نيۇتون (مىلادىيە 1642-1727) ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ زور ئالىم. ئۇ 1642-يىلى مىلاد بايرىمى كۈنى ئېنگلاندنىڭ ۋولسىتوپ دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلدى، شۇ يىلى گالىلېي ۋاپات بولغانىدى. مۇھەممەد (س ئە ۋ) غا ئوخشاش، تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭمۇ دادىسى تۈگەپ كەتكەنىدى. نيۇتوننىڭ بالىلىق دەۋرىدىلا قولى ناھايىتى ئەپچىل بولۇپ، مېخانىك قۇرۇلمىلارنى ياساش قابىلىيىتى كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. گەرچە ئۇ ناھايىتى زېرەك بالا بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپتە چېچىلاڭغۇ بولۇپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئانچە قوزغىيالمىغانىدى. ئۇ ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئاپىسى ئوغلىنى كاتتا دېھقان قىلىپ چىقىش ئارزۇسى بىلەن ئۇنى مەكتەپتىن توختىتىۋالدى. بەختكە يارىشا، ئاپىسى ئوغلىنىڭ ئاساسلىق تالانتى باشقا جەھەتتە ئىكەنلىكىگە قايىل بولدى. ئۇ 18 ياشقا كىرگەندە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان تەبىئەت ۋە ماتېماتىكا بىلىملىرىنى تېزدىن ئىگەللەپ بولۇپلا، ئۆزىنىڭ مەخسۇس تەتقىقاتىغا كىرشىپ كەتتى. نيۇتون 21 يېشىدىن 27 يېشىغىچە ئۆزىگە لازىملىق پەنلەرنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسىنى سېلىۋالدى. نەتىجىدە بۇ ئۇنىڭ كېيىن دۇنيادا بىر قېتىملىق ئىلىم-پەن ئىسلاھاتىنى قوزغىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق قائىدىلىرى»، «يورۇقلۇق ئىلمى» قاتارلىقلار. نيۇتون ئالەمنىڭ تارتىش قانۇنىيىتى ۋە ماددىنىڭ مېخانىك ھەرىكىتىنىڭ 3 تۈرلۈك ئومۇمى قانۇنىيىتىنى كەشپ قىلغان، ئاتاقلىق نيۇتون قانۇنى قەدىمقى كلاسسىك مېخانىكىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولۇپ قالغان. لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى ۋە پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نيۇتون تەلىماتىنىڭ چەكلىمىلىكلىگى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى، مەسىلەن، ئۇنىڭ مېخانىكىسى پەقەت ھەرىكەت سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدىغان ماكرو دۇنياغىلا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەمما مىكرو دۇنيانى ۋە ھەرىكەت سۈرئىتى يورۇقلۇقنىڭ سۈرئىتىگە يېقىنلىشىدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
تەبىئىي پەن ساھەسىدە، نيۇتون ماددا، ماكان ۋە زاماننىڭ ئوبېكتىپلىغى ۋە ئۇنىڭ ئوبېيكتىپ قانۇنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت تەرىپىدىن بىلىۋېلىنىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەردە ئۇ ئىستىخيىلىك ماتېرىئالىزىمچى ئىدى. لېكىن، نىيوتون شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مېخانىست بولۇپ، ماددا بىلەن ھەرىكەتنى، زامان، ماكان بىلەن ماددا، ھەرىكەتنى ئاجرىتىۋېتىدۇ ھەمدە زامان بىلەن ماكاننىمۇ بىر بىرىدىن ئاجرىتىۋېتىدۇ. ئۇ، ماددىنىڭ
خۇسۇسىيىتى ئاتالمىش «ئىنېرتسىيە»دىن ئىبارەت، ماددا پاسسىپ بولىدۇ، ئۆزى ھەرىكەت قىلالمايدۇ، پەقەت تاشقى كۈچلەرنىڭ ماددىغا تەسىر قىلىشى ئارقىسىدىلا ھەرىكەت پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ ھەمدە ھەرىكەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى خۇدانىڭ تۇنجى تۈرتكىسگە باغلايدۇ. ئۇ يەنە زامان ۋە ماكاننى «بوش»، ماددا ۋە ھەرىكەتنىڭ سىرتىدا تۇرىدىغان، ماددا ۋە ھەرىكەت بىلەن ئالاقىسىز نەرسە دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسىگە بېقىنمايدىغان «مۇتلەق زامان» ۋە «مۇتلەق ماكان» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، نيۇتوننىڭ نەزىرىدە، پۈتۈن ئالەم بەزى يەككە، تارقاق، بىر بىرىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ھەمدە بىر ـ بىرىگە مېخانىك تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان جىسىملاردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ، خۇددى مېخانىك ئايلانما ھەرىكەتكە ئوخشاش، دۇنيا تارىختا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ھېچقانداق تەرەققىي قىلمايدۇ.
نيۇتوننىڭ پىكىر قىلىشى تەجرىبىچىلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ رولىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىدۇ ۋە ئومۇملاشتۇرغان چاغدا بىۋاستە ئېرىشكەن تەجرىبە ماتېرىئاللىرىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىدۇ، ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى زور كۆپچىلىك تەبىئىي پەن ئالىملىرىغا ئوخشاش، نەزەرىيىۋى تەپەككۈرنىڭ رولىنى ئىنكار قىلىدۇ ھەمدە بارلىق نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنى «مېتافىزىكا» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«فىزىكا، مېتافىزىكىدىن ھەزەر ئەيلە!». دەل مۇشۇنداق خاتا ئىدىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئەينى ۋاقىتتىكى نۇرغۇنلىغان تەبىئىي پەن ئالىملىرى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، ناھايىتى كۆپ ۋاقتىنى ۋە زېھنى كۈچىنى ئىسراپ قىلغان. مۇشۇنداق مېخانىكىچە مېتافىزىكىلىق نۇقتىئىنەزەر تۈپەيلىدىن، نيۇتوننىڭ ماتېرىيالىزملىق مەيداندا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئىستىخىيىلىك ماتېرىيالىزملىق نۇقتىئىنەزىرى ئۈزۈل ـ كېسىل ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇ مېتافىزىكىدىن ئىدېئالىزمغا قاراپ ماڭدى، ھەتتا دىننى ۋە ئەنگلىيە چېركاۋسىنى ھىمايە قىلىش يۈزىسىدىن نۇتۇق ئېلان قىلدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا «جون كۆرسەتمىلىرىدىن خاتىرە» نى ئىزاھلاش بىلەن بەنت بولۇپ كەتتى. نيۇتون پەلسەپىسىدە ئاشۇنداق ئۈزۈل ـ كېسىلسىزلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەشىپ قىلغان مېخانىكا يەنىلا ماتېرىيالىزملىق تەبىئەت قارىشى ئۈچۈن مەشھۇر تۆھپە ھېسابلىنىدۇ.
نيۇتون پەلسەپىسى 18 ـ ئەسىردىكى فرانسىيە ماتېرىئالىزىمىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى، نيۇتون مېخانىكىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى ماتېرىيالىزم مېخانىتسىزم ئالاھىدىلىگىگە ئىگە بولۇپ قالدى.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>