سېھرىي رېئالىزم=魔幻现实主义=magic realism

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

سېھرىي رېئالىزم توغرىسىدا

غوپۇر نۇرىدىن

 سېھرىي رېئالىزىمدىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي ئېقىم گەرچە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىسپان تىلى ئەدەبىيات تۇپرىقىدا مەيدانغا كېلىپ روناق تاپقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپتە لاتىن ئامېرىكىسىدا ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپادا، ئېنىقراقى گېرمانىيىدە بارلىققا كەلگەن. گېرمانىيىلىك ئەدەبىي تەنقىدچى فرانس رو ئۆزىنىڭ 1925 ـ يىلى ئېلان قىلغان «سېھرىي رېئالىزم. كېيىنكى مودېرنىزمچىلار. ھازىرقى ياۋروپا رەسسامچىلىقىدىكى بىر قانچە مەسىلە» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدە تۈنجى قېتىم بۇ ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىپ، كېيىنكى مودېرنىزمچى رەسساملار ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. فرانس رو بۇ ئاتالغۇنى ئىزاھلىغاندا ئۆزىنىڭ « magic »دېگەن بۇ سۆزنى پەقەت «سىرلىق» دېگەن سۆزدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈنلا ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ سېھرىي رېئالىزمدىكى «سىرلىق» لىقنىڭ ھەرگىزمۇ ئىپادىلىگەندىن كېيىنكى سىرلىقلىق بولماستىن، بەلكى شەيئىلەرنىڭ ئۆزىگە يوشۇرۇنۇپ، باشتىن ـ ئاخىر پائالىيەتتە تۇرىدىغان بىر خىل سىرلىقلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. سېھرىي رېئالىزم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىسپانىيىدە چىقىدىغان «غەرب»ژۇرنىلىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسپان تىلى ئەدەبىيات دۇنياسىغا كىرگەن. سېھرىي رېئالىزمدىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي ئېقىمنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ ئاتالغۇنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. سېھرىي رېئالىزم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىسپان تىلىدا « Realismo magico » دېيىلىدۇ. ئىنگلىز تىلى. فرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى ۋە لاتىن تىلى سىستېمىسىدىكى باشقا تىللاردىمۇ مەنىسى كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.«Realismo »دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا شۇ پېتى ئېلىنىۋەرگەچكە، مەزمۇنى شۇ پېتى ئىپادىلىنىۋېرىدۇ. ئەمما«magico»دېگەن سۆزنى «سېھرىي»دەپ ئالغاندا گەرچە ئاساسىي مەزمۇنى خېلى جايىدا ئىپادىلەنسىمۇ، ئەمما يەنىلا شۇ سۆزنىڭ تەڭ قىممەتلىك تەرجىمىسى ئەمەس. غەرب تىللىرىنىڭ لۇغەتلىرىدە«magic»دېگەن بۇ سۆز «سېھىرلىك»، ئاجايىپلىق»، «ئۇدۇل كېلىپ قېلىش»، «تاسادىپىي ئۆزگىرىش»، «ئەقىلگە سىغماسلىق، ئويلىمىغان يەردىن چىقماق»... دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە خىيالىي ۋە خىيالىي تەسىرات دېگەن ئۇقۇملار ئىپادىلەنمەيدۇ. بۇ ئاساستىن قارىغاندا، سېھرىي رېئالىزم ھەرگىزمۇ ئاجايىپ ـ غارايىپلىق ۋە بىمەنىلىك يېزىلىدىغان ئەدەبىيات ئەمەس ياكى ئۇنى فانتازىيە بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بارلىق غەلىتە سۈژتلىك ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنىلا نۇقۇل ھالدا سېھرىي رېئالىزم كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈشكىمۇ بولمايدۇ. سېھرىي رېئالىزم دېگەن زادى نېمە؟ مېكىسكىلىق مەشھۇر ئەدەبىي ئوبزورچى لوئىس لېئار ئۆزىنىڭ «ئىسپان تىلى ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى سېھرىي رېئالىزم» دېگەن ئوبزورىدا بىر قەدەر ئىلمىي يوسۇندا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق تەبىر بەرگەن: «سېھرىي رېئالىزمنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھەرگىزمۇ بىريۈرۈش پېرسوناژلارنى ياكى خىيالىي دۇنيانى توقۇلما قىلىش ئەمەس، بەلكى ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق مۇناسىۋەتلەرنى تېپىش، سىرلىق تۈس ئالغان رېئاللىقنىڭ ئوبېكتىپ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشى سېھرىي رېئالىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەتنى مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن.» ئەدەبىيات تارىخىدىكى خىلمۇ خىل ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ مەيدانغا كېلىش قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا، سېھرىي رېئالىزمنىڭمۇ مۇكەممەل بىر جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيە سەھپىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سېھرىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىقنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى سۈپىتىدە مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 ـ يىللىرى ۋە 40 ـ يىللىرىنىڭ باشلىرىدا مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. 40 ـ يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە نەزەرىيە تەتقىقاتى باشلىنىپ، بىر مۇكەممەل گەۋدە سۈپىتىدە تەدرىجى ۋايىغا يېتىپ 70 ـ يىللاردا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. سېھرىي رېئالىزمدىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي ئېقىمنىڭ شەكللىنىشىگە ئەمەلىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۆھپە قوشۇش بىلەنلا قالماي نەزەرىيە جەھەتتىكى تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كۆزگە كۆرۈنىگەن يازغۇچىلاردىن ۋېنېسۇئېلالىق ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى ئۇسلار پىئېترى«1906 ـ2001»، كۇبالىق مەشھۇر يازغۇچى ئالىخو كاپىنتئېر«1904 ـ 1980»، 1967 ـ يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گۇۋاتىىمالالىق يازغۇچى ئانگېل ئاستۇرىئاس«1899 ـ 1974 »قاتارلىقلار بار. بۇ ئۈچ يازغۇچى ھازىر سېھرىي رېئالىزمنىڭ پىشىۋالىرى دېگەن شۆھرەتكە ئىگە. 1955 ـ يىلى مېكسىكىلىق يازغۇچى خۇئان لورىف «1918 ـ »نىڭ «پېتروپالامو»دېگەن پوۋېسنى دۇنياغا سېھرىي رېئالىزملىق ئەدەبىي ئېقىمنىڭ ۋايىغا يەتكەن نامايەندىسى بولۇپ تونۇلدى. شۇندىن ئېتىبارەن سېھرىي رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان ھېكايە، پوۋېست ۋە رومانلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. 1967 ـ يىلىغا كەلگەندە كولۇمبىيە يازغۇچىسى گارسىيا ماركوزنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئەدەبىيات مۇنبىرىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان رومانى «يۈز يىل غېرىبلىق» ئېلان قىلىنىپ، بۇ ئېقىم يۇقىرى پەللىگە يەتتى. نەتىجىدە خۇئان لورىف بىلەن گارسىيا ماركوز سېھرىي رېئالىزمنىڭ ئىككى نەپەر غول يازغۇچىسى دېگەن نامغا ئىگە بولدى. سېھرىي رېئالىزم كاتېرگورىيىسىگە كىرىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى زادى نېمە؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتىنى بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. سېھرىي رېئالىزم يازغۇچىلىرى ئاساسەن ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاڭلىرىدىن پايدىلانغان، يەنى ئىندىئانلارنىڭ يەرلىك ئىدىيىسى ۋە ئەنئەنىۋى ئاڭلىرى سېھرىي رېئالىزملىق تۈسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىندىئانلار بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ روھى دەپ قارايدۇ ياكى «مەۋجۇداتلار