نورۇز بايرىمى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

         نورۇز بايرىمى باھارنىڭ ئىنسانلارغا ئەكەلگەن خۇشاللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزىلىدىغان قەدىمىي ۋە ئەنئەنىۋىي مىللىي بايراملاردىن بىرى «نورۇز» بايرىمى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى مىللەتلىرىگە ئورتاق بايرام ھېسابلىنىدۇ. «نورۇز» ئەسلىدە پارىسچە سۆز بولۇپ، «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە(كۈن) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى(ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
   «نورۇز بايرىمى» ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە. «نورۇز بايرىمى»نىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى مۇنداق: «نورۇز» كىرگەن كۈنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، يۇرت-مەھەلىلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايرام كىيىملىرىنى كىيىشىپ، مەنزىرىلىك جايلارغا جەم بولۇشىدۇ ۋە شۇ سورۇندا «نورۇز»غا ئاتاپ تەييارلىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. خەلق قوشاقچىلىرى «نورۇز»نى مەدھىيىلەيدىغان شېئىر-قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ، ۋايىز(مەدداھ)لار داستان ۋە ھېكايە-قىسسىلەرنى كۈيلىشىدۇ. سازەندىلەر مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. بىر تەرەپتە چەۋەندازلار ئوغلاق تارتىدۇ، ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ، دارۋازلار ئېگىز دار ئۈستىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، قىزلار مەجنۇنتاللارغا ئىلەنگۈچ سېلىپ لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ، بىر تەرەپتە ئولتۇرۇش قىزىپ «ئون ئىككى مۇقام» داستانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. قىسقىسى، ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ماھارەت كۆرسىتىپ، بايرام خۇشاللىقىنى نامايان قىلىدۇ. «نورۇز» مۇراسىملىرىغا مەكتەپ بالىلىرىمۇ كوللېكتىپ ھالدا قاتنىشىدۇ. ئۇلار مۇئەللىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەپ-سەپ بولۇپ، گۈللۈك تاختىلارغا يېزىلغان «نورۇزنامە»لىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىشىدۇ.
   «نورۇز» مۇراسىملىرىدا جامائەتتىن ئىختىيارىي يىغىش قىلىپ، مەخسۇس نورۇز ئېشى تەييارلىنىدۇ(ئابسىنىن). نورۇز ئېشى ئەنئەنە بويىچە يەتتە ياكى توققۇز خىل ماتېرىيالدىن تەييارلىنىدىغان كۆجە بولۇپ، بۇغداي، ئارپا، گۈرۈچ، تېرىق، گۆش، سۈت، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرىدۇ. بەزىدە گۆش ئورنىغا كاللا-پاقالچاق ۋە زاسۈيلەرنى قوشىدۇ. «نورۇز» مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى «نورۇز ئېشى»غا ئېغىز تەككۈزۈش شەرت قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەممە كىشى «نورۇز» بايرىمىدا قانغۇچە كۆڭۈل ئېچىپ، ياخشى تىلەك-ئارزۇلار بىلەن ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ ۋە بايرامنى تەبرىكلەپ ئۆزئارا پەتىلىشىدۇ. تارىخي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «نورۇز» بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە، يەنى ئون بەش كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر كۆپرەك رايونلاردا «نورۇز» بايرىمى ئۈچ كۈن قىلىپ خاتىرىلىنىدۇ. «نورۇز» بايرىمىدا ئوينىلىدىغان ھەر خىل پائالىيەتلەر ھەمدە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان «نورۇزنامە»لەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، قىش-زېمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكىلىشىنى تىلەش، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش، كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەتكە ئۈندەش، ئىتتىپاق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلارنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن:
   ئېتىرا قىلدۇق نورۇزدىن ياخشى كۈننى باشلىدۇق،
كۆڭلىمىزنىڭ خۇشلىقىدىن بىر ئويۇننى باشلىدۇق.
شاتاۋادا تون كىيىپ، جۇۋا-تۇماقنى تاشلىدۇق،
سايىلەردە ئولتۇرۇپ، نەغمە-ناۋانى باشلىدۇق.
ئات مىنىپ، ئوغلاق ئالىپ، مەشرەپ قىلۇر كۈندۈز بۈگۈن.
كەلدى نورۇز يىل باشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىركىنى،
نورۇز دىبان كېلۇرلەر خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى.
گۈللەر قىسۇر قىز-ئوغۇل، ئەگرى قويار بۆركىنى،
مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر، ئاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى،
قايغۇ-مېھنەتلەر كېتىپ ئويناشۇر كۈندۈز بۈگۈن.

   ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك تارىخىي ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز. لېكىن «نورۇز» بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، «نورۇز» بايرىمىنىڭ پەيدا بولىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆكتەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆكتەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلەپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قاراپ، ئۇلارنى ئواشمىغان سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەشكەن. ئۇلارنىڭ تونۇشىچە، ئاققۇزا(نائۇرۇز، توقتى) يۇلتۇزىنى ئىنسانلارغا بەخت ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ، قوش، بېلىق(ئەرەچە ھۇت) يۇلتۇزىنىڭ يوقىلىپ، ئاققۇزا(ئەرەبچە ھەمەل) ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى بولغاچقا، بۇ كۈن ئىنسانلارغا بەخت ۋە تەلەي ئەكېلىدۇ، دېگەن ئەقىدە بويىچە، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى (ھازىرقى كالېندار بويىچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى) «نورۇز» بايرىمى قىلىپ بەلگىلەنگەن. كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەردىمۇ «نورۇز» بايرىمىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ خەلق ئارىسىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان.

   شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996-يىلى نەشر قىلغان«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-1 15:01:03]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 688 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01