يەتتە بۆرە شىركىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
        ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ناخشىچى چى چىن «شىمالدىن كەلگەن بۆرە» ناملىق ناخشىسى بىلەن سانسىز ناخشا مەستانىلىرىنى مەست قىلىپ، داڭلىق ناخشا چولپىنىغا ئايلانغانىدى. ئون نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، جۇ شاۋشيوڭ رەھبەرلىكىدىكى فۇجىيەن «يەتتە بۆرە» شىركىتى ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈكى بىلەن فۇجىيەن ئۆلكىسىدىكى پاي چېكىنى شېنجېن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پاي چېكى بازىرىغا سالغان تۇنجى كىيىم-كېچەك كارخانىسىغا ئايلاندى.
     جۇ شاۋشيوڭ قانداق قىلىپ «يەتتە بۆرە» شىركىتىنى بىر كىچىك يېزا- بازار كارخانىسىدىن پاي چېكى بازارغا سېلىنغان چوڭ شىركەتكە ئايلاندۇرالىدى؟ يەنە قانداق قىلىپ 2004-يىلى پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىنى 2008-يىلى283مىلىيۇن خەلق پۇلى مەبلىغى بار جۇڭگۇدىكى 500-كۈچلۈك كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقالىدى؟
    «يەتتە بۆرە» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جۇ شاۋشيوڭنىڭ تۇنجى قەدىمى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ قەدەممۇ ئەمەس. جۇ شاۋشيوڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي «كۆرۈپ باقمامدىم، ھەر قانچە بولسىمۇ ئاچ قالماسمەن» دېگەن نىيەتتە ئۆيىدىن ئايرىلدى.
    ئۇ دەسلەپتە ئىشنى رەخت سودىسىدىن باشلىدى. تەجرىبىسى كەمچىل ھەم ياش بولغاچقا، پۇل تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشمۇ ئۇنىڭغا خېلى تەسكە توختىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ قىلچە ئۆمىدسىزلەنمەي داۋاملىق پۇرسەت كۈتتى. بىر نەچچە يىل سودا قىلىش جەريانىدا، ئۇ جۇڭگونىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ چىقتى. بۇ جەرياندا يەتكۈچە جاپامۇ تارتتى، شۇنداقلا ئازراق پۇلمۇ تاپتى، مۇھىمى، جاپا- مۇشەققەت ئۇنى ئىگىلمەس، سەۋرچان ۋە سەزگۈر قىلىپ تاۋلىدى.
    جۇ شاۋشيوڭ مۇنداق دېدى:
   - ئەينى چاغدا جۇڭگونىڭ كىيىم- كېچەك كارخانىلىرىدا ماركا ئېڭى يوق ئىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ماركىنى پەقەت كىيىم- كېچەككە چاپلانغان چىرايلىق نەقىش دەپ قارايتتى.
   1985- يىلى فۇجىيەننىڭ بىر دېڭىز ياقىسىدىكى كىچىك بازاردا «جىنجىياڭ جىنجىنچياۋ كىيىم- كېچەك زاۋۇتى» دەپ نام قويۇلغان بىر كىچىك كارخانا قۇرۇلدى. مانا بۇ ئەڭ دەسلەپكى «يەتتە بۆرە» ئىدى. جۇ شاۋشيوڭنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئەڭ دەسلەپتە بۇ شىركەت پەقەت ئۇششاق تىجارەت قىلىدىغان، رەخت ئېلىپ- ساتىدىغان شىركەت ئىدى. ئىككى- ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇلاردا كىيىم- كېچەك سودىسى قىلىش ئويى تۇغۇلغان، شۇنىڭ بىلەن كىيىم- كېچەك زاۋۇتى قۇرۇلغان. باشقا تىجارەتچىلەرگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان تەرىپى جۇ ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئاكا- ئۇكىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى خىزمەت ئورنى بار ئىدى. جۇ داجۇ بانكىدا، جۇ شاۋشيوڭ شىنخۇا كىتابخانىسىدا ئىشلەيتتى. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئەينى چاغدا «تۆمۈر تاۋاق» دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا «تۆمۈر تاۋاق»نى تاشلىۋېتىپ سودا بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. تىجارەت قىلىش جەريانىدا جۇ شاۋشيوڭ يەرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم- كېچەكلەر بىلەن چەت ئەللەردىن كەلتۈرۈلگەن، مەيدىسىگە ماركا چاپلانغان كىيىم- كېچەكلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئاسمان- زىمىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ھەم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش خىيالىغا كىلىپ ئىرادە تىكلىدى. شۇنداق قىلىپ، كۈچلۈك بولغان ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى ئۇ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ قەلبىدە بىخلىنىشقا باشلىدى. ئۇلار بىر يەرگە كېلىپ، چەت ئەللەردىن كەلتۈرۈلگەن ھەر- خىل ماركا نۇسخىلىرىغا قاراپ، بىر مەيدان بەس- مۇنازىرە، دە- تالاشتىن كېيىن، ئاخىرى بۆرىنى تاللىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۆرە كوللىكتىپ روھى ئىنتايىن كۈچلۈك ھايۋان بولۇپ، چىچەن ھەم چاققان، باتۇر ئىدى. مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەر كارخانىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا كەم بولسا بولمايتتى، يەتتەيلەن ئىگىلىك تىكلىگەچكە «يەتتە بۆرە» دەپ ئىسىم قويدى.
   كۆڭلىگە ياقىدىغان، كارخانا روھىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان شىركەت نامى ئۇلارغا زور روھىي تۆۋرۈك بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئۇلار ئىسمى- جىسمىغا لايىق «يەتتە بۆرە» بولۇش ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلدى.
   1990- يىللىرى «يەتتە بۆرە» كىيىملىرى داڭلىق سودا سارايلاردىن ئورۇن ئېلىپلا قالماي يەنە ناھايىتى ياخشى سېتىلدى. ئەمما «يەتتە بۆرە شىركىتى» كەسپىگە يات بولغان ئۆي- زېمىن ساھەسىگە كۆپ مەبلەغ سېلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەبلەغ ئايلاندۇرۇشتا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. يەنە كىلىپ، ئۇزۇنغا بارماي يەنە بازاردا ساختا «يەتتە بۆرە» ماركىلىق كىيىملەر پەيدا بولدى. ئەينى چاغدا بۇ كىيىم- كېچەك بازىرىدىكى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىش ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن جۇ شاۋشيوڭ ساختا «يەتتە بۆرە» كىيىملىرىنى ئىشلەپچىقارغان نەچچە ئون كارخانىنى سوتقا سۆرەپ چىقتى. «راست- يالغان بۆرە ئۇرۇشى» بىر مەھەل شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى باش خەۋەر بولۇپ قالدى، شۇنداق قىلىپ «يەتتە بۆرە» ئاخىرى نام قازاندى.
    سېتىش مۇتەخەسىسلىرى كېيىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى:
   - ساختىلىققا زەربە بېرىش ۋەقەسى ھەقىقەتەن جۇ شاۋشيوڭنىڭ سېتىش ئىدىيىسىنىڭ باشقىلاردىن ئىلغار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇ شاۋشيوڭ مۇنداق دېدى:- شۇ يىللىرى مەن كۈندە دېگۈدەك پۇل تېپىش ئۈچۈن غەم يەپ يۈردۈم. شىركەت بىر ئىزدا توختاپ قالغان شۇ چاغلاردا، دۆلىتىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىيىم- كېچەك كارخانىلىرى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىزنى ئارقىدا قالدۇردى. نامراتلىق جانغا پاتقاندا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ.
    1995- يىللىرى دۆلىتىمىزدىكى كىيىم- كېچەك كارخانىلىرى سودا سارىيى ۋەكالىتەن سېتىش ياكى توپ سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىناتتى. دەل شۇ چاغدا جۇ شاۋشيوڭ كەسكىنلىك بىلەن ۋەكالەتچىلىك سودا ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۆزگىرىش «يەتتە بۆرە» شىركىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە پۇرسەت ياراتتى. ۋەكالەتچىلىك ئەندىزىسى ھەم نۇرغۇن داڭلىق ماركىلارنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى بولۇپ قالدى.
   2001- يىلىدىن باشلاپ ئاخبارات ۋاستىلىرى «يەتتە بۆرە»نى «ياگېر» قاتارلىق جۇڭگۇنىڭ كېيىم- كېچەك ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن بىللە تىلغا ئېلىشقا باشلىدى. «يەتتە بۆرە» ئاخىرى ئازادە كىيىملەر ساھەسىدە باشلامچى ئورۇنغا چىقتى.
    2002- يىلى جۇ شاۋشيوڭ يەنە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان داڭلىق ناخشىچى چى چىننى «يەتتە بۆرە»نىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
    بۆرىلەر دۇنياسىدا ئىنسانىيەت ئەڭ گۈزەل پەزىلەت دەپ سۈپەتلەپ كېلىۋاتقان- ھەمكارلىق، ساداقەتمەنلىك، ئالماشتۇرۇش، ئەستايىدىللىق، سەۋرچانلىق، چىداملىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر دەل مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىغان بارلىق كىشىلەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر خارەكتېر. جۇ شاۋشيوڭ مۇنداق دەيدۇ: بىز چوقۇم كۈچلۈكلەردىن بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا، بازارلىشىش جەريانىدا ئاجىزلار ھامان شاللىنىپ قالىدۇ، بۇ بىر قانۇنىيەت. ھايات قېلىش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ماسلىشىشچان بولۇشىمىز كېرەك. پەقەت بۆرىگە ئوخشاش نىشانىمىزدىن كۆزىمىزنى ئۈزمەي، ئۆزىمىزگە ۋە ھەمراھلىرىمىزغا ئىشىنىپ، ئالغا ئىنتىلسەكلا ھەر قانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز. كوللېكتىپ روھ «يەتتە بۆرە»نىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ھالقا. بىزنىڭ نىشانىمىز دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كىيىم- كېچەك گۇروھ شىركىتىگە ئايلىنىش.[qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:28:17]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 776 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01