دۇنيادىكى500كۈچلۈك شىركەت ھەققىدە سۆز

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

دۇنيادىكى500كۈچلۈك شىركەت ھەققىدە سۆز

    دەرۋەقە 7 يىلنىڭ ئالدىدا، »بايلىق« ژورنىلى مۆلچەرلەپ، تازا راۋاج تاپقان تېخنولوگىيە شېركىتى ئۇزۇنغا بارماي دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 500 شېركەتنىڭ ئالدىنقى سېپىنىڭ يەنى ئۆزىنى تازا كۆز-كۆز قىلىۋالغان نېفىت بىلەن ماشىنا شىركەت چوڭ بايلىرىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ، دەپ تەرىپلىگەن. بىراق بىز ھازىر، يۇقىرى پەللىدىكى ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان شېركەتلەرنىڭ زادى كىملەر ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ باقايلى. بۇ يىللىق رەتكە تىزىلىش تىزىملىكىدە ئالدىنقى 10 ئورۇننىڭ ئىچىدىكى شىركەتلەردىن ئالتىسى نېفىت قېزىۋاتىدۇ، ئۈچى بولسا يېقىلغۇ ماي كۆيدۈردىغان ماشىنا ئىشلەپچىقېرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە، ۋوئورما بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شېركەت دەپ ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇنىڭ تىجارەت كىرىمى 3511 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. 2006-يىلى دۇنياۋى سېتىش سېتىۋىلىش بىردىنلا ئۆرلەپ كەتتى، سېتىۋىلىش خىراجىتى 110 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، ئاكسىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ كىرىمى بىردىنلا % 45 ئاشتى ، »مورگىن سىتانلى(61-ئۇرۇندىكى)، »مېيلىن 70-ئورۇندىكى«ۋە »گوشىڭ 72-ئورۇندىكى« لەر بولسا تۇنجى بۇلۇپ ئالدىنقى 75 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر. خام نېفىتنىڭ باھاسى چوڭ كارخانلارنىڭ قوللىشى ئارقىلىق، تەدرېجى ئېشىشى بىلەن ، »ئېكسون موبىل، 2-ئورۇندىكى(395 مىليارد دوللار) دۇنيادىكى پايدىسى ئەڭ مول بولغان شىركەت بۇلۇپ باھالاندى. بەلكى نېفىت ئايرىش ساھەسىنىڭ ئۇمۇمىي تاپقان كىرىمى يەنى (ئىگەللىگىنى) بولسا، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈكنىڭ يەنى(ئەڭ چوڭنىڭ) 21 تۈمەن مىلياردلىق ئومۇمىي تاپقان كىرىمنىڭ% 14دىن ئېشىپ كەتتى. خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تۈرۈلۈپ باستۇرۇپ كېلىشىگە قاراپ ، جۇڭگونىڭ يارايدىغان شېركىتىدىن -جۇڭگو نېفىت خېمىيە شېركىتى يەنى (17-ئورۇندا) ، ھەيران قالارلىق ھالدا ئالدىنقى 20 -ئورۇنغا چىقتى، ئەمما ئالما شېركىتىدەك (367-ئورۇندا) تېخنىكا شىركەتلىرىگە قارىغاندا، ، گەرچە بۇ يىل ئىچىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا، 125 ئورۇن ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ چوققىغا ئۆرلەش يۇلى ئۇزاق. ئەمما ھەممىلا كونا ئىقتىسادى تۈزۈلمىدىكى شېركىتىنىڭ ياخشى يۈرگۈزۈلىشى ناتايىن.فورد شېركىتى ( فورد موتۇر 12-ئورۇندا)، دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى 500 شېركەت قاتارىدىن، تارىختىكى 13 يېلدىن بۇيانقى تۇنجى قىتىملىق 10 -ئورۇندىن تۆۋەن بۇلۇپ كېلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھازىر تىجارەت كىرىمى% 10 ئازايدى، زىيان بولغان كىرىمى بولسا، جەمئىي 126 مىليون دوللار بولدى. ئۇ بولسا بۇ يېلقى زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغان شېركەت، گېنېرال موتور شېركىتىمۇ (GM، 5-ئورۇندا) زىيان تارتتى . خام نېفىت تۆۋەنلىمەيۋاتقان مەزگىلدە(بىرىتانىنىيە نېفىتى) نىڭمۇ كىرىمى يەنىلا %1. 5 تۆۋەنلىدى. لېكىن ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شېركەت تويوتا شىركىتىنىڭ( 16-ئورۇندا) دەرىجىسى ئىككى ھەسسە ئاشتى، كىرىمى% 16كۆتۈرۈلدى. بۇ ئىستىمالچىلارنىڭ ئۇنىڭ ماي تېجەش ماشېنىسىنى ۋە بىرىككەن ئېنىرگىيە ۋاگونىنى تالىشىپ سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا ئۇ گېنىرال موتور شېركىتىدىن ئېشىپ كەتتى، تېجارەت كىرىمى بۇيىچە ھېسابلىغاندا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش شېركىتى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شېركەتنىڭ سودا كېرىمى بولسا% 10. 4ئېشىپ 21 تۈمەن دوللارغا يەتتى. ساپ پايدىسى% 25. 9 گە يېتىپ 1. 