پىفاگور ئېقىمى=(580 - 500)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

       پىفاگور ئېقىمى(ئەسلىدە پىساگوروس بولۇشى كېرەك، بۇ يەردە ئادەتلەنگىنى بويىچە پىفاگور دەپ ئېلىندى)  ئۆزىنىڭ ئاساسچىسى پىفاگورنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
    پىفاگور- (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 580 - 500 - يىللىرى)ـ قەدىمقى يۇنانلىق ئەڭ بالدۇرقى ئىدىئالىزىمچى، ئاقسۆڭەك قۇلدارلار پەيلاسوپى. پىفاگور ئېقىمى دىنىي، سىياسى، ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى تۇرمۇشتا بىللە، كىيىم ـ كېچىگى بىردەك بولاتتى، بىر يۈرۈش ئەمرى ـ مەروئۇپكا رىئايە قىلاتتى. ئۇلار ئادەمنىڭ روھى ئۆلمەيدۇ دىگەن نىىگە ئېتىقات قىلىپ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى باشقا ئادەم ياكى ھايۋاناتقا كۆچىدۇ دەپ قارايتتى. ئۇلار ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىغى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغان، شۇڭا سودا ـ سانائەت قۇلدارلىرى ۋە ئاددى خەلقنىڭ قاتتىق قارشىلىغىغا ئۈچرىغان. كېيىنكى چاغلاردىكى سوقرات ۋە ئەپلاتون قاتارلىق ئىدىئالىزىمچىلار ئۇنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان. پىفاگور ئېقىمى پەلسەپىسىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى «سان» توغرىسىدىكى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقتىن ئىبارەت.
    ئۇلار: بارلىق شەيئىلەرنى سان بىلەن ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ، ئابىستىراكىت سان كونكىرىت شەيئىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئومۇمىلىققا ئىگە، دەپ قارايدۇ. شۇڭا كائىناتنىڭ ئىپتىدائى سەۋىۋى سۇ، ئوت، گاز قاتارلىقلار بولماستىن، بەلكى سان دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئۇلار سان بىلەن سان ۋەكىللىك قىلىدىغان شەيئىنى بىر ـ بىرىدىن ئاجرىتىۋېتىپ، ساننى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل نەرسە دەپ قاراپ، ھەممە سان 1 دىن باشلىنىدۇ، 1+1=2 ، 1+2=3،........ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 1 «تاق سان» بىلەن 2«جۈپ سان» دىن بارلىق سانلار پەيدا بولىدۇ: نۇقتا ـ 1؛ نۇقتىدىن سىزىق پەيدا بولىدۇ، سىزىق ـ 2؛ سىزىقتىن دائىرە پەيدا بولىدۇ، دائىرە ـ 3؛ دائىرىدىن گەۋدە پەيدا بولىدۇ، گەۋدە ـ 4، دەپ ھىساپلايدۇ. ئۇلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: دۇنيادىكى كائىناتنىڭ ھەممىسى تەقلىت ساندىن ئىبارەت بولۇپ، ساننى ئەسلى تىپ قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلگەن، سان دۇنيانىڭ «تەرتىۋى»نى بەلگىلەيدىغان ئەسلى تىپ. پىفاگور ئېقىمى سان توغرىسىدىكى مۇشۇنداق سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق ئارقىلىق ئاقسۆڭەك قۇلدارلارنىڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلىغىنى دەلىللەپ، سان دۇنيانىڭ «مەڭگۈلۈك تەرتىۋى»نىڭ ئەسلى تىپى، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىغىلا بۇنداق «مەڭگۈلۈك تەرتىپ»كە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئاددى خەلق قوزغىلاڭ كۆتىرىدىغان بولسا، مۇنداق تەرتىپنى بۇزىدۇ دەپ ھىساپلايدۇ.
   پىفاگور ئېقىمى سان توغرىسىدىكى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىقنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، ماتېماتىكا ئۈستىدە نۇرغۇن تەتقىقات ئېلىپ باردى. مەسىلەن: «ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئىچكى بۇلۇڭى ئىككى تىك بۇلۇڭغا باراۋەر» ۋە «تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭنىڭ تەرەپ كۇۋادىراتى يانتۇ تەرەپ كۇۋادىراتىغا باراۋەر» ئوخشاش تېئورىمىلارنى شۇلا ئەڭ ئاۋال ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار سان ئارقىلىق ئاستورونۇمىيە ۋە مۇزىكا، بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق ۋە باشقىلار توغرىسىدىكى نەزىرىيىنىمۇ تەتقىق قىلىپ، بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەسىلەن: ئاسترونۇمىيە جەھەتتە، ئۇلار «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ماسلىغى» نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەركىتى مۇئەييەن ماتېماتىكىلىق مۇناسىۋەتكە بويسۇنىدۇ دەپ ھىساپلاپ، ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىكلىگى توغرىسىدىكى ئىدىيىنى تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان؛ مۇزىكا جەھەتتە، ئۇلار ئاۋازنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقىلىغى ۋە يۇقۇرى ـ تۆۋەنلىگىنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتىنى كەشپ قىلغان؛ بىناكارلىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق جەھەتتە، ئۇلار بىنا ۋە ھەيكەلنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ نىسبەت مۇناسىۋىتىنى كەشپ قىلغان ۋە باشقىلار. بىراق، ئىلمىي تەپەككۇرگە دائىر بۇ ئۈندۈرمىلەر دىنىي، ئەپسانىلىققا ئوخشاش خام خىياللار بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن.

  ئەمما پىفاگور ئېقىمى دۇنيادىكى تۇنجى يازمىغا ئېلىنغان پەلسەپە ھەققىدىكى ئېقىم بولغاچقا پەلسەپە ھەققىدىكى تەتقىقات يەنىلا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىجابى تەرىپىنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەك.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 370 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01