پۇشكىن خانىم توغىرسىدا

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

پۇشكىن خانىم توغرىسىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار


    ئا. كۇنىدزوۋا (روسىيە)

    پۇشكىن خانىمىنىڭ تولۇق ئىسمى ناتالىيە نىكولايىۋنا پۇشكىنا(Natalia Nikolaevna Pushkina) بولۇپ، كېيىنكى ئېرىگە تەگكەندىن كېيىن لانسكايا دەپمۇ ئاتالغان. ناتالىيەنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى ناتاشا بولۇپ 1812-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چاررۇسىيىگە قاراشلىق تامبوۋ ئوبلاستىنىڭ كارىيان ناھىيىسىدە قەغەز سودىگىرى ئائىلىسدە تۇغۇلغان بولۇپ مومىسى شىۋېتسىيىلىك ئىدى. 

    ناتاشا ئائىلىسى موسكۋادىكى تۆھپە كۆرسەتكەن كازاك تۇغقانلىرىنىڭ بانىسىدا 1815-يىلى موسكۋاغا كۆچۈپ كەلگەن، ئاپىسى بۇ يەردە ناتاشانى فىرانسۇزلار ئاچقان ئاقسۆڭەكلەر مەكتىۋىگە بەرگەن. ناتاشا 16 يېشىدا پۇشكىن بىلەن تونۇشقان، ئىككى يىلدىن كېيىن توي قىلغان. تۆۋەندىكىسى موسكۋا گۈزىلى دەپ نام ئالغان، چىرايى بىلەن پۇشكىننىڭ جېنىغا زامىن بولغان ناتاشانىڭ 1831-يىلى سىزىلغان پورتىرىتى.



ناتالىيە پۇشكىننىڭ 1831-يىلىدىكى پورتىرىتى
ناتالىيە پۇشكىننىڭ 1831-يىلىدىكى پورتىرىتى

     1831 ـ يىلنىڭ شىۋىرغانلىق فېۋرال ئېيى، موسكىۋانىڭ نىكىتا كوچىسىدىكى پاسخا چېركاۋسى. ناتالىيە ئارقا ئېتىگى يەرگە سۆرۈلۈپ تۇرغان توي كۆينىكى كىيگەن ئىدى، ئاق گۈللۈك نېپىز رومال ئۇنىڭ يالىڭاچ مۈرىلىرىدىن ئېشىپ، دۈمبىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ نۇر يېغىپ تۇرغان گۈزەل چىرايىغا ھەممە كىشى زوقلىنىپ قارىشاتتى. پۇشكىن دۇنيادا باشقا ئادەم يوقتەك ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەيتتى. ناتالىيە نىكولايىۋنانىڭ شەھلا كۆزلىرى پۇشكىننىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇ كۆزلىرىدىن چەكسىز بەخت ۋە قىزغىن مۇھەببەتنى كۆردى. ئۇلار ئۈزۈكلىرىنى ئالماشتۇرۇۋاتقاندا، پۇشكىننىڭ ئۈزۈكى قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، گىلەمدە دۈگىلەپ كەتتى. ئۇ ئېڭىشىپ ئۈزۈكىنى ئالماقچى بولۇپ، سول قولىدىكى شامنى ئۆچۈرۈپ قويدى، مۇنبەردىكى ئىنجىل بىلەن كىرىستقا تېگىپ كېتىپ ئۇلارنىمۇ ئۆرۈۋەتتى. ناتالىيە نىكولايىۋنا پۇشكىننىڭ چىرايىنىڭ بىردىنلا تامدەك تاتىرىپ كەتكەنلىگىنى كۆردى...