5 تۈمەن دوللارغا يەتتى، لېكىن ئېشىش سۈرىتى ئالدىنقى يىلغا يەتمەيدۇ. ئەمما ساپ پايدىنىڭ %7ى ئالدىنقى ھەرقانداق يىلدىكىدىن يۇقىرى بولدى. ۋال سىترىت كوچىسىنىڭ گۈللەنگەن ۋاقتى ئالدىنقى 10 قاتارنىڭ كۆپىنچىسى نېفىت سەركەردىلىرى، ئەمما 25 نىڭ ئىچىدە پۇل-مۇئامىلە شېركەتلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئېگەللىگەن بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ 10 نى پۇل مۇئامىلە شېركەتلىرى . باش ئورۇندا تۇرىدىغىنى گوللاندىيە خەلقئارا گۇرۇھى (ING گۇرۇھى، 13-ئورۇندا)، ئۇنىڭدىن قالسا خۇئاچى بانكىسى (14-ئورۇندا) . ئۆتكەن يىلى ۋال سىترىت كوچىسى ئۈسۈملۈك قەرىز بېرىشتىن ۋە تۇلۇق مەبلەغلىك خۇسۇسىي پايچەكلەرنىڭ مەبلەغ فوندىدىن پايدىلىنىپ، قىممىتى 380 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سودىنى تاماملىدى. ئۆلچەملىك پۇئېر (ئېس&پى) نىڭ باش مەبلەغ سالغۇچىسى بولغان بانكىنىڭ كەسپى تەھلىلىچىسى مارزېۋ ئالبېرىت: «بۇ ھال بولسا پۈتكۈل كەسپى ساھە بۇيىچە زور نەپكە ئىرىشتۈردى، ھەمدە مەسلىھەت سوراش ھەققى ، قەرز ئىلىش، ئىستىمال ھەققىنى ئاشۇردى» دېدى. گوۋ شىڭ شېركىتى ئەڭ چوڭ نەپ ئالغۇچىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆتكەن يىلقى پايدىسى%70 دىن ئېشىپ كەتتى. نەپ ئالغانلار ۋال سىترىت كوچىسىلا ئەمەس. بۇ بىر يىل ئىچىدە پارچە سېتىش بانكا كەسىپلىرى يەرشارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكىلەرنىڭمۇ ئەھۋالى ياخشى بولدى. ياۋروپا قىتئەسىدىكى بانكىلار قىتئە تارىخېدىكى ئەڭ چوڭ بولغان بىر نەچچە سېتىۋىلىشنى تاماملىدى. ئىتالىيەنىڭ بىرلەشمە ئىناۋەتلىك قەرز بانكىسى (97-ئورۇندا)، ئىسپانىيەنىڭ بىلبائو بانكىسى(163-ئورۇندا)، گىرمانىيەنىڭ سودا بانكىسى قاتارلىق ھەممىسى چىگرا ھالقىغان سېتىۋىلىشنى تاماملىدى. جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى (170-ئورۇندا) باشچىلىقىدىكى جۇڭگو بانكىلىرنىڭ ئىپادسى كۆرۈنەرلىك بولدى. سودا-سانائەت بانكىسى 2006-يىلى يەرشارىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ»ئاي پى ئو«نى يولغا قويدى. جۇڭگو يېزا-ئىگىلىك بانكىسى(277-ئورۇندا) ۋېۋىسكا ئېسىپ بازارغا كىرىپ، مۈلۈك قەرز جەدۋىلىنى تۈزگەندە، پايدىسى5 ھەسسىگە يىقىن ئۆرلىگەن . پۈتۈن يەر شارىدىكى بايلىقنىڭ ئېشىشىمۇ خۇسۇسىي خېرىدارلارغا مەخسۇس ئېتىبار بېرىدىغان بانكىلارغا يۇقىرى ساپ قىممەتلىك پايدا كەلتۈردى. »مېيلىن بىلەن كەيجې«شىركىتىنىڭ تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى پۈتۈن يەر شارىدىكى مىليونىرنىڭ سانى % 8 ئېشىپ 9 مىليون 500مىڭ ئادەمگە يەتكەن. شۇنىڭغا خۇسۇسىي بانكا كەسپىي ئەڭ زور بولغان بانكىلارنىڭ بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە كۈنى ناھايىتى ياخشى بولغان. فىرانسىيەنىڭ پارىژ بانكىسى(25-ئورۇندا)، ۋە شىۋىتسارىيەنىڭ شىۋىتسارىيە گۇرۇھى(27-ئۇرۇندا) لارنىڭ رەت ئورنى 7ئورۇن ئۆرلىگەن. ئامېرىكا بولسا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم باشلامچى. ئامېرىكىدىكى 162شېركەتنىڭ تىجارەت كىرىمى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك شېركەت كىرىمىنىڭ 3دەن1دىنمۇ يۇقىرى تۇرىدۇ، بىراق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقدىسادىي گەۋدە بارغانسېرى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنۋېرسال تاۋار، كانۋا، قۇرۇلۇش قاتارلىقلارمۇ بار. فىرانسىيە پارىژ بانكىسىدىكى ئىقتىساد ئالىمى رىچارد : ئامېرىكا دۇنيا ئىقدىسادنى گۈللەندۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر مۇھىم ئورۇن دەيدۇ. بۇ بەلكىم ئازراق ئاشۇرىۋىتىشتۇر. بىراق ھازىر بىر يېڭى ھېكمەتلىك سۆز پەيدا بولدى، ئۇ بولسىمۇ ئەگەر جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى(تەلىپى) بولسىلا، يەنى( ئېھتىياجلىق بولسا)، سېنىڭ چۇقۇم كۈنۈڭ ياخشى بۇلىدۇ، ئەگەر جۇڭگو ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىسىلا سېنىڭ كۈنۈڭ ناچارلىشىدۇ. مانا بۇ سۆز جۇڭگونىڭ شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقانلىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1013 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01