چۈمۈلە پادىشاھلىقى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 4 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     چۈمۈلە پادىشاھلىقى :  چۈمۈلىلەرنىڭ ئېنىق ئىش تەقسىماتى بولىدۇ، چۈمۈلە پادىشاھى بىلەن چۈمۈلە خانىش ئەۋلاد كۆپەيتىشكە مەسئۇل: ئىشچى چۈمۈلە يېمەكلىك تېپىش، ئۇۋا ياساش، تازلىق قىلىش، چىشى چۈمۈلە ۋە بالا چۈمۈلىلەرنى بېقىشقا مەسئۇل: ئەسكەر چۈمۈلە مەخسۇس قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ. چۈمۈلىنىڭ يىمەكلىكى چۈمۈلىلەر ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ھەم ئۇلارنىڭ شىرنىلىرى، ھەسەل شەبنىمى قاتارلىقلارنى يەيدۇ، ھەتتا تۈرداشلىرىنىڭ تۇخۇملىرى ۋە لىچىنكىلىرىنىمۇ يەيدۇ، يوپۇرماق كەسكۈچى چۈمۈلە يەنە ئۆزى ئۆسۈملۈك يوپۇرماقلىرىدا قوزىقارنى(موگۇ) ئۆستۈرۈپ يەيدۇ. ھەسەل چۈمۈلىسى ئوزۇقلۇقنى زاپاس ساقلاش ئۈچۈن گۈل شىرنىسى كۆرسىلا ئۆلەر ـ تىرىلىشىگە قارىماي يەۋېرىپ، قورسىقىنى دۈپدۈگلىلەك توپتەك قىلىۋېتىدۇ. چۈمۈلىنىڭ تۈرلىرى دۇنيادا تەخمنەن 8000 خىل چۈمۈلە بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ رايونىدىكىلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە سانى ئەڭ كۆپ، چۈمۈلىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 2~25 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، تېنىنىڭ رەڭگى سېرىق، قوڭۇر، قىزىل ياكى قارا قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ئۆيلەردە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى سۇس سېرىق رەڭلىك پىرئەۋىن چۈمۈلىسىدۇر. يوپۇرماق كەسكۈچى چۈمۈلىلەر ئۇۋىسىدا ئۆسۈملۈك يوپۇرماقلىرىدىن پايدىلىنىپ قوزىقارنى ئۆستۈرەلەيدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى (تەبىئەتتىكى دېھقانلار) دېيىشىدۇ. يوپۇرماق كەسكۈچى چۈمۈلە ئۆز ئېغىرلىقىدىنمۇ ئېغر نەرسىلەرنى يۆتكىيەلەيدۇ. مېكسىكا ھەسەل چۈمۈلىسى چۈمۈلە ئىنتايىن قەدىمكى ھاشاراتلارنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ پەيدا بولغىنىغا تەخمىنەن بىر مىليارد يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولۇپ ، دىنوزاۋۇر بىلەن بىر دەۋىردە ياشىغان . پۈتۈن دۇنيادا ھازىرغىچە بايقالغان چۈمۈلىنىڭ تۈرى تەخمىنەن 9000 خىل بولۇپ ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1322 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-28