    ئون سەككىز ياشلىق ناتالىيە نىكولايىۋنا توينىڭ ئۈچىنچى كۈنى سەھەردە ئويغىنىپ، ئېرىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆردى. ئۇ كارۋاتنىڭ يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بىر خىل چۈشىنىكسىز تۇيغۇغا چۆمگەن ناتالىيە:«ئۇ كېچىچە مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ چىققانمىدۇ؟» دەپ ئويلىدى. « بۈۋى مەريەم!» خۇددى بۇتنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك قوللىرىنى جۈپلەپ پىچىرلايتتى پۇشكىن. ناتالىيە ياش ئەگىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ تاتلىققىنا كۈلدى... شېرىن ئاينىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى، پۇشكىن ئۇنى ئالدىراپ ـ تېنەپ سۆيۈپ قوياتتى ـ دە، ئەتىدىن ـ كەچكىچە دوستلىرى بىلەن ئەدەبىيات توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىشاتتى. ناتالىيە بۇنىڭدىن ھەسرەتلىنىپ نۇرغۇن ياش تۆككەن ئىدى. بىراق پۇشكىندا كۆرۈلگەن مۇھەببەت ئىپادىسى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىمىغاچقا، ناتالىيەنىڭ كۆڭلى خېلى خاتىرجەم ئىدى. شائىر توينىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەن پادىشاھ يېزىسىدىكى ئاشۇ كىچىك ياغاچ ئۆيدە«يېۋىگىنى ئونېگىن» نىڭ ئاخىرقى بىر نەچچە بابى ـ يېۋىگننىڭ تاتىياناغا يازغان خېتىنى ئوقۇپ چىقتى. ناتالىيەمۇ ئېرى يازغان «كولومنانىڭ ھۇجرىسى» دېگەن داستاننى ئاققا كۆچۈرۈپ بەردى. پۇشكىننىڭ گۇگۇلغا «رېۋىزور» ۋە «ئۆلۈك جانلار» نىڭ سۇژىتىنى ئېيتىپ بەرگەنلىگىدىن ناتالىيە خەۋەردار ئىدى. شۇڭا ئۇ بىر قېتىم ئېرىگە خاپىمۇ بولدى.

    «- ۋاي ۋۇي مېنىڭ تەنتىگىم» دەپ قۇچاقلىدى ئۇنى پۇشكىن. ئارقىدىنلا بارمىقى بىلەن بېشىغا چېكىپ قويۇپ،« بۇ يەردە سىيۇژىت كۆپ، ماڭا يېتىدۇ» دېدى. پۇشكىن ئۆزىنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى مۇھەببەت ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا قىلچىمۇ يوشۇرماي ئېيتىپ بېرەتتى. ناتالىيە شۇ چاغلاردا بۇنىڭغا ئازاپلىنىپ نۇرغۇن ياش تۆككەن ئىدى. ھەتتا ئۇ كېيىنمۇ پۇشكىننىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىغا رەشك قىلىپ كەلدى. بىراق ناتالىيە پەقەت ئۆزىلا پۇشكىننىڭ ھەقىقىي سۆيگىنى ئىكەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن ئىشىنەتتى. بىر قېتىم ناتالىيە ھەدىسى بىلەن باغچىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلىشۋاتقان بىر توپ ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ئۇچراپ قېلىشتى. ئۇلار ئۇياقتىن-بۇياقتىن گەپ تاشلىشىپ، ئۇلارغا ھەر قىسما گەپلەر بىلەن چاقچاق قىلغىلى تۇردى. ساغۇچ چاچلىق، كۆزلىرى يوغانغىنا كەلگەن دانتىسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۇ ئۆزىگە تەمەننا قوياتتى، دانتىس ناتالىيەگە:

    «ـ سىزدەك ھۆر ـ پەرىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. ھۆسنى ـ جامالىڭىزنىڭ تەرىپى پېتىربۇرگدا تىللاردا داستان بولۇۋاتىدۇ. سىزنى كۆرۈشكە بۈگۈن مۇيەسسەر بوپتىمەن» دېدى دە، قوللىرىنى قوشتۇرۇپ تازىم قىلدى، «ـ بىراق، ئايدەك جامالىڭىزنىڭ سېھرى كۈچىگە بەند قىلىنسام، مەندىن ئاغرىنىپ يۈرمەڭ يەنە، بۇنىڭدىن كېيىن كەينىڭىزدىن يانمايمەن... ئاھ، بۇ قىسمەت مېنىڭ پېشانەمگە پۈتۈلگەن».