روھلۇق نەزەرىيىسى»گە ئىشىنىدۇ. سېھرىي رېئالىزم پىشىۋالىرىدىن بولغان 1967-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى ئاستورىئاس بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «دەريا بويىدا كىر يۇيۇپ ئولتۇرغان ئىندىئان ئايال دەرياغا چۈشۈپ كەتسە، يەرلىك ئىندىئانلار ئۇنى تېيىلىپ چۈشۈپ كەتتى، دەپ ئەمەس، دەريانىڭ روھى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چاقىرىپ كەتتى، دەپ قارايدۇ؛ ئەگەر بىر چەۋەنداز ئاتتىن تاشقا يىقىلىپ چۈشسە ئۇنى ئاتنىڭ ناچارلىقىدىن ياكى ئات مىنىشكە ئۇستا ئەمەسلىكىدىن ئەمەس، تاشنىڭ ئۇنى چاقىرغانلىقىدىن بولغان دەپ قارايدۇ.» ئاستولىئاسنىڭ بۇ سۆزلىرى سېھرىي رېئالىزمنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا بارلىققا كەلگەن «ئاجايىپ رېئاللىق»لارنى چۈشىنىشكە ئالاھىدە ياردەم بېرىدۇ. دەريا، تاش ۋە بارلىق مەۋجۇداتلار نېمە ئۈچۈن سېھرىي رېئالىزم ئېقىمىدىكى ئەدەبىياتتا شۇنداق «ئاجايىپ ـ غارايىپ»ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ؟ سېھرىي رېئالىزىملىق ئەدەبىي ئېقىمنىڭ غول يازغۇچىلىرىدىن گارسىيە ماركوز بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ؛... مومامنىڭ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلىرى بەلكىم ماڭا يېڭى يول ئېچىپ بەرگەنمۇ بولسا كېرەك. مومامنىڭ نەزەرىدە رىۋايەتلەر، ئەپسانىلەر ۋە كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى تەبىئىي ھالدا كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى ئىدى. مەن مومامنى ئەسلىسەملا ئۆزەمنىڭ ھېچقانداق يېڭىلىق ياراتمىغانلىقىمنى، پەقەت نۇرغۇن بېشارەتلىك ھادىسىلەرنى، خەلق ئىچىدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ۋە خۇراپاتلىقلارنى قوبۇل قىلىپ خاتىرىلەپلا قويۇۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىمەن... بۇ ئەھۋاللار بىزدە بۇرۇندىن مەۋجۇت، لاتىن ئامېرىكىسىدا ئەزەلدىن مەۋجۇت، سىز مۇنداق ئىشنى بىلىشىڭىز مۈمكىن: بىزنىڭ ئېلىمىزدە بەزى كىشىلەر كالىنىڭ قورسىقىدىكى مېتىنى ئايەت ئوقۇپلا قۇلىقىدىن چىقىرىۋېتەلەيدۇ، لاتىن ئامېرىكىسىدا بۇنداق ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇڭا «يۈز يىل غېرىبلىق يۈزدە يۈز رېئاللىقنى مەنبە قىلغان.» گارسىيە ماركوزنىڭ بۇ بايانىدىن قارىغاندا، سېھرىي رېئالىزمنىڭ مەنبەسى رېئاللىق بولۇپ، ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭمۇ ئوخشاشلا رېئالىزم ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ئەدەبىيات نەزەرىيىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ سېھرىي رېئالىزم تاسادىپىي نەرسە ئەمەس، بەلكى سۈر رېئالىزمغا ۋارىسلىق قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. ئاستولىئاس لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەم ھازىرقى زامان ئېڭى، ھەم قەدىمىي ئىندىئانلار ئەقىدىلىرى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ رېئاللىققا ئاساسەن ياۋروپادىكى سۈر رېئالىزم ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سېھرىي رېئالىزمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس ياراتقان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، سېھرىي رېئالىزمنى نەزەرىيە جەھەتتە سۈر رېئالىزمنى ئاساس قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. سېھرىي رېئالىزمنىڭ ئىككى نەپەر غول يازغۇچىسىنىڭ بىرى بولغان گارسىيا ماركوزنىڭ «قاناتلىق بوۋاي» ناملىق ھېكايىسىمۇ بۇ ئەدەبىي ئېقىمنىڭ ۋەكىل خاراكتىېرلىك ئەسەرلىرىدىن بىرى. بۇ ھېكايىدىكى ئاجايىپ پېرسوناژ قاناتلىق بوۋاينىڭ ئۆزى سېھرىي رېئالىزم ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ مەھسۇلى. ئەمەلىيتتە، ئاپتور ياراتقان بۇ پېرسوناژ لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي روھىنىڭ سىمۋولى، بۇ روھ بۇرۇن گۈزەل پەرىشتىگە ئوخشاش كىشىلەرگە بەخت كەلتۈرگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كاپىتالىزم جەمىيىتى ئۇنى دەپسەندە قىلىپ قېرىتىپ بىر ئاجايىپ مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بىراۋو ئەر ـ خوتون ئىككىسى ھازىرقى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئوتتۇرا تەبىقىنىڭ ۋەكىلى. ئۇلار ئەنئەنىۋى مىللىي روھنى تاۋار قاتارىدا سېتىپ پايدا ئالىدۇ، ئۇنىڭ ھايات ـ ماماتى بىلەن كارى بولمايدۇ. پوپ گونساكا بولسا ھازىرقى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن دىننىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەت شەكلىنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ قاناتلىق بوۋايغا بولغان مۇئامىلىسى دەل لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كاتولىك ھېركاۋلىرى بىلەن ھۆكۈمران سىنىپنىڭ مىللىي روھقا بولغان مۇئامىلىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلار، ئەمەلىيەتتە ئۇلار خەلق ئىچىدىكى مىللىي روھنىڭ تەسىرىنى تازىلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئاپتور ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا قاناتلىق بوۋاينىڭ يېڭى ھاياتغا ئېرىشىپ ئۇچۇپ كەتكەلىكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى مىللىي روھنىڭ ھالاك بولمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە قايتىپ كېلىپ، يېڭى باشتىن روناق تاپىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ، مانا بۇ ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئۈمىدى. يۇقىرىقى ھېكايىدىن بىز ئادەتتە قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىتىلىستىكا ۋاستىلىرىدىن مۇبالىغىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈۋالىمىز. بۇ سېھرىي رېئالىزمدا باياننىڭ ۋاقىت تەرتىپىنىڭ ئاجايىپلىقىدىن باشقا يەنە مۇبالىغىدىمۇ ئالاھىدىلىك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سېھرىي رېئالىزم يازغۇچىلىرى مۇبالىغە ھەققىدىمۇ كۆپ توختالغان. بۇ ھەقتە گارسىيە ماركوز مۇنداق دەيدۇ: «مۇبالىغە ئەدەبىي ۋاستە ئەمەس، بۇنداق ھەددىدىن ئاشقان مۇبالىغىمۇ رېئاللىقنىڭ بىر قىسىمى. چۈنكى رېئاللىقنىڭ ئۆزى مۇبالىغىلەشكەن، ئۇ يازغۇچىلارغا ھامان نۇرغۇن جىددىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، بۇنداق رېئالىقىنى ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق سۆز تاپالماسلىق قاتارلىقلار... «بورانلىق يامغۇر» دېگەن بۇ سۆزنى ئالساق، بۇ سۆز ياۋروپالىق كىتابخاننىڭ كاللىسىدا بىر خىل ئۇقۇم شەكىللەندۈرسە، بىزنىڭ كاللىمىزدا باشقا بىر خىل ئۇقۇم شەكىللەندۈرىدۇ؛ «يامغۇر» دېگەن سۆزمۇ ئوخشاش، ياۋروپانىڭ يامغۇرى بىلەن ئېكۋاتور رايوننىڭ يامغۇرى زادىلا بىر ـ بىرىگە ئوخشاشمايدۇ، مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتقان شىددەتلىك دەريالار، يەر ـ زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ چۈشىدىغان بورانلىق يامغۇر ۋە ئۆيلەرنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان قارا بورانلار ھەرگىزمۇ قۇرۇقتىن ـ قۇرۇق تەسەۋۋۇر قىلىنغان نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى بىزنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرغان مۇشۇ تەبىئەتنىڭ قۇدرىتىدۇر... بىز چوڭ بىر دەريا ھەققىدە توختالساق، ياۋروپالىق بىر كىتابخاننىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدىغىنى، ئېشىپ كەتسە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى ئاران 2790 كلومېتر كېلىدىغان دوناي دەرياسى بولىدۇ. ئەگەر بىرى تەسۋىرلەپ بەرمىسە مۇنداق كىتابخان ئامازونكا دەرياسىنىڭ مەنزىرىسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلالىسۇن؟... مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئامازونكا دەرياسىنىڭ يۇقىىر ئېقىنىنى ساياھەت قىلغان گوللاندىيىلىك ئېكىسپىدىيسىيىچى ئې.