ناتورالىزم=Naturalism=自然主义

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش
         ناتورالىزم بىر تۈرلۈك ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئېقىمى بولۇپ، 19 ـ ئەسىرىدىكى فرانسىيە روماتىزمىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن. 19 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رومانتىزم ئەدەبىياتنىڭ دەۋر سۈرگەن مەزگىلى ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىدە رومانتىزمغا قارىش بولغان ناتورالىزم بالىققا كېلىدۇ ھەمدە ياوروپادىكى بىرمۇنچە دۆلەتلەرنىڭ ئەەبىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. داڭلىق يازغۇچى فلوبر 50 ـ يىلارنىڭ باشلىرىدىلا «يېزىقچىلىقتا ئېغىپ كەتمەي، ئۆز ئەينەنلىكىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن قانۇننىڭ ھەيۋىتىنى ۋە ئىلمىي دەلىللىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ»دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەدەبىياتتىكى ئېغىپ كېتىش خاھىشلىرىغا قارشى تۇرغان. ناتورالىزمنىڭ پەلسەپە ئاساسى ئوبيېكتىۋىزمدۇر.
    1858 ـ يىلى ئوبيېكتىۋىزمچى پەيلاسوپ ۋە سەنئەت نەزەرىيىچىسى تېنا ناتورالىزم تۇمۇشنى كۆزىتىپ، ئاندىن ئۇنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەسۋىرلەشتۈر، دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدى. 19 ـ ئەسىرنىڭ 60 ـ يىللىرىدىن باشلاپ زولا بىرمۇنچە ئەسىرىدە ناتورالىزملىق كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ناتورالىزم ئەدەبىياتىنىڭ سىستېمىلىق نەزەرىيىسى شەكىللىنىدۇ.
    ناتورالىزم تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە:
    1. ھەممىنى ئوبيېكتىۋىزملىق بىلەن تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە مۇجەسسەم قىلىپ، ئادەم بىلەن جانلىقلارنى باراۋەر، ئوخشاش ئورۇنغا قويىدۇ. فاتولىزم يازغۇچىلىرى ئەدەبىيات ئەسەرلىرىدە فىزىئولوگىيە، ئېرسىيەتشۇناسلىق، كلىنىكا پاتالوگىيىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئادەم ئورگانىزمىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن دوختۇرنىڭ ۋەزىپىسىنى باراۋەر ئورۇنغا قويىدۇ. زولانىڭ قارىشىچە، ئادەم «تۇپراق بىلەن ھاۋادىن بارلىققا كەلگەن، ئۇ خۇددى ئۆسۈملۈككە ئوخشايدۇ. ماڭا نىسبەتەن، ئەڭ مۇھىمى ساپ ناتورالىزمچى، ساپ فىزىئولوگىك بولۇش»دەيدۇ. ئۇ دەل مۇشۇ خىل نۇقتىئىنەزەر بىلەن كىشىلىك جەمئىيەتنى كۆزىتىدۇ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى ئىجتىمائىي تۈزۈم جەھەتتىن تەتقىق قىلماستىن، بەلكى كىشىلىك جەمىئىيەتنىڭ كېسەللىكلىرىنى بىئولوگىيە ۋە پاتالوگىيە جەھەتتىن ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئادەمنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرىنى نەزىرىدىن ساقىت قىلىدۇ.
   2. شەيئىلەرنىڭ سىرتقى چىنلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، رېئال تۇرمۇشنىڭ سىرتقى ھادىسىلىرىنى خاتىرىلەيدۇ. ناتورالىزم يازغۇچىسى تۇرمۇشنى تىپىكلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ تەسۋىرلىگەنلىرى ماھىيەتلىك بولمىغان ئايرىم ھادىسىلەر، يەنى تۇرمۇشتىكى تاسادىپىيلىقلار، ئاندا ـ مۇندا ئىشلار ۋە ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن ئىبارەت، ناتورالىزم يازغۇچىلىرى ئەدەبىياتتىكى خاھىشچانلىققا قارشى تۇرۇپ، رېئال تۈرمۇشنى ئۆز پېتىچە ئوبيېكتىپ تەسۋىرلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. زولا مۇنداق دەيدۇ: «مەن نېمىنى كۆرسەم، شۇنى دەيمەن. مەن ئۇنى جۈملىمۇ جۈملە خاتىرىلىۋالىمەن، پەقەت مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ، ئەخلاقىي تەنبىھلەرنى ئەخلاقشۇناسلارنىڭ ئىشلىشىگە قالدۇرىمەن».
    3. ناتورالىزم بىلەن رومانتىزم بىر ـ بىرىگە قارىمۇ قارشى ئېقىم. ناتورالىزم يازغۇچىلىرى رومانتىزم ئەدەبىياتنىڭ سۇبيېكتىپ قىزغىنلىق ۋە كۆپتۈرۈۋېتىشىگە ھەمدە ئۇلار ياراتقان قەھرىمان پېرسوناژلارغا قارشى تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدامچى يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قەھرىمان پېرسوناژلارغىمۇ قارشى تۇرىدۇ. ئۇلار ئادەتتىكى ۋە ئاددىي شەخسلەرنى يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ناتورالىزم ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرىدىن فرانسىيىدىن زولا، گوڭگۇر ئاكا ـ ئۇكىلار، گېرمانىيىدىن خپتمان ۋە بېلگىيىدىن لېرمېنسىيىن قاتارلىقلار بار.
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 456 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01