     ناتالىيە ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي يولىغا كېتىۋەردى. ئاتلىق ئەسكەرلەرمۇ ئۇنىڭغا يول بېرىشكە مەجبۇر بولۇشتى. ھەدىسى يىكاتىرىنا خۇلۇق چىقىرىپ، سىڭلىسىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. بارىن دانتىس كىشلەرگە يېقىندا ئارىلاشقان ئىدى. ئۇ پارىژدا يۈز تاپالماي، مەنسەپ ۋە ئابروي تېپىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، 1833 ـ يىلى ئۆكتەبىردە روسىيىگە كەلدى. ئۇ نىكولاي 1 نىڭ قېيىن ئىنىسى ۋىليام پروسسىكىنىڭ تەۋسىيەنامىسىنى ئېلىپ كەلگەچكە، رۇسچىنى زادىلا بىلمىسىمۇ، ناھايىتى تېزلا گۋاردىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىنىڭ پوروچىكلىغىغا تەيىنلەندى.


ناتالىيە روسىيە ئاتاقلىق شائىرى پۇشكىننىڭ خانىمى
1812-1863ناتالىيە روسىيە ئاتاقلىق شائىرى پۇشكىننىڭ خانىمى 1812-1863

    دانتىس دىدىل، پەملىك ۋە ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇستا بولغانلىقتىن، پېتىر بۇرگنىڭ يۇقىرى قاتلام تەبىقىسىگە ئارىلىشىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلاردىن بولۇپ قالدى. ئۇ بارلىق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ناتالىيەنىڭ كەينىگە چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا مۇھەببەت خەتلىرى يازدى؛ تانسا ئويناۋېتىپ، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت گەپلىرىنى قىلدى. دەسلەپتە ناتالىيە دانتىسنىڭ تەلىۋىگە ئادەتتىكىچە پوزىتسىيە تۇتتى، كېيىن ئۇنىڭدىن بىزار بولدى، بىر تۇرۇپ يەنە رەھىمى كېلىپ، ئۇنىڭ بۇنداق يېپىشقاقلىغىغا ھەيرانمۇ بولدى. كېيىنچە دانتىس مەيلى تانسىدا، مېھماندارچىلىقتا، ياكى سەيلىدە بولسۇن ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەيدىغانلا بولۇۋالدى. ئەمما ناتالىيەنىڭ قورقۇنچى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پۇشكىنغا ئېيتىپ بېرەتتى. 

    « ـ ئۇنىڭ كەينىمگە كىرىۋالغانلىقتىن ئۆزەممۇ خوشالمەن» دەيتتى ئۇ كۈلۈپ پۇشكىنغا. «بىراق مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىمەن. مېنىڭ سىز، بالىلىرىم ۋە ئۆزەمنىڭ ئالدىدا جاۋاپكار ئىكەنلىكىم سىزگە ئايانغۇ». پۇشكىن دانتىسنىڭ ناتالىيەنىڭ كەينىگە كىرىۋالغانلىقىغا سەۋرى ـ تاقەت قىلدى. دەسلەپتە ئۇ ياشلار ئادەتتە مۇشۇنداق بولىدۇ، دانتس بىر مەزگىل بىھۇدە ئاۋارە بولغاندىن كېيىن باشقا ئاياللار بىلەن بولۇپ كېتەر دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى. كەيپىيات جىددىيلەشتى، پۇشكىنغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان روسىيە يۇقىرى قاتلام تەبىقىسى يامان غەرەز بىلەن پىتنە ئىغۋا ئويدۇرۇپ، ئۇنى ئازاپلاشقا باشلىدى. پۇشكىن ۋە ئۇنىڭ ئايالى مۇھاسىرىگە ئالغان سۈيقەست چەمبىرىكى بارغانسېرى تارايدى. ناتالىيە ياش ۋە گۆدەك بولغانلىقتىن، نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشۈنۈپ يېتەلمەيتتى.

     1835ـ يىلى 4 ـ نويابىر كۈنى پۇشكىن ھاقارەتلىك سۆزلەر يېزىلغان ئىسىمسىز خەتنى تاپشۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دانتسىنى دەرھال دوئىلغا چاقىردى، بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى خوتۇنىغا ئېيتمىدى. دوئىلدىن قورققان توخۇ يۈرەك دانتس رەڭۋازلىق قىلىشقا ئۆتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ناتالىيەنىڭ ئەتىراپىدا ئەگىپ يۈرگەنلىكىنى ئۇنىڭ ھەدىسى يىكاتىرىناغا يېقىنلىشىش مەقسىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دەررۇ ئۇنىڭغا ئۆيلىنىش تەلىۋىنى قويدى. يىكاتىرىنا بەكمۇ ھاياجانلىنىپ، بۇنى ئۆزى ئۈچۈن زور بەخت دەپ بىلدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ دانتسىنىڭ ئۆزى بىلەن ئىلاجىسىزلىقتىنلا توي قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەتتى. تويدىن كېيىن دانتىس يەنىلا ناتالىيەنى ئەگىپ يۈردى، ئۇ بىر قېتىملىق تانسىدا تەپتارتمايلا ناتالىيەنى ۋالىسقا تەكلىپ قىلدى، ناتالىيە نېمە قىلارىنى بىلمەي ئاخىرى ماقۇل بولدى ۋە ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا « سىز ئەمدى ئاكام بولۇپ قالدىڭىز، ئەمدى بۇنداق قىلىپ يۈرمەڭ» دېدى.

     «ـ مەن ھازىر سىزنىڭ تۇغقىنىڭىز»، ئۇنىڭغا ئاۋالقىدەكلا مۇھەببەت نەزىرى بىلەن تىكىلىپ كۈلدى دانتس، «ـ ئەمدى مەندىن قاچىسڭىز، جامائەت سىزنى ئەيىپلەيدۇ». ئۇ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ناتالىيە بىلەن خالى يەردە ئۇچۇرۇششنى ئۆتۈندى، ئەمما ناتالىيە بۇنى رەت قىلدى.

