چىقچىق



چىقچىق



     چىقچىق يۇرتىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان سۇ كەچكۈچى قۇش تۈرى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدۇ.



چىقچىقچىقچىق



   باشقا ئاتىلىشى: زەيلىك توخۇسى، يېكەنتوخۇسى. سۇ كەپتىرى

   ئىنگلىزچە نامى: Little Crake

   كلاسسىفىكاتسىيىلىك ئورنى: تۇرنىسىمانلار ئەترىتى، يېكەنتوخۇسى ئائىلىسى.

    مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: رەڭدار چىقچىق كىچىك تىپتىكى سۇ كەچكۈچى قۇش بولۇپ، تەن ئۇزۇنلۇقى 18 ـ 20 سانتىمېتىر، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8 ـ 11 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 ـ 6 سانتىمېتىر، تۇمشۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1 ـ 5.1 سانتىمىتىر، پاقالچىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 ـ 4 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. باش چوققىسى ۋە بويۇن كەينى خۇنۇك قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ، دۈمبە ۋە يەلكە )مۈرە( قىسىمى كۆڭۈچ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، كەڭ قارا يوللار ۋە بىر قىسىم تار ئاق يوللار بولىدۇ. بوينى ۋە تېنىنىڭ ئاستى قىسىمى كۈل رەڭ بولىدۇ. ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرىنىڭ سىرتقى مامۇق پەي گىرۋەكلىرى سۇس قىزغۇچ بولىدۇ، قانات ئۈستى ياپقۇچ پەيلىرى كۆكۈچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. ئالدىنقى ماڭلىيى، باشنىڭ ئىككى يېنى، تېنىنىڭ ئاستى، ئېڭىكى، بوغۇزى ۋە بويۇن ئالدى قاتارلىق قىسىملىرى كۈل رەڭ بولىدۇ. ئىككى يېنىدا روشەن ئاق رەڭلىك توغرا داغلار بولىدۇ، كۆز ئەتراپى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ئەركىكى بىلەن چىشىسىنىڭ تېنىنىڭ رەڭگى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، چىشىلىرىنىڭ تەن ئاستى سەل سارغۇچ بولىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسى قىزىل، تۇمشىقى يېشىل، تۇمشىقى ئاساسى قىزىل بولىدۇ، پاقالچاق ۋە بارماقلىرى خۇنۇك يېشىل رەڭدە بولىدۇ.

   بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى: رەڭدار چىقچىق سازلىقلاردا، قومۇشلۇقلاردا، دەريا، كۆل بويلىرىدا، ئېقىن بويلىرىدا ياشايدۇ. ئورمانلىق، تۈزلەڭلىك، چۆللۈك ھەتتا دېڭىز يۈزىدىن 2000 مېتىر ئېگىز بولغان كۆل، سازلىقلاردىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. دائىم يالغۇز ياكى بىز ئائىلە بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. سۇ كېچىپ ياشايدۇ، بەزىدە سۇمۇ ئۈزىدۇ، بولۇپمۇ قومۇشلۇق كۆللەردە ئۈزگىنىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ، ئاساسەن كۈندۈزى ھەركەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ سەھەردە ۋە قاش قارايغاندا ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىنىپ كېتىدۇ، قۇمۇشلۇقلار ئارىسىدا يۈگۈرۈپ ماڭالايدۇ، ئادەتتە ھەرىكەت قىلغان چاغدا سايرايدۇ، خەتەرگە يولۇققاندا، قومۇشلۇق ئارسىدا تېز يۈگۈرۈش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، قومۇشلۇق ئارىسىغا كىرىپ كېتىش ئارقىلىپ كۈشەندىلىرىدىن قۇتۇلىدۇ. ئادەتتە ئۇچمايدۇ، ئۇچقاندىمۇ ئۇزۇن ئۇچمايدۇ. ئۇ ئاساسلىقى سۇ جانلىقلىرى ۋە ھاشارەتلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى، يۇمران غولى، مېۋىلىرى ۋە بىر قىسىم زىرائەت ئۇزۇقلىرى بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ، ئاساسەن سۇ يۈزىدىن ئوزۇق ئالىدۇ، بەزى چاغلاردا سۇغا شۇڭغۇپ كىرىپ ئوزۇق ئالىدۇ.

    7 ~ 5 ـ ئايلار رەڭدار چىقچىقنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى. ئۇ جۈپ بولۇپ ياشايدۇ، يەنى بىر چىشى بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئۇۋىسىنى قومۇشلار كۆپ، سۇ ئوتلىرى مول بولغان كۆل بويلىرىغا، قومۇشلۇق ۋە ئوت ـ چۆپلەر ئارىسىغا سېلىپ، سۇدىن چىقىپ تۇرغان قومۇشلۇقلارغا مۇقىملاشتۇرىدۇ، ئۇۋىسى سۇ يۈزىدىن يىراق بولمايدۇ. ئۇۋىسىنى قومۇش يوپۇرماقلىرى ۋە ئوت ـ چۆپلەر بىلەن سالىدۇ، ئۇۋىسىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى 10 ـ 15 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 7 ـ 10 سانتىمېتىر، چوڭقۇرلۇقى 3 ـ 7 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇۋىسىنى ئورتاق سالىدۇ، يىلدا بىر قېتىم كۆپىيىدۇ، ھەر قېتىمدا 7 ـ 8 تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇمى سۇس كۈل رەڭ بولۇپ، يۈزىدە قوڭۇر داغلار بولىدۇ. تۇخۇمنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى 23 ـ ئېگىزلىكى 19 مىللىمىتىر كەڭلىكى 33 مىللىمىتىر ـ 28 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ. ھەممە تۇخۇمنى تۇخۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تۇخۇم باسىدۇ. تۇخۇمنى ئەركىكى بىلەن چىشىسى نۆۋەتلىشىپ باسىدۇ، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 20 ـ 22 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. 

    

   جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى: رەڭدار چىقچىق خاس تۈر بولۇپ، كەنجى تۈر دەپ ئايرىلمايدۇ. ئۇ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ شىمالىي تەڭرىتاغ رايونىغا، تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلارغا تارقالغان. دۆلىتىمىز ئىچىدە ھازىرغىچە باشقا جايلاردا يوق. چەت ئەللەردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە تارقالغان، ئافرىقا، غەربىي ئاسىيا ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىي رايونلىرىدا قىشلايدۇ. ئىقتىسادىي قىممىتى: ئۇ ئاساسلىقى ھاشارەت ۋە بىر قىسىم سۇ جانلىقلىرىنى ئوزۇق قىلىدىغان بولغاچقا، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


   [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 13:08:21]

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1318 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-29