جوڭگۇ دۇنيادىكى تورغا چىقىدىغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جوڭگۇ دۇنيادىكى تورغا چىقىدىغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى

    مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى ئامېرىكا كەڭ بەلباغ كەسپىي تەشكىلاتى "كەڭ بەلباغ مۇھاكىمە مۇنبىرى" ئېلان قىلغان ستاتېستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- پەسىلدە دۇنيادا كەڭ بەلباغ ئارقىلىق ئىنتىرنىت تورىغا چىقىدىغان ئابونىچى 430 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو كەڭ بەلباغ ئابونىچىسى 88 مىليون 88 مىڭ بولۇپ، داۋاملىق دۇنيادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان، ئامېرىكا 83 مىليون 970 مىڭ ئابونت بىلەن ئىككىنچى، ياپونىيە 30 مىليون 630 مىڭ ئابونت بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. تۆۋەندىكىسى ئابونت سانى ئەڭ كۆپ كۆپەيگەن 10 دۆلەتنىڭ تىزىملىكى:

 

2009-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە دۇنيادىكى كەڭ بەلباغلىق تور ئابوتلىرى سانى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان 20 دۆلەتنىڭ ئابونت سانى 10% ئاشقان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ 13.4%، ئوكرائىنانىڭ15.2%، مىسىرنىڭ 10.6% ، مېكسىكىنىڭ 10.3% ئاشقان. ئىسلام دىنى كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، تۈركىيە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللىگەن بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا تورغا چىققان ئابونتلار قاتارىدا تۈركىيە تۇنجى قېتىم دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 687 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01