A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ھەققىدە چۈشەنچە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

A تىپلىق H1N1   تارقىلىشچان زۇكام ھەققىدە چۈشەنچە

   نۆۋەتتە كىشىلەر بىر قىسىم دۆلەتلەردە بايقالغان A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. بۇ كېسەل ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپتە مىكسىكىدا بايقالغاندىن تارتىپ،ھازىرغىچە دۇنيادىكى 40دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار مەلۇم بولدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى 3-دەرىجىدىن بەشىنچى دەرىجىگە كۆتۈردى. بۇ تارقىلىشچان زۇكام نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نۇقتا تېمىسىغا ئايلاندى.ئۇنداقتا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى قانداق ۋىرۇس؟ نۆۋەتتە، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ دۆلىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ كىسەلگە قارىتا قانداق ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ؟ 2009-يىلى4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى،مىكسىكىدا بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن بىر قانچە ئون كىشىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ، مىكسىكىغا يېقىن بولغان ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا چوشقا زۇكىمى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى. شۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا بىر ھەپتە بىر ھەپتە ئىچىدە بۇ زۇكام ۋىرۇسى يەنە باشقا دۆلەتلەرگە يامرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىپ، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە، گىرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئىسپانىيە، يېڭى زىللاندىيە، شياڭگاڭ قاتارلىق 20نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا گۇمانىي كېسەل 3000دىن، دىئاگنوز قويۇلۇپ ئىنىقلانغان بىمار 200 نەپەردىن ئاشتى. تەجرىبىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ خىل زۇكام ۋىرۇسى چوشقىدا بولىدىغان زۇكام ۋىرۇسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ،ئەمما بۇ قېتىمقى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقى سەۋەبىدىن 4-ئاينىڭ30-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل تارقىلىشچان زۇكامنى چوشقا زۇكىمى دەپ ئاتىماي، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام دەپ ئاتاشنى ئېلان قىلدى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو شياڭگاڭدا تۇنجى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالدى. تەكشۈرۈشتىن ئىنىقلىنىشىچە، بۇ بىمار مىكسىكىغا ساياھەتكە بېرىپ قايتىپ كەلگەنكەن.5-ئاينىڭ27-كۈنىگىچەدۆلىتىمىزنىڭ سىچۈەن، شەندۇڭ، بېيجىڭ، گۇڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىدا 12 ، شياڭگاڭدا 10 گۇمانى كېسەل بايقىلىپ بۇ كىشىلەرگە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىئاگنوز قۇيۇلدى. 5-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە دۇنيادىكى 47 دۆلەت ۋە رايوندا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 12954دىن ئېشىپ، 92 كىشى بۇ كىسەل سەۋەبىدىن قازا قىلدى. پارتىيە مەركىزى كومىتىتى گوۋۇيۇەن تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىش ،ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا قارىتا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى. گوۋۇيۇەن ئالاقىدار تارماقلاردىن تىزدىن تەدبىر قوللىنىپ، كۈزىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش توغرىسىدا كونكرت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەردىن يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا ئونۋېرسال ئالدىنى ئېلىش،تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ چىگرىدىن كىرگەن يولۇچىلارغا قارىتابەدەن تىمپىراتۇرىسىنى ئۆلچەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىلىپ،گۇمانلىق ئەھۋال بايقالغان يولۇچىلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ،ئايرىپ كۈزىتىشنى يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى. ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە جامائەت ساقلىقنى ساقلاش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىدىن بۇ تارقىلىشچان كىسەللىككە قارىتا تەشۋىق تەربىيىنى كۈچەيتىپ، بۇ خىل كېسەللىك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇردى. گەرچە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ،تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جەھەتتە بىر قاتار ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بۇ جەھەتتە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنى تەتقىق قىلغاندىن كىيىنكى ئانالىزىدىن مەلۇم بولىشىچە، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ دۆلىتىمىزدە تارقىلىش ئېھتىماللىقى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىل كىسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يەنە بەزىبىر يىتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت ئىكەن. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بۇ زۇكامغا قارشى تۇرۇش ۋە مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان ۋە چوڭ تىپتىكى مانىۋىر ئۆتكۈزگەن. ئۇنداقتا، نۆۋەتتە پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا يامرىغان A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى قانداق ۋىرۇس؟ ئۇنىڭ تارقىلىش يوللىرى قانداق؟ بىز ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىشىمىز كېرەك؟قانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى بار؟ Aتىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بولسا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ بىر تۈرى.تارقىلىشچان زۇكامAتىپ،Bتىپ ۋەCتىپتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ.ئۇنىڭA تىپى بولسا كەڭ دائىرىدە تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،كىشىلەرگە بولغان زىيىنى ئېغىر.Bتىپ بولسا تار دائىرىدە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.Cتىپ بولسا تۆۋەن ياشلىقلاردا بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان زۇكام ۋىرۇسى بولۇپ، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلگىنى بولسا Aتىپنىڭ كەنجى تىپى.Aتىپمۇ خىمىيىلىك تەركىبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىنگلىزچىدە قىسقارتىلىپ،H ۋەN ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىپ يەنە نۇرغۇن كەنجى تىپلارغا بۆلۈنىدۇ.Hتىپى بولسا 9تۈرنى N تىپى بولسا 15 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چەت ئەل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى چوشقىلادا ئۇچرايدىغان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن،ئەمما تارقىلىش يوللىرىدا پەرق بار ئىكەن.يەنى بۇ زۇكام ۋىرۇسى چوشقا ۋە قۇشلاردا بولىدىغان شۇنداقلا ئادەملەردىكى ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىلللەنگەن يېڭى زۇكام ۋىرۇسى ئىكەن. مۇتەخىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە كىشىلەر ئارا تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللىك تارقىلىش يوللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش،ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش،ھەمدە ھاشارەتلەر ئارقىلىق يۇقۇملىنىش دەپ ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنى ئېلىش ،تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن بولغىنى نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئىكەن.بۇ خىل زۇكامنىڭ پەسىل خارەكتىرلىك ئادەتتىكى زۇكامدىن پەرقلىنىدىغان يېرى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى پەسىل خارەكتىرلىك زۇكامغا نىسبەتەن ئاللىقاچان ئىممۇنىتىت كۈچى شەكىللىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ يېڭى زۇكام ۋىرۇسى يېڭى پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەردە قارشىلىق كۈچى شەكىللەنمىگەن ئىكەن. بۇ قېتىم كۆرۈلگەن A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام 2003-يىلى مەملىكىتىمىزدە كۆرۈلگەن سارس بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولۇپ،ھەر ئىككىلىسى نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدىغان كىسەللىككە تەۋە.شۇڭا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى سارس ۋىرۇسى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن.ئەمما ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ،1-2 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كىشىلەر بۇ خىل زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەي تۇرۇپلا ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلايدىكەن. ئۇنداقتا بۇ خىل زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى قانداق؟ بۇ زۇكام ۋىرۇسى ئاساسەن نەپەسلىنىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز،بۇ ۋىرۇس 4-5مىتىر ئارىلىقتا ئىككى سائەت تۇرالايدۇ.مۇشۇ خىل ھاۋا بىلەن نەپەسلەنگەنلەر يۇقۇملىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئىپادىلەنگەن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن،يەنى قىزىش، يۆتىلىش،ۋە ئىچى سۈرۈش ،بىشى قىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا زۇكام بولغۇچىنىڭ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قىيىنكەن. ئىگىلىشىچە، يۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق تارقىلىشچان كېسەللكىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋاكسىىنا تەتقىق قىلىپ قىلىپ ئىشلىتىش ئىكەن. ئەمما ھازىرغا قەدەر A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا نىسبەتەن ۋاكسىنا يوق ئىكەن.دافىي قاتارلىق دورىلار ھازىر بۇ خىل كىسەلگە تەدبىقلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ ،كىشىلەر بۇ خىل دورىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يىيىشى لازىم . يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن رايونلاردا كىشىلەر مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىدە بۇ خىل دورىنى ئىستىمال قىلسا ،بەدەندا بۇ خىل كىسەلگە قارشى باشقا ئىنكاسلار كۆرۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ھەر قايسى ئەللەردە، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىنى تەتقىق ئىشلەپ چىقىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىۋېتىپتۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ۋە ئۈنۈملۈك دورىلار ياسىلىپ چىقىشتىن ئىلگىرى خەلق ئاممىسى ئۆز ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەپ ئۆستۈرىشى لازىمكەن.يەنى شەخسىي تازىلىقىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ سرتتىن ئۆيگە كىرگەن ھامان قولنى سوپۇنداپ يۇيۇش ،ئۆينىڭ ھاۋاسىنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئادەم كۆپ ھاۋاسى دىمىق ئاممىۋىي سورۇۇنلارغا ئامال بار بارماسلىق،يۇقۇم رايونىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ككرۈشۈشتە ئىھتىياتچان بولۇشى لازىم.ئەگەر يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە،سرتقا چىقماي تۇرۇپ 120گە تېلېفون ئۇرۇش ،سرتقا چىقماسلىق كېرەك! نۆۋەتتە ئىلىمىز بۇ خىل تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە دۇنيادا بۇ خىل ۋىرۇسقا قارىتا ۋاكسىنا تېخى تەتقىق قىلىنىپ چىقىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەخەسسىلەر خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن دۆلەت ۋە رايونلارغا ئامال بار ۋاقتىنچە بارماسلىقىنى، ئادەملەر كۆپ توپلاشقان، ھاۋاسى دىمىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا تۇرماسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. شۇنداقلا قىزىتما ئۆرلەش قاتارلىق تارقىلىشچان زۇكام ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

[admin تەستىقلىدى . 2010-3-27 10:43:17]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 461 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01