15-ماي ـ خەلقئارا ئائىلە كۈنى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

15 -ماي - خەلقئارا ئائىلە كۈنى

 2009-يىلىدىكى خەلقئارا ئائىلە كۈنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ئانا ۋە ئائىلە: ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى خىرىس».
    ئىقتىسادنىڭ ئاساسى مېلودىيەگە ئايلىنىشى تۈپەيلى ئائىلە بۇرۇنقىدەك مۇستەھكەم بولماي قالدى.
     ئائىلىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى تۈپەيلى يەر شارىنىڭ كېيىنكى ئىگىلىرىنىڭ ئائىلە مۇھىتى ناچارلىشىپ، ئاتا-ئانىسى ئايرىلىپ تۇرغان ياكى چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك تۈپەيلى بىر-بىرىگە يول قويۇلماي ئايرىلىپ تۇرۇشقا ئوخشاش پايدىسىز بىر ۋەزىيەت داۋاملىق تەرەققى قىلغانلىقتىن 1989 -يىلى 12 -ئايدا 44 - نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشىدە قارار ماقۇللىنىپ، 1994- يىلى «ئائىلە: ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مەسئۇلىيەت» نى ئاساسىي تېما قىلغان «خەلقئارا ئائىلە يىلى» قىلىپ بېكىتىلدى. 1993 - يىلى 2 -ئايدا ب د ت ئىجتىمائىي تەرەققىيات كومىتېتى 1994 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 15 - ماينى «خەلقئارا ئائىلە كۈنى» قىلىشنى جاكارلاپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە جامائەتنىڭ ئائىلە مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ئائىلىدىن ئىبارەت جەمئىيەتتىكى بۇ ئاساسىي بىرلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلدى. ھەر يىلى «خەلقئارا ئائىلە كۈنى» دە بىر پائالىيەت ئاساسىي تېمىسى بولىدۇ. بۇلتۇرقى ئاساسىي تېما «ئاتا ۋە ئائىلە: مەسئۇلىيەت ۋە خىرىس» بولۇپ، بۇ يىلقى «خەلقئارا ئائىلە كۈنى»دە ئائىلىدە ئانىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش بولدى. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ «ھۈجەيرىسى»، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئانا ئائىلىدە مىسلىسىز رول ئوينايدۇ. جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئانىنىڭ دۇچ كەلگەن خىرىسىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، بولۇپمۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىدىغان ئاياللار خىزمەت بېسىمىدىن باشقا يەنە ئائىلىدە ئانا ۋە خوتۇننىڭ رولىنى ياخشى ئويناۋاتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە، كەسىپ بىلەن ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇرغۇن ئانا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون بۇ يىلقى خەلقئارا ئائىلە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ : بىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا تۇرۇپ، خىلمۇ خىل خرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئانىنىڭ ئائىلە ۋە ئەۋلادلارنى بېقىپ تەربىيىلەشتىكى مۇھىم رولى ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى. بان كىمون ئانىلارنى ياخشى داۋالىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى ئازايتىش ھەم تەربىيىنى يولغا قويۇش، ئائىلىگە پايدىلىق سىياسەت تۈزۈش، ئەر – ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئانىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

[biliwal تەستىقلىدى . 2010-5-13 16:26:40]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 386 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01