇبەتلەردىن قۇتۇلۇشنى تىلىگەندىلا، ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن گۈزەل جەننەتكە كىرەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.
     چېركاۋ ئەدەبىياتنىڭ مۇقەددەس كىتابى «ئىنجىل» بولۇپ، ئۇ «تەۋرات » ۋە «ئىنجىل» دېگەن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. «تەۋرات» ئىبرايلارنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرى بولۇپ، بىر قىسىمى ئەپسانە، تىۋايەتم چۆچەكلەر ۋە مۇھەببەت شېئىرلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلار قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار ۋە گۈزەل ئەدەبىي ئەسەرلەردۇر، «يېڭى ۋە ۋەسىيەت» ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ سۆز ـ ھەركەتلىرى ۋە ئۇ توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر بولۇپ، دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدا روھانىي يازغۇچىلار شۇنى ئاساس قىلىپ، قەدىمىي ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆزگەرتكەن ۋە ئىجاد قىلغان، چۆچەكلەرنى ئۆزگەرتىپ يازغان، يەنە خرىستىئان دىنىي ئەقىدىلىرى، دىنىي قائىدىلىرىنى توقۇپ چىقىپ، كىشىلەرنى فېئوداللىق ئەخلاق بىلەن تەربىيىلىنىش، مەۋجۇت بولۇۋاتقان فېئوداللىق قائىدە ـ تەرتىپلەرگە بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن، «ئىنجىل» چېركاۋ ئەدەبىياتىنىڭ فېئوداللارنى ۋە دىنىي جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتىكى «نەزەرىيىۋى ئاساس»ئغا ئايلىنىپ قالغان.
   چېركاۋ ئەدەبىياتىدا ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە سىمۋوللۇق ئۇسۇل ئارقىلىق خىيالىي تەسەۋۇر بىلەن تولغان، رېئاللىقتىن چەتنىگەن ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەدەبىياتنىڭ ژانىرى ئەيسا خرىستوس توغرىسدىكى رىۋايەتلەر، دۇئا ـ تىلاۋەتلەر، مەدھىيىلەر ۋە دىنىي تىياتىرلاردىن ئىبارەت. مۇنداق ئەسەرلەرنىڭ باش قەھرىمانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەركىدۇنياچى مۇناخلار، پاك ـ مەسۇمە مۇناخلار، تەقۋادار مۇرىتلار ۋە گۇناھىغا توۋا قىلغان بالىلاردۇر. ئەسەرلەرنىڭ باش تېمىسى «ئەسلىي گۇناھ»، «ئويغىنىش»، «تەركىدۇنياچىلىق» قاتارلىقلار بولۇپ، ئىدىيە جەھەتتە خەلقنى بىخۇدلاشتۇراتتى ۋە زەھەرلەيتتى. مەسلەن، فرانسىيىنىڭ خرىستىئان دىنىي شېئىرى «سان ئالىكس ناخشىسى»دا باش قەھرىمان، باي ئالىكسنىڭ شادلىق دۇنياسىدىن ئادا ـ جۇدا بولۇش ئۈچۈن، تويى بولىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كېچىسى ياش، چىرايلىق ئايالنى تاشلاپ، چۆل ـ جەزىرىگە قېچىپ كېتىپ، زاھىدلىق تۇرمۇشنى كەچۈرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. ئەسەردە تەركىدۇنياچىلىق ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنىڭ مىزانى قىلىنغان بولۇپ، ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ ھېكايىلەر ئويدۇرۇپ چىقىرلغان. ئەمما، بەزى تۆۋەن دەرىجىلىك دىندارلار ئىجاد قىلغان ياكى ئۆزگەرتكەن ئەسەرلەردىن گەرچە يەنىلا چېركاې ئەدەبىياتىغا ئازدۇر ـ كۆپتۇر قارشى مۇقام توۋلانغان. مەسىلەن، 14 ـ ئەسىردىكى ئەنگلىيىلىك مىسسئونىر رامگىلان ئۆزىنىڭ «دېھقان پېتىرنىڭ چۈشى» ناملىق داستانىدا، خىياللىي تەسەۋۋۇر ۋە تەمسىلدىن پايدىلىنىپ توۋاندىكى ئىدىيىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن: ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلغاندىلا ھەقىقەت ۋە ئادالەت يولىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاپتور داستانىدا ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى تۇرغان، ئەمگەك قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، دېموكراتىك ئىدىيىنى تەلەپ قىلىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەمما، ئۇ يەنە دىنىي جەمئىيەتنىڭ نەسىھىتى، خەير ـ ساخاۋەت ئىشلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتكە مېڭىشنى ئارزۇ قىلغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 471 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01