ب. گراغنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇخۇمنى چىلاپ قويسا بەش مىنۇتتىلا پىشىدىغان بىر دەريانى كۆرگەن. ئۇ يەنە شۇنداق بىر جايدىن ئۆتكەنكى، ئۇ يەردە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۆزلىگىلى بولمايدىكەن، سۆزلەپلا قويسىڭىز يامغۇر يېغىپ كېتىدىغان . مەن كولۇمبىيىنىڭ كارايىپ دېڭىزى بويىدىكى بىر جايدا بىر ئادەمنىڭ قۇلىقىنى قۇرت بېسىپ كەتكەن بىر كالىغا قاراپ ئايەت ئۇقۇپ ئۇنىڭ قۇلىقىدىكى قۇرتلارنى يەرگە چۈشۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن... يالغۇز مېكسىكىنىلا مىسالغا ئالساق. ئۇ يەردىكى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان رېئاللىقلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن چوڭ ـ چوڭ قامۇسلارنى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ.» گارسىيە ماركوزنىڭ بۇ سۆزلىرى سېھرىي رېئالىزمنىڭ مەنبەسىنىڭ يەنىلا رېئاللىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى جايلاردا قاتتىق يامغۇر توختىماي يېرىم يىل ياغدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، شۇڭا «يۈز يىل غېرىبلىق»تىكى تۆت يىل ئون بىر ئاي ئىككى كۈن يامغۇر ياغدى، دېگەن مۇبالىغە بارلىققا كەلگەن. دېمەك، سېھرىي رېئالىزمدىكى ئاجايىپ مۇبالىغىلەر ئوخشاشلا رېئال ئاساسقا ئىگە مۇبالىغىلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا سىمۋول بىلەن مۇبالىغىنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىمۇ بۇ ئېقىمنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرىدىن بىرى، مەسىلەن، «قاناتلىق بوۋاي» شۇنداق يېزىلغان. گارسىيا ماركوزنىڭ «رېئاللىق نەزەرىيىسى» تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاجايىپلىقلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، بەلكى كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئاقايىپلىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ بۇنداق رېئاللىقنى ئۆز ئىجادىيىتىدە ئىپادىلەپلا قالماي، نەزەرىيە جەھەتتىمۇ شەرھلەپ ئۆتكەن. ئۇ كونكرېت پاكىتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «مېھماندوست دۆلەت دەپ نامى بار چىلىدىن چىقىپ كەتكەن قاچقۇنلارنىڭ سانىلا بىر مىليوندىن ئاشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئون پىرسەنتى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى؛ ئىككى يېرىم مىليون نوپۇسى بار ئۇرۇگۋاي تا ھازىرغىچە مۇشۇ قۇرۇقلۇقىمىزدا ئەڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەت دەپ قارىلىپ كەلگەن، ئەمما بۇ دۆلەتتىكى ھەر بەش ئادەمنىڭ ئارىسىدا بىر ئادەم سۈرگۈن قىلىنىپ ئىز ـ دېرەكسىز يوقالغان...» گارسىيا ماركوز لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاجايىپ مۇستەبىتلىكلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن: «ھايتىدىكى چوڭ دۇئالىئا پۈتۈن مەمىلىكەتتىكى قارا ئىتلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن، چۈنكى ئۇنىڭ بىر سىياسىي رەقىبى بۇ مۇستەبىتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ، بىر قارا ئىتقا ئايلىنىپ كېتىشكىمۇ رازى بولغانىكەن. ۋېنېسۇئېلادىكى روپپى. د، ئاگىلىنىڭ بىر قولى دەريادا بىر قانچە كۈن ئاققان. بۇ كېسىلگەن قولنى