مەۋجۇدىيەتچىلىك = 存在主义= Existentialism

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
      مەۋجۇدىيەت پەلسەپىسى مەۋجۇدىيەتچىلىك ـ ھازىرقى زامان پەلسەپە ئېقىملىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئاساسچىسى دانىيىلىك ئىلاھىيەتشۇناس كېرگارت (1813 ـ 1855). مەۋجۇدىيەتچىلىك ئاتالغۇسىنى تۇنجى بولۇپ فىرانسىيىلىك مارسېل ئوتتۇرىغا قويغان. نىتزىنىڭ تەسىرىدە مەۋجۇتچىلىق گېرمانىيىگە تارقالغان، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى ھېيدېگېر (1889 - 1976) ۋە جاسپېرس (1883 - 1969). 2- جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىدە تارقالدى، كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلىرىدىن سارترې (1905 - 1980)ۋە مارسېل (1889-1973) ، فىرانىز كافكا، بېئوۋا، ئالبېرت كامۇس، مارلى پونتي، ئاندىرى مالروكىش قاتارلىقلار بار. مەۋجۇادىيەتچىلىك بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقالغان بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەللەردە زور تەرەققىيات ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن، زور تەسىرگە ئىگە ئابرويلۇق پەلسەپە ئېقىملىرىدىن بىرى بوڭلۇپ قالدى. مەۋجۇتچىلىقنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى ـ مەۋجۇدىيەت بىلەن ماھىيەتنى ئايرىپ تاشلاپ، مەۋجۇدىيەت ماھىيىەتسىز بولىدۇ، دەپ قاراش، ياكى سارتېرنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ» . مەۋجۇتچىلىق ماھىيەتنى، سۇبىستانسىيىنى تەتقىق قىلىدىغان پەلسەپىنى كونا «مېتافىزىكا»دەپ ئىستىسنا قىلىپ: پەلسەپە تەتىقىقاتىنىڭ بېكتى «مەۋجۇدىيەت»بۆلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. «مەۋجۇدىيەت»ئەنە شۇنداق ئەكسىيەتچىل پەلسەپىنىڭ مەركىزىي كاتېگورىيىسى بولغاچقا «مەۋجۇتچىلىق»دەپ ئاتالغان. مەۋجۇتچىلىق بېركلىنىڭ «مەۋجۇدىيەت ـ سېزىۋېلىنىش دىمەكتۇر»دىگەن نۇقتىئىنەزىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ماددا ئېڭىمىزنىڭ سىرتىدا، بىزنىڭ ئىرادىمىزگە باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، دىگەن نۇقتىئىنەزەر گە قارشى تۇرۇپ، «مەۋجۇدىيەت»دىگەندە، مېنىڭ تۇيغۇم، ئېڭىم ۋە روھىم كۆزدە تۇتىلىدۇ. دەپ قارايدۇ. ھېيدېگېر: «رىئال مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەر بىرى ئۆزى ئۈچۈن مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ، بىز ئادەتتە قانداقلىكى ئۇسۇل قوللانمايلۇق، ئۆزىمىز ئۈچۈن مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان ھەممە مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزىنى مەۋجۇدىيەت، دەپ ئاتايمىز» دەيدۇ. جاسپېرس: «مەۋجۇتلىكى ھەممە نەرسە ئادەمگە مەركەزلىشىدۇ، ئادەمنى ئاساس قىلىدۇ، ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى ئىنكار قىلىش بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، يوقلۇق مۇھىتىغا چۆكۈپ كەتكەنلىكتۇر» دەيدۇ. ئەمدى، ساتېل بولسا سەل ـ پەل باشقىچە تۇس بىلەن: «مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن بۇرۇن تۇرىدۇ، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ مەنىسى ئادەم بۇرۇن مەۋجۇت، ئاندىن قالسا، يا ئۇ، يا بۇ» دەيدۇ، بۇنىڭدىن چۈشىنىشلىككى، مەۋجۇتچىلىق «مەن»نى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قاراپ، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر «مەن»دىن ئايرىلغان ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەپ ھىساپلايدۇ. مەۋجۇتچىلىق ئوبېكتىپ قانۇنىيەت ۋە ئوبېكتىپ قانۇنىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي بىلىشنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ، پەندە تەتبىق قىلىنغان كاتېگورىيىلەر، مەسىلەن: تەبىئى پەندىكى ماسسا، ئېنىرتسىيە، قانۇنىيەت، سەۋەبىيەت قاتارلىقلار مۇتلەق بىلگىلى بولمايدىغان، ئەڭ كۆپ دىگەندىمۇ پەقەت بايقىۋېلىنغان نەرسىنىڭ قورۇق ماركىسىنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ، جاسپېرس ناھايىتى يالىڭاچ ھالدا: «بىز رىئاللىقنى بىلىشكە ئۇرۇنساقلا، رىئاللىق دەرھال يوقىلىدۇ»دەيدۇ. مەۋجۇتچىلىق تەرەپتارلىرى بىلگىلى بولماستىن نەزىرىيىسىنىڭ ئاكتىپ تەرغىباتچىلىرىدۇر. ئۇلار، ئىلىم ـ پەن بىلەن پەلسەپىنىڭ ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇ يەردىكى: پەلسەپىنىڭ يولى ـ «ئابىستىراكىت تەپەككۇر قىلىش ئەمەس»، شۇنداقلا ئىلىم ـ پەننى دوراپ پاكىتلارغا مۇراجەت قىلىشمۇ ئەمەس، بەلكى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان سىرلىق نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئۆزىنى بىلگىلى بولماسلىققا ئوىشاپ كېتىدىغان ۋە ئەقلىي بولمىغان نەرسىلەر بىلەن قانائەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت، دەپ ھىسابلايدۇ. مەۋجۇتچىلىق ئەنە شۇ بىلگىلى بولماسلىق نەزىرىيىسى ئارقىلىق، توغرىدىن ـ توغرا، ئەقىلغا قارشى بولغان سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى. مەۋجۇتچىلىقنىڭ ھازىرقى زامان بۇرژۇئا پەلسەپىسىدە ئىپادىلىگەن بىر روشەن ئالاھىدىلىگى شۇكى، ئۇ دىلخەستىلىك، قورقۇنچ، ئۇمىتسىزلىك، ئۆلۈم ۋاھاكازالارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي تەتقىقات تېمىسى قىلىدۇ. مەۋجۇتچىلىق تەرەپتارلىرى: ئەتراپتىكى دۇنيا «مەن» بىلەن ھەرگىز سىغىشالمايدۇ ئۇلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن،. ھەر بىر ئادەم يەككە ـ يىگانىلىق ھىس قىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا «تاشلانغانلىغى»نى بىلمەيدۇ، شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۆز ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىنى ئۆزىگە يات ـ خەتەرلىك ھىس قىلىدۇ، ھەممە نەرسىنى «قورقۇنچ»لۇق ھىس قىلىدۇ، ئەڭ چوڭ «قورقۇنچ» ئۆلۈمدۇر، دەپ ھىساپلايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇقەررەر تەقدىرى بولۇش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى مەۋجۇدىيەتنى بىلىشنىڭ بىردىن ـ بىر يولى دەپ ھىسابلايدۇ. ھېيدېگېر: ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇغى ـ «ئۆلۈمگە قاراپ مېڭىشنىڭ مەۋجۇتلۇغىدۇر» دەيدۇ، جاسپېرس: «پەلسەپىنى تەتقىق قىلىش ئۆلۈمنى تەتتىق قىلىش دىمەكتۇر» دەيدۇ. ئەكسىيەتچىلىكتە ئەنە شۇنداق چېكىدىن ئاشقان دېكادېنتلىق نۇقتىئىنەزەر مەۋجۇتچىلىقنى كاپىتالىزم دۇنياسىدا ئىنتايىن يامان تەسىرگە ئىگە قىلدى.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 442 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01