     بىر كۈنى ناتالىيەنى بىر دوستى مېھمانخانىغا چاقىردى. ئەمما مېھمانخانىدا ئۇنى دوستى ئەمەس، بەلكى دانتس كۈتىۋالدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بارلىق دەرىزىلەرگە چەتلىرى ئىشلەنگەن ئاچ سېرىق پەردىلەر ھىم تارتىلغان ئىدى. ئۆي ئىچىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. دانتس ئۇنىڭ ئاياقلىرىغا يىقىلىپ، ئۆزىنىڭ ساقايماس ئىشىق سەۋداسىغا مۇپتىلا بولغانلىقىنى بايان قىلىشقا باشلىدى. ھەمدە يىكاتىرىنا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، ناتالىيە بىلەن توي قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۆيدە ئىككىسىلا بولغانلىقتىن، ناتالىيەنى قورقۇنچ بېسىپ، ۋارقىراپ دوستىنى چاقىردى. دوستى بوسۇغىدا پەيدا بولۇشى بىلەن، ناتالىيە «خەير ئەمىسە» دەپلا كېتىپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇ دانتستىن مەڭگۈ قول ئۈزدى. ناتالىيە چار پادىشاھ نىكولايI نىڭمۇ نەزىرىدىن چەتتە قالمىغان ئىدى، بۇنى ھەممە كىشى بىلەتتى. بىر كۈنى ناتالىيە پۇشكىن بىلەن قاتار كېلىۋاتاتتى، سۆلەتلىك كىيىنگەن پادىشاھ، خانىش ۋە خىزمەتكارلار ئۇلارغا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالدى. ناتالىيە تەڭدىشى يوق بىر شەخىسكە سالام بېرىۋېتىپ بەكمۇ ئوڭايسىزلاندى. ھودۇقۇپ كەتكەنلەر پۇشكىن بىلەن ناتالىيە ئەمەس، بەلكى چارپادىشاھ، خانىش ۋە خىزمەتكارلار ئىدى. يۇقىرى قاتلام تەبىقىسى ئىچىدە بۇنداق ساھىپجاماللار ئاز ئۇچرايتتى. شۇڭا ئۇلار ھاڭ ـ تاڭ قېلىپ، بىر ھازاغىچە گەپ قىلالماي قېلىشتى. ناھايەت، پادىشاھ گەپ ئېچىپ، ئۆزىنىڭ بۇ گۈزەل خانىم بىلەن تونۇشقانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، خانىشمۇ گەپ قىستۇرۇپ ناتالىيەنى ئوردىغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پۇشكىننىڭ گۈزەل ئايالى ئوردا بىلەن باردى كەلدى قىلىش ئۈچۈن، پۇشكىنغا ئوردا مۇھاپىزەتچىسى دەپ ئۇنۋان بېرىلدى. پۇشكىن بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەندى. چۈنكى بۇنداق ئۇنۋان ياش قورامى كىچىك ئاقسۆڭەكلەرگىلا بېرىلەتتى. پۇشكىن دەرھال ئاغرىپ قالغان بولىۋېلىپ ئوردىغا بارمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ناتالىيە پادىشاھدىن كۆپ قېتىم رەنجىش ئاڭلىدى. پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش مۇراسىمى پېتىر ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ياخشى ئىدى. ئوردىدىكى رەڭگا ـ رەڭ شام-چىراقلار كېچىنى كۈندۈزدىكىدەك يورۇتۇۋەتكەن ئىدى. پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم تانسا ئوينىدى. ئۇ مازوركا تانسىنى ئويناۋېتىپ:

   « ـ خانىم، ماڭا بىر باقىسىڭىزچۇ، سىزنىڭ نەزىرىڭىزلا ماڭا خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، بىر قاراپ چار پادىشاھىنى خۇرسەن قىلىڭچۇ. ئۇ دۆلەت ۋە پۇقرانى دەپ كېچە ـ كۈندۈز رىيازەت چېكىدۇ. خۇشاللىق ئۇنىڭغا ئاز نېسىپ بولىدۇ، ئۇنىڭ خوشاللىقى تەسەۋۇرىڭىزدىكىدىن بەكمۇ ئاز» دېدى. 

   ناتالىيە شەھلا كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا لەپپىدە قاراپ قويدى، ئۇ، پادىشاھنىڭ ھازىر يالۋۇرۇۋاتقىنىدەك قىلغان بىلەن ۋاقتى كەلگەندە بۇيرۇقمۇ قىلالايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەتتى. ناتالىيە پادىشاھغا ئەدەپ بىلەن، ئەمما سوغۇقراق مۇئامىلىدە بولدى. كەچلىك زىياپەتتە، ئۇلار قاتار ئولتۇرۇشتى. خانىشنىڭ كەيپى چاغ ئىدى. ئۇ ناتالىيەگە بەكمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتتى، بۇنىڭ بىلەن ناتالىيەنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشتى. بۇ چاغدا باشقىلار ئۇنى« مانا قاراڭلار! ئۇ ھەتتا چار پادىشاھىنى بويسۇندۇردى، ئۇ چىراي ئېچىپ قاراپ قويۇۋىدى، چار پادىشاھ ئۇنىڭ ئالدىدا تىز چۆكۈشكە تەييار تۇرىدۇ» دەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، بۇ چاغدا ياشلىقنىڭ بىر خىل بەڭۋاش خوشاللىقىغا مەس بولغان ناتالىيە كۆرەڭلەپ خۇدىنى بىلمەي قالدى. 

    ئۇ شۇ كۈنى كەچتە، پادىشاھغا تۇنجى قېتىم نازۇ كەرەشمە بىلەن مۇئامىلە قىلدى. بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان پۇشكىن ناتالىيەگە مۇنداق خەت يازدى:«... شۇنى كۆرىۋېلىش مۇمكىنكى، سەن نازۇ خۇلۇق چىقىرىپ تەلەتىدىن مۇز ياغدۇرۇپ تۇرىدىغان مەلۇم ئەرباپنىڭ ھوش ـ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىۋېتىپسەن. ئۇ بىر نەچچە قىزنى ئارقا ئوردىغا چاقىرىپ، ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىشقا مەجبۇر بوپتۇ». ناتالىيە ياش بولسىمۇ، ئۆزى بىلەن چار پادىشاھ ئوتتۇرسىدىكى شەكىلسىز چېگىرىدىن ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇ سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇ، پاك ۋە غۇرۇرلۇق ئىدى، ئۆزى جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، پۇشكىننى ئىنتايىن سۆيەتتى. ئۇ پۇشكىننىڭ ۋەتەنگە چار پادىشاھدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىگىنى چۈشىنەتتى.


ناتالىيە         Natalia Pushkinaناتالىيە Natalia Pushkina

    1837 ـ يىلى يانۋاردا، پۇشكىن پېتىر بۇرگدىكى شاللاق بايۋەچچە دانتس بىلەن دوئىلغا چىقىپ، بەختكە قارشى قازا تاپتى. ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا قولىدىن كېلىشىچە ناتالىيە نىكولايىۋنا پۇشكىنانىڭ كۆڭلىنى ياساپ: «خاتىرجەم بولغىن. سەندىن سەۋەنلىك ئۆتمىدى. ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»دېدى. ناتالىيە ئۆزىنى پارە ـ پارە قىلىۋەتكىدەك بولۇپ: «پۇشكىن، سىز ئۆلمەڭ!» دەپ ۋارقىراپ ھۇشىدىن كەتتى. پۇشكىن ھايات ۋاقتىدا قىز دوستى ئوسپوۋاغا: «ھازىر غەم ـ ئەندىشە ئىچىدە شۇنى كۆرۈۋاتىمەنكى، مېنىڭ بىچارە ناتالىيەم ھەممە ئادەمدىن داۋاسىنى يەيدىغان بولۇپ قالدى» دەپ ھال ئوقۇغان ئىدى. پۇشكىن جان ئۈزۈش ئالدىمۇ:«ئۇنىڭ بىگۇناھ تۇرۇپ كىشلەرنىڭ سۆز ـ چۆچەكلىرىگە قېلىۋاتقانلىقىغا ئېچىنىمەن» دېدى.

    پۇشكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن لېرمونتوپ دائىم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۇردى. بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ ناتالىيەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئوڭۇشسىزلىقلار، ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئادەمگەرچىلىكنىڭ قالمايۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ناتالىيەمۇ لېرمونتوپنى يېقىن كۆرۈپ، ئۆزىنىڭمۇ سوغاق، زەردىلىك مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى. شۇ قېتىم لېرمونتوپ :«سىزنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرساممۇ، جەمئىيەتتىكى غەيۋەتلەرگە ئىشىنىپ كەتكەنلىكىمدىن سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىدىم» دەپ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىپ، ناتالىيەدىن ئەپۇ سورىدى. ناتالىيەمۇ ئۇنى ئەپۇ قىلدى. ئۇلار كېچىچە مۇڭدىشاتتى. ناتالىيە ئۆزىگە سىرداش دوست تاپقانلىقىنى ھېس قىلدى. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ شائىرنىڭ ھاياتىنى ئەجەل ئېلىپ كېتىدىغانلىقى كىمنىڭ ئېسىگە كەلسۇن؟

    پۇشكىن جان ئۈزۈش ئالدىدا: «يېزىغا كۆچۈپ كەت، مەن ئۈچۈن ئىككى يىل ماتەم تۇتقاندىن كېيىن ئەرگە تەكگىن. ئەمما، ئېغىر بېسىق، دۇرۇست كىشىگە ياتلىق بولغىن» دەپ تاپىلىغان ئىدى. شۇڭا ناتالىيە باللىرىنى ئېلىپ يىل ئەمەس، بەلكى توپتوغرا يەتتە يىل ئولتۇردى. ئۇلار پېتىربۇرگقا قايتىدىن كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۆيلىنىش تەلىۋىنى قويغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، لېكىن ناتالىيە ئۇلارنىڭ ھەممىسنى رەت قىلدى، ئۇ: «ئۇلارغا بالىلىرىم ئەمەس، ئۆزەملا كېرەك، بالىلىرىم ـ مېنىڭ جان تومۇرۇم، ھاياتىمنىڭ خوشاللىقى» دەيتتى. كېيىنچە لانسكوي كەلدى. ئۇ ناتالىيەنى ياخشى كۆرەتتى. بالىلارغىمۇ ئىنتايىن ئامراق ئىدى. شۇ مەزگىلدە، چار پادىشاھ لانسكوينى گۋاردىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىنىڭ كوماندىرلىغىغا تەيىنلىدى. ئازادە، كۆركەم تۇرار جايغا ئېرىشكەن لانسكوي ناتالىيەگە ئۆيلىنىش تەلىۋىنى قويدى. ...

    توي 1844 ـ يىلى 16 ـ ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. لانسكوي قائىدە بويىچە چار پادىشاھدىن رازىمەتچىلىك سورىدى. چار پادىشاھ ئۇلارنى تەرىپلىدى ۋە تويغا ئۆزى باش بولماقچى بولدى. لانسكوي خۇشاللىقىدا پادىشاھنىڭ تىلىگىنى ناتالىيەگە ئېيتتى. بىراق ئۇ خاپا بولۇپ قەتئىيلىك بىلەن:« ـ تويىمىزنى ئىنتايىن ئاددىي ئۆتكۈزۈپ، تۇغقانلىرىمىز ۋە يېقىن دوستلىرىمىزنى چاقىرايلى. سىز پادىشاھغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ، ئۇبىزنى ئەپۇ قىلسۇن. ئەكسىچە بولغاندا، تەڭرى مېنى كەچۈرمەيدۇ» دېدى. تويدىن كېيىن ناتالىيە بىلەن لانسكوي ناھايىتى ئىناق ئۆتتى. ئۇ ناتالىيەگە ھەر جەھەتتىن كۆيۈنەتتى، پۇشكىننىمۇ ھۆرمەت قىلاتتى ۋە ياد ئېتەتتى. بالىلار ئۇنى دادا دىمەي ئاپىسنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە پيوتىر پېتروۋچ دەپ چاقىراتتى، بىراق ئۇنى ئىززەتلەيتتى ۋە ياخشى كۆرەتتى، ناتالىيەنىڭ كۆڭلى بەكمۇ پەرىشان ئىدى. ناتالىيە دائىم پۇشكىننى ئەسلەپ، دۇئا ـ تىلاۋەت قىلىپ تۇراتتى.ئۇ لانسكويدىن ئۈچ قىز كۆردى ۋە بارلىق زېھنى كۈچىنى بالىلارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشقا سەرپ قىلدى. 

    1863 ـ يىلى 26 ـ نويابىر كۈنى سەھەردە، پۇشكىن ئەينى زاماندا ئاشىق بىقارار بولغان بۇ تەڭداشسىز گۈزەل ئالەمدىن ئۆتتى.


   «دۇنيا ئەدەبىياتى» 1985-يىللىق 3-سانىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى؛


   خەنزۇچە «دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە» ژورنىلىنىڭ 1984 ـ يىلى 1ـ ساندىن مەسئۇت خالىت تەرجىمىسى؛


   [qarluq تەستىقلىدى. 2010-2-27 12:23:50]

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 278 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-13