كۆرگەنلىكى كىشى، بۇ قاتىل قولنىڭ شۇ ئەھۋالدىمۇ يەنە قىلىچ پۇلاڭلتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تىترىمىگىنى قالمىغان. نىكاراگۇئادىكى سومۇچا گارسىيا ئۆز ھويلىسىغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى سولايدىغان قەپەسلەرنى ياسىتىپ قەپەسلەرنى ئىككىگە بۆلگەن، بىر تەرىپىگە يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، يەنە بىر تەرىپىگە ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى سولىغان.» گارسىيا ماركوز يەنە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى دۆلەتلەردە بىر كېچىدىلا قاراقچىلارنىڭ پادىشاھ، قاچقۇننىڭ گېنېرال، پاھىشە خوتۇننىڭ باش ۋالىي بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسىچە ئەھۋالنىڭمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. گارسىيا ماركوزنىڭ سېھرىي رېئالىزم ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىئىنەزەرنى مۇنداق بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ: بىرىنچى، ئۇمۇ باشقا سېھرىي رېئالىزم يازغۇچىلىرىغا ئوخشاش ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى تۇرمۇش دېگەن كۆز قاراشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن؛ ئىككىنچى. ئۇ سېھرىي رېئالىزمنىڭ پىشۋالىرىغا ئوخشاش، ئەدەبىيات نوقۇل ھالدا رېئاللىقنىڭ كۆچۈرۈلمىسى بولماسلىقى كېرەك، رېئاللىق پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە تاۋلاش ئارقىلىقلا ئەدەبىيات رېئاللىقىغا ئايلىنالايدۇ، دەپ قارىغان؛ ئۈچىنچى، ئەسەردىكى ئاجايىپلىق ئاپتورنىڭ خىيالى ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتا ھەقىقىي مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ئاجايىپ شەيئىلەرنى بايان قىلىش ياكى پىششىقلاپ ئىشلەش بولىدۇ ياكى ئۇ شۇ جايدىكى رىۋايەتلەردىن ۋە ئەنئەنىۋى ئۇقۇملاردىن كېلىدۇ؛ تۆتىنچى، ئاجايىپلىق ئاساسىي سۇژىتنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا مۇھتاج، شۇنداقلا لوگىكىلىق تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقى كېرەك. ئاجايىپلىق پەقەتلا ئەسەرنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى سۇژىتى ياكى تەپسىلاتى، ئەمما ئۇ يەنىلا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ رېئاللىقى، ئۇ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى ۋە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى سۇبيېكتىپ رېئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمەن، سېھرىي رېئالىزمدىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي ئېقىمنىڭ پىشۋالىرى، غول يازغۇچىلىرى ۋە ئادەتتىكى يازغۇچى، ئوبزورچىلىرىنىڭ تەتقىقات ۋە بايانلىرىدىن قارىغاندا، سېھرىي رېئالىزم ئىجادىيىتىدە مەيلى قانچىلىك ئاجايىپ ـ غارايىپلىق، كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك ئىشلار ياكى مۇبالىغىلەر ئىپادىلەنمىسۇن. بۇنىڭ ھەممىسى يەنىلا رېئالىزمدىن ئىبارەت تۈپكى ئۇسۇلدىن چەتنىمىگەن. چۈنكى ئۇ يازغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن توقۇلما قىلىنغان نەرسە بولماستىن پۈتۈنلەي رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەكس ئېتىشى. ئەتراپىمىزدىكى تۇرمۇشنى ئىنچىكىلەپ ئوبدان كۆزىتىپ كۆرىدىغانلا بولساق سېھرىي رېئالىزم كاتېگورىيىسىگە مەنسۈپ ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن تۇرمۇشنىڭ مەيلى تەبىئەت ھادىسلىرى نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش نۇقتىسىدىن بولسۇن تامامەن رېئال دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 357 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01