فېييىر باخ (1804 ـ 1872)


ليۇدۋىگ فېييېر باخ Johann Sebastian Bach 
1685-1750

ليۇدۋىگ فېييېر باخ Johann Sebastian Bach 1685-1750

 ليۇدۋىگ فېييىر باخ (1804 ـ 1872) ـ گېرمانىيىلىك ماتېرىئالىست پەيلاسوپ. ئۇمۇ گولباخقا ئوىشاشلا گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە دە تۇغۇلغان، فېيرباخ كانتنىڭ بىلەىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى ۋە ھېيگېرنىڭ ئىدىيالىزىملىق پەلسەپە سېستىمىسىغا قارشى تۇرۇپ ماتېرىيالىزىمنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ھەمدە ماددىنىڭ روھتىن ئايرىلسىمۇ مەۋجۇت بولىۋېرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ ماددىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى ئوخشاش شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. فېيرباخ ياش مەزگىلىدە ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرستىنىڭ ئىلاھشۇناسلىق كەسپىنى ئوقۇغان، كېيىن بېرلىن ئۇنىۋېرستىغا كىرىپ پەلسەپە ئۆگەنگەن، 1826-يىلى ئېرلانگېن ئۇنىۋېرستىغا كىرىپ بوتانىكا، ئاناتومىيە ۋە پىسخولوگىيە ئۆگىنىپ دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالغان ۋە ئۇنىۋېرسىتتا قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن ئىستىپا بېرىپ تۇغۇلغان يېزىسىدا تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. فېيرباخنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «گېگېل پەلسەپىسىگە تەنقىت» ، «خىرىستىيان دىنىنىڭ ماھىيىتى» ، «كەلگۈسىدىكى پەلسەپە ئاساسلىرى»، « دىننىڭ ماھىيىتى»، «دىننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە لېكسىيە خاتىرىسى» قاتارلىقلار. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم قانداق تەپەككۇر قىلغان، نىمىنى تەشەببۇس قىلغان بولسا، ئۇنىڭ خۇداسىغا شۇنداق تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە شۇنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئادەمنىڭ قانچىلىك قىممىتى بولسا، ئۇنىڭ خۇداسىنىڭمۇ شۇنچىلىك قىممىتى بولىدۇ، ھەرگىز ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولمايدۇ». فېييىر باخ ئەينى ۋاقىتتىكى گېمانىيە بۇرژۇئا دېموكىراتىك رادىكاللىرىنىڭ مۇتەپەككۈرى. ئۇ فېئودال مۇستەبىت پادىشالىق تۈزۈمىگە ئاشكارا قارشى تۇرۇپ، بۇرژۇئا دېموكىراتىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن، ئۇ بۇنداق تۈزۈمنى ئورنىتىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسى كۈرەشلەرگە قاتناشمىغانلىقتىن، 1848 ـ يىلدىكى ئىنقىلاپنىمۇ چۈشەنمەيتتى.
فېييىر باخ ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىدىكى ئەسەر يېزىش پائالىيىتىدە، خىرىستىيان دىنغا قارشى تەنقىت باشتىن ـ ئاخىر ئۇنىڭ دىققەت مەركىزى بولدى. ئۇنىڭ خرىستىيان دىن توغرىسىدىكى كۈچلۈك تەنقىدى ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمرانلىق ئورننى ئىگىلىگەن فېئودال ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرگە ۋاستىلىق ھالدا زەربە بەردى. ئۇنىڭ ئۆزىگە قويغان ۋەزىپىسى خىرىستىان دىننىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلىش ئىدى. فېييىر باخنىڭ قارىشىچە، دىننىڭ مەنبەسى ئادەمنىڭ بېقىندىلىق تۇيغۇسىدا دىگەنلىك، ئالدى بىلەن تەبىئەتكە بولغان بېقىندىلىق تۇيغۇسىدۇر. بېقىندىلىق تۇيغۇسى دىگىنىمىز، تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن قورقۇشنىلا ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت، مىننەتدارلىق، ئېھتىرام تۇيغۇلىرىنىمۇ ئۆز ئۆزىگە ئالىدۇ. ئۇ: ئىنسانىيەت تۇرمۇشىدا تەبىئەتنىڭ رولى ئىنتايىن ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋىۋى، ئاساسى ۋە مەنبەسى دەپ كۆرسىتىدۇ.

فېييىر باخنىڭ ياش ۋاقىتلىرى
1715-يىلى فېييىر باخنىڭ ياش ۋاقىتلىرى 1715-يىلى

 ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتكە بولغان بېقىندىلىغى ھامان ئۇنىڭ جانىجان مەنپەئەتى توغرىسىدىكى ئارزۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، ئىپتىدائى ئادەملەر چوقۇنغان مەلۇم ھايۋاناتلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھايۋاناتلار ئىدى. شۇڭا، ئادەمنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇنۇشى، ئەمىلىيەتتە ئۆز ماھىيىتىگە چوقۇنۇش بولۇپمۇ ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە، خىرىستىيان دىنىدىن ئىبارەت بۇ «روھى»دىننىڭ ئەڭ مۇكەممەل شەكلىمۇ، شۇ خرسىتىيان دىننىڭ خۇداسىغا ۋە بۇتقا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش، ئادەمنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان. لېكىن فېييىر باخ ئىنساننىڭ سىنىپىي كۈرەش ئەمىلىيىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خىرىستىيان دىننى ئىنسان تەبىئىتى نەزىرىيىسى بىلەن تەنقىت قىلىدۇ، خىرىستىيان دىننىڭ ماھىيىتىنى ئابستىراكىت ھالدا ئىنساننىڭ ماھىيىتى دەپ چۈشىنىدۇ، مانا بۇ ئۇنىڭ خىرسىتىيان دىن ئۈستىدىكى تەنقىدىنىڭ ئۈزۈل ـ كېسىلسىزلىگى بەلگىلىگەن. ئۇ خىرىستىيان دىننى تەنقىت قىلىشتا، پەقەت خۇدانىڭ ماھىيىتىنى ئادەمنىڭ ماھىيىتىگە، ئۇ ئالەمنى بۇ ئالەمگىلا قايتۇرىدۇ. خىرىستىيان دىننىڭ ئىجتىمائى، سىنىپىي، مەنبەسىنى ئېچىپ تاشلىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خرىسىتىيان دىننى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يېڭى دىننى ئورنىتىشقا ئۇرۇنىدۇ.

باخنىڭ قەبرىسى باخنىڭ قەبرىسى



ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنسان تەبىئىتى شات ـ خوراملىققا ۋە بەخت ـ سائادەتكە ئىنتىلگۈچى فىزىئولوگىيىلىك تەلەپلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. شۇڭا ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى باغلىنىشى ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتىن ئىبارەت. جىنسى مۇھەببەت ـ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇھەببىتى ـ بەختنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك كاپالىتى. ئۇنىڭ يېڭى دىنىمۇ كىشىلەرنىڭ ئومۇمى مۇھەببىتىنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، فېييېرباخنىڭ خىرىستىيان دىنى ئۈستىدىكى تەنقىدىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئازراققىنا ئىنقىلاۋىيىلىغىمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ. فېييېرباخنىڭ خىرىستىيان دىنى ئۈستىدىكى تەنقىدىنى ئىدىئالىزىمغا بولۇپمۇ گېرمانىيىگە يۈز يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان پىكرەنلىك ئىدىئالىزىمىغا قارىتىلغان تەنقىت بىلەن باغلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، پىكرەنلىك ئىدىئالىزىمىنىڭ خىرىستىيان دىنى بىلەن بولغان پەرقى پەقەتلا شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، پىكرەنلىك ئىدىئالىزىمى ئابستىراكىت بولغان، بۇ دۇنيادىن تاشقىرى بولغان خۇدانىڭ ئورنىغا ئەقىل ۋە تەپەككۇرنى قويۇپ، ئىلاھىيەتكە قارىتا ئەقلىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدۇ. 
دىن «ئاسماندىكى ئىدىئالىزىم، يەنى تەسەۋۋۇردىكى ئىدىئالىزىم»: ئىدىئالىستىك پەلسەپە «يەر يۈزىدىكى ئىدىئالىزىم، يەنى ئەقلىي ئىدىئالىزىم.» ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇبادا سىلەر ئىدىئالىزىمنى ئىنكار قىلىدىكەنسىلەر، ئۇ ھالدا سىلەر شۇنىڭ بىلەن بىللە خۇدانىمۇ ئىنكار قىلغان بولىسىلەر! خۇدا ئىدىئالىزىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ياراتقۇچىسى ـ خالاس.» فېييېرباخ گېگېل پەلسەپىسىنى پىكرەنلىك پەلسەپىسىنىڭ «يۇقۇرى پەللىسى»دەپ ئاتايدۇ ۋە ئۇنىڭدا مۇتلەق ئىدىيە دەپ قارالغان سۇبېكتىپ ھۆكۈملەرنى قاتتىق تەنقىت قىلىدۇ. ئۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق ھالدا مۇنداق ئىسپاتلايدۇ: گېگېل ئۆزىنىڭ ئەقلىنى مۇتلەق ۋە مۇستەقىل سوبىستانسىيىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاڭ بىلەن ئەڭ ئەكس ئەتتۈرگەن ئوبېكتنى ئايرىۋېتىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى ئاڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئۆزىنىمۇ ئايرىۋېتىدۇ: ھالبۇكى، ئادەم بولمىسا، ئاڭنى تەسەۋۇر قىلىش ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ قارىشىچە، گېگېلنىڭ مۇتلەق ئىدىيىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا چەتلىشىشى توغرىسىدىكى قارىشى، خۇدا دۇنيانى ياراتتى دىگەن ئىلاھىيەت تەلىماتىنى ئەقلىي ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمىكى گېگېل پەلسەپىسىنى رەت قىلمىسا، ئۇ ئىلاھىيەتنىمۇ رەت قىلالمايدۇ. «گېگېل پەلسەپىسى ئىلاھىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پانا جايى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئەقلىي فېييېرباخنىڭ ئىدىئالىزىمغا، بولۇپمۇ پىكرەنلىك ئىدىئالىزىمىغا قارىتىلغان تەنقىدى ئۇنىڭ خىرىستىيان دىنغا نىسبەتەن تەنقىدىگە قارىغاندا خېلىلا قەتئى، ئۈزۈل ـ كېسىل بولدى. بۇ جەھەتتە، ئۇنىڭ كارامەت تارىخىي تۆھپىسى بار. ئەمما ئۇنىڭ گېگېل پەلسەپىسىگە بولغان تەنقىدى پەقەت ئاددى ھالدا ئىنكار قىلىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇ گېگېلنىڭ ئىدىئالىزىملىق سىستېمىسىنىڭ شاكلىدىن باشقا يەنە دىئالېكتىكىلىق «مۇۋاپىق مېغىزى»نىڭ يوشۇرۇنغانلىغىنى «چۈشەنمىدى، ئۇ دىئالېكتىكىنى خۇددى كىچىك بالىنى داستىكى يۇندا بىلەن بىللە تۈكۈۋەتكەنگە ئوخشاش تۈكۈۋەتتى. فېييېرباخ خىرىستىيان دىنى ۋە ئىدىئالىزىمنى تەنقىت قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ماتېرىئالىستىك سىستېمىسىنى ئورناتتى. فېييېرباخنىڭ قارىشىچە، يېڭى پەلسەپە ئادەمدىن ئىبارەت بۇ «ئەڭ ئاكتىپ رىئال پىرىنسىپ»نى ئۆزىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ نەزىرىدە، روھ، ئاڭ ۋە تەننىڭ بىرلىگى نۇقتىئىنەزىرى بولغاندىلا، ئادەمنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. تەن بولسا بىر پۈتۈن ئادەم گەۋدىسىنىڭ ئاساسى. ئەگەر ئادەمنىڭ تېنى چىقىرىپ تاشلانسا، ئۇ ھالدا ئاڭ ۋە روھنى پەيدا قىلغۇچى نەرسىمۇ، يەنى ئادەمنى مۇكەممەل. بىر پۈتۈن نەرسىگە ئايلاندۇرغۇچى نەرسىمۇ چىقىرىپ تاشلانغان بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ تېنى تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر قىسىمى. ئۇ تەبىئەتنى تەسۋىرلىگەندە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ماددىلىغىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: تەبىئەت شەكلى ۋە گەۋدىسى بار، ماددى، ئۇ مەڭگۈلۈك ۋە چەكسىز نەرسە، تەبىئەتنىڭ سەۋىۋىنى تەبىئەتنىڭ ئۆزىدىن ئىزلەش كېرەك.


فېييىر باخنىڭ ئەسىرىفېييىر باخنىڭ ئەسىرى



ئۇنىڭ نەزىرىدە، تەبىئەت روھتىن ئىلگىرى، ئاڭسىزلىق ئاڭلىقلىقتىن ئىلگىرى، مەقسەتسىزلىك مەقسەتلىكتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: غەيرى ئەقلىيلىقتىن ئىقلىيلىققا ئۆتۈش ـ بۇ، ئەقىل ـ پاراسەتكە يېتىشنىڭ يولى: ئەقلىيالىقتىن غەيرى ئەقلىيلىككە ئۆتۈش بولسا ئىلاھىيەت كالۋالىغىغا بېرىشنىڭ بىۋاستە يولى. فېييېرباخ كانتنىڭ زامان ۋە ماكان توغرىسىدىكى سۇبېكتىپ ئىدىئالىستىك نۇقتىئىنەزىگە قەتئى قارشى ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، زامان ۋە ماكان ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇغىنىڭ ئوبېكتىپ شەكلى، زامان ۋە ماكاننىڭ سىرتىدا ماددا بولمايدۇ. ئۇ كانتنىڭ زورۇرىيەت، سەۋەبىيەت، قانۇنىيەت ـ ئادەمنىڭ بىلىشى تەرىپىدىن تەبىئەتكە زورمۇ ـ زور تېڭىلغان دىگەن نۇقتىئىنەزىرىنى قەتئى رەت قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پاكىت دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، بىلىش ئۆزىنىڭ قانۇنىيىتىنى مەۋجۇدىيەتكە، تەبىئەتكە زورمۇ ـ زور تېڭىپ قويغان ئەمەس، بەلكى رىئاللىقتىكى قانۇنىيەت تەپەككۇرنىڭمۇ قانۇنىيىتى. بىلىش نەزىرىيىسى جەھەتتە، فېييېرباخ ماتېرىئالىزىملىق ئىنكاس نەزىرىيىسىنى ئېنىق تەشەببۇس قىلىپ، ئىدىئالىستىك ئەزىلىيچىلىككە قارشى تۇرىدۇ: «شەيئى بىلەن ماھىيەت قانداق بولسا، ئۇ ھەقتە جەزمەن شۇنداق پىكىر قىلىش ۋە ئۇنى شۇنداق بىلىش كېرەك. بۇ ـ پەلسەپىنىڭ ئالى قانۇنىيىتى، ئالى ۋەزىپىسى». ئۇ تۇيغۇنىڭ بىلىش جەريانىدىكى رولىنى تەكىتلەپ، تۇيغۇ بىزنى تاشقى دۇنيا بىلەن ئايرىۋەتمەيلا قالماستىن، بەلكى بىزنى تاشقى دۇنيا بىلەن بىرلەشتۇرىدۇ، ئۇ ئوبېكتىپ دۇنيانىڭ ئىنكاسى دەپ قارايدۇ. ئۇ تۇيغۇنىڭ رولىنى قەتئىلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۇيغۇ بىزگە تارقاق، ئايرىم نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەقىل ۋە تەپەككۇر بولسا بۇ نەرسىلەرنى بىرلەشتۈرەلەيدۇ. لېكىن ئۇ ھىسسى بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە ئۆتۈش ـ بىر خىل سۈپەت سەكرىشى ئىكەنلىگىنى، ھىسسى بىلىش بىلەن ئەقلىي بىلىش ئوتتۇرىسىدىكى دىئالېكتىكىلىق مۇناسىۋەتنى چۈشەنمەيتتى، بولۇپمۇ ئىجتىمائى ئەمىلىيەتنىڭ بىلىش جەريانىدىكى رولىنى چۈشەنمەيتتى. شۇڭا تەپەككۈر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ ئوخشاشلىغىنى كىشىلەرنىڭ روھى بىلەن تېنىنىڭ بىرلىگى ۋە ئادەمنىڭ ئېڭى ئوبېكتىپ مەۋجۇدىيەتنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ دەپ تار دائىرىدىلا چۈشىنەتتى. ئۇ ئوبېكتىپ مەۋجۇت شەيئىلەرنى ئادەملەر ئوبېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش جەريانىدىلا، ئىجتىمائى ئەمىلىيەت جەريانىدىلا، ئاندىن چوڭقۇر بىلىۋالالايدىغانلىغىنى چۈشەنمەيتتى. فېييېرباخ ئۆزىنىڭ پەلسەپىسىنى «ئانتىرو پولوگىزىم»، يەنى ئادەم توغرىسىدىكى پەلسەپە دەپ ئاتايدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ئادەم ، ئىجتىمائى ئادەم بولماستىن، بىئولوگىيىدىكى تەبىئى ئادەم، ئابىستراكىت، ئاددى ئادەم. ئۇ ئادەمنىڭ ئىجتىمائىلىغىنى كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئادەمگە كونكىرىت تارىختىن، كونكىرىت ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتىن ئايرىلغان ھالدا قاراش، مۇقەررەر يوسۇندا ئاشۇ ئانتىروپولوگىزىم نۇقتىئىنەزىرىنى ئاساس قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەخلاق تەلىماتىنى ئورناتقاندا، ئىدىئالىزىمغا پۈتۈنلەي پېتىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆزى مەپتۇ بولغان «مۇھەببەت»نى ئىنسانلاردا بولىدىغان ياخشى ـ يامانلىقنىڭ ئومۇمى ئۆلچىمى قىلىپ، ئاتالمىش مۇھەببەت دىنى ۋە مۇھەببەت ئەخلاقىنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيە فېئودال مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنىڭ قاتتىق ھۆكۈمرانلىغى، دىنىي ئىدىئولوگىيە ۋە يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيانقى پىكرەنلىك ئىدىئالىزىمىنىڭ يەككە ھۆكۈمرانلىغى شارائىتىدا، فېييېرباخ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياۋروپادا 17 ـ 18 ـ ئەسىردىكى ئىلغار ماتېرىئالىستىك ئەنئەنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تارىختا ئۆچمەس تۆھپە ياراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنگېلس فېييېرباخ پەلسەپىسىنى، مەلۇم مەنىدە، گېگېل پەلسەپىسى بىلەن ماركسىزىم پەلسەپىسى ئوتتۇرىسىدىكى «ئارلىقتىكى ھالقا» دەپ ئاتىغان ئىدى. لېكىن سىنىپىي چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن. ئۇنىڭ پەلسەپىسى يەنىلا مېتافىزىكىلىق ماتېرىئالىزىم كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ.

فېييىر باخنىڭ ھەيكىلىفېييىر باخنىڭ ھەيكىلى
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 626 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 6قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-05-14