خەتكۈچ: مايكول جېكسون؛ چولپان؛ ئامېرىكا مۇزىكا چوڭ مۇكاپاتى؛ ئۆلۈم؛
چوققىلاش 19 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشئاممىباب مۇزىكا شاھى- مايكول جېكسون
يىلتىزى: ئۇلۇغ بوۋىسى ئافرىقىنىڭ مالدىۋى ئەتراپىدىن ئەنگىلىيە دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن، بوۋىسى ۋېنگىرىيە شىتاتىدىن ئىندىئانا شىتاتىغا كۆچۈپ كەلگەن. ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ : ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﻪﺳﭙﻰ : ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ، ﻛﻮﻣﭙﯘﺯﯦﺘﻮﺭ ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ، ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﺵ ، ﺭﯦﮋﯨﺴﺴﻮﺭ ، ﺋﺎﺭﺗﯩﺲ ﯞﻩ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﻰ . قىزىقىشى: ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ، ﻣﺎﻱ ﺑﻮﻳﺎﻕ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﺶ ، ﺗﯧﺰ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﺳﯩﺰﯨﺶ ، ﮔﯘﻣﭙﺎ ﻣﻪﺷﻘﻰ ( ﺟﻮﯕﮕﯘ ﮔﯘﻣﭙﯩﺴﻰ ، ﺗﺎﻳﻼﻧﺪﭼﻪ ﻣﯘﺷﺘﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺭﻭﺩﺍﯞﭼﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ) . ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﺶ ، ﻛﺎﺭﺗﻮﻥ ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ، ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ.
1987-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ بىرىنچى ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ 36 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﺮﻯ : 《Off The Wall》 《Thriller》《Bad》《Dangerous》《History 》 《Blood On The Dancefloor》 ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺴﻰ : < ﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﺶ > ، < ﺗﯩﺘﺮﻩﯕﮕﯜ > ، < ﺋﻪﺳﻜﻰ > ، < ﺧﻪﺗﻪﺭ > ، < ﺗﺎﺭﯨﺦ > ، < ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ > ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ.
1984-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 16-ﻛﯜﻧﻰ 11-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ < ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ> ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 8 ﺧﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﺷﯩﭗ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﻨﻰ ﺯﯨﻞ- ﺯﯨﻠﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ 2- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻟﯘﻣﺒﯩﻴﻪ ﺷﯧﺮﻛﯩﺘﻰ < ﺗﯩﺘﺮﻩﯕﮕﯜ > ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﻜﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﭖ ﻧﯩﻴﻮ ﻳﻮﺭﻙ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ پىرىزدېنت ﺭﯦﮕﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﭘﯩﻘﯩﺴﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻚ ﺗﯧﻠﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
يەر شارىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ، نەچچە يىل بۇرۇن يالىڭاچ قىزلارنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ئۇسسۇل ئويناتقان ناخشا چولپىنى مايكول جېكسون ئەپەندى ،ھەج قىلىپ كەلگەندىن كېيىن مۇسۇلمان بولدى دىگەن خەۋەر تارقالغان.(ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن ) مايكول جېكسون ناخشىنى ياخشى ئېيتىش بىلەن بىرگە، قىرائەتنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇ. ( ئۇ قاتاردا بىر نەچچە يىل ئەرەب تىلى ئۆگىنىپ، مەخسۇس ئىسلامنى كۈيلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتقان) تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بىر نەچچە پارچە رەسىملىرى:مەزكۇر ئۇچۇرلار ئىنتېرنېتتىن يىغىلغان. ﻣﺎﻳﻜﻮﻝ ﺟﯧﻜﺴﻮﻥ 1958-ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ :Michael Joseph Jackson ( ﻣﺎﻳﻜﻮﻝ ﻳﻮﺯﯨﻒ ﺟﯧﻜﺴﻮﻥ ). ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ : ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻰ . تولۇقلىما: بۇرۇن بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن مودا ناخشا پادىشاھى مايكول جېكسون شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى لوندوندا ئۆزىنىڭ سەھنىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى،شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئەنگىلىيەدە ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقچى،بۇ 50 ياشقا كىرگەن چولپان 7-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا قەددىنى قايتىدىن رۇسلىماقچى بولغانىدى. مايكول جېكسون ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىنتايىن روھلۇق بۇلۇپ،قايتا -قايتا غەلبىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قول ئىشارىتى قىلدى.
مايكول جېكسون 1958-يىلى8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامىرىكىنىڭ ئىندىيانا شىتاتىدا تۇغۇلغان. 1963-يىلى <بەش ئاكا-ئۇكا جېكسون > مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. 1971-يىلى مايكول جېكسون تۇنجى ناخشىسىنى ئېلان قىلغان.「Got to be there」 1979 -يىلىدىن باشلاپ مودا موزىكا ساھەسى مايكول جېكسون دەۋرىگە قەدەم قويغان، ئۇنىڭ 「Off The Wall」 پىلاستىنكىسى يالغۇز ئامىرىكىدىلا 700 مىڭ دانە سېتىلىپ ، رەت تەرتىۋىدە تاكى 1984 -يىلىغىچە1- ئورۇندا تۇرغان . 1982-يىلى ئېلان قىلىنغان پىلاستىنكىسى「Thriller」 ئۇدا 37 ھەپتە سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە چىمپىيون بولغان، گىراممىي ناخشا مۇكاپاىتىنىڭ 12 تۈرىدە نامى ئاتىلىپ 7 تۈرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، 1989 -يىلىغىچە 44 مىليون 300 مىڭ دانە سېتىلغان ،بۇ سان ھازىرمۇ ئېشىپ بارماقتا. 1987-يىلى ئېلان قىلىنغان پىلاستىنكىسى 《Bad》 يەرشارى بويىچە 29 مىليون دانە سېتىلغان ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تېرىسى بارا -بارا ئاقىرىشقا باشلىغان.